دۇشەنبە 22 جىمادۇسسانى 1446 - 23 دىكابىر 2024
Uygur

مەسچىت ھەيئەتلىرىنىڭ كاپىرلارنىڭ بايرام پائالىيەتلىرى ئۈچۈن مەسچىتنىڭ سىرتىدىكى مەيداننى ئارىيەت بېرىشى توغرا بولامدۇ؟

135001

تارقاتقان ۋاقىت : 23-12-2024

كۆرگۈچىلەر : 11

سۇئال

مۇسۇلمان بولمىغان كىشىلەرنىڭ مەسچىتنىڭ مەيدانىغا كىرىشىنىڭ ھۆكمى قانداق؟، مەسچىتنىڭ نامازغا تەييارلانغان ئورنىدىن باشقا مەسچىتكە قاراشلىق مەيدان بولۇپ، مەيدان بىلەن مەسچىتنىڭ ئارىسىدا بىر ئىشىك بار، بۇ مەيداندا ئورۇندۇق، شىرە قاتارلىق نەرسىلەر بولۇپ ئىھتىياج بولغاندا پايدىلىنىدۇ، بۇ يەرگە مۇسۇلمان بولمىغان كىشىلەرنىڭ كىرىشى يىلدا مەلۇم ۋاقىتتا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يىللىق بايرام پائالىيەت كۈنلىرىدە بولىدۇ، يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان قاچا-قۇچىلار بار، بۇ كۈندە تاپقان پۇل مەسچىتكە كىرىم بولىدۇ، ئۇنى مەسچىتنىڭ بەزى ئىشلىرىغا ئىشلىتىدۇ، بۇ ئىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ئىش ئۇلارنىڭ بايراملىرىغا شېرىك بولغانلىق دەپ ئېتىبارغا ئىلىنامدۇ؟. بىزنىڭ مەقسىدىمىز بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، مەسچىتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پۇل توپلاش، بۇ يىل ئۇلارنىڭ مەيداندا بولغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا ئىسلامنى تونۇشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئۇلارنىڭ مەسچىتنىڭ مەيدانىغا كىرىشى خاتا بولامدۇ؟ بىز غەرب دۆلەتلىرىدىن بىرىدە ياشايمىز؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى “ئەگەر بۇ مەيدان ياسالغاندا بۇ مەسچىتنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس، بۇ يەردە تۈرلۈك پائالىيەت، يىغىلىش، قۇتلۇقلاش دېگەندەك ئىشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ، دېگەننى مەقسەت قىلىپ ياسىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇ مەيدان مەسچىتنىڭ ھۆكمىدە بولمايدۇ، ئۇ ۋاقىتتا كاپىرلارنىڭمۇ ئۇ يەرگە كېرىشى دۇرۇس بولىدۇ.

ئەمما بۇ مەيدان مەسچىتنىڭ بىر قىسمى دەپ تەييارلانغان بولسا، بۇ يەردە ئىككى ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان ۋە باشقا بايرام پائالىيەتلىرى ئىلىپ بېرىلىدىغان بولسا، بۇ مەسچىتنىڭ بىر قىسمى بولۇپ مەسچىتنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.

ئەگەر بۇ مەيداننى ياسىغاندا مەلۇم بىر ئىشنى  مەقسەت قىلماي ياسىغان بولسا، بۇ مەسچىتنىڭ قۇرۇلۇشىغا كىرىپ كېتىدۇ، ياكى ئۇ مەيدان بىلەن مەسچىتنى بىر ئوراپ تۇرغان تام بىر بولسا ئۇ ۋاقىتتىمۇ بۇ مەيدان مەسچىتنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: “مەيدان مەسچىتنىڭ تېمىنىڭ ئىچىدە بولسا ئۇ مەسچىتنىڭ جۈملىسىدىن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەسچىتنىڭ ھۆكمى بولىدۇ، مەسچىتنىڭ سەيناسى مەسچىتتىن ھېسابلىنىدۇ، مەسچىتنىڭ كىتابخانىسى مەسچىتتىن ھېسابلىنىدۇ، مەسچىتنىڭ تېمىنىڭ ئىچىدە بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مەسچىتنىڭ دائىرىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. پەتىۋادا: شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ، شەيخ ئابدۇللاھ غۇدەييان، شەيخ سالىھ پەۋزان، ۋە شەيخ بەكىر ئەبۇ زەيد قاتارلىقلار. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى 5/234-بەت.

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 103136-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

كاپىرنىڭ مەسچىتكە كىرىشى توغرا بولمايدۇ، لېكىن ھاجەت بولسا ياكى زۆرۈرىيەت بولسا كىرسە بولىدۇ. يەنى سۇ ئىچكىلى ياكى نۇتۇق تىڭشىغىلى كىرىمەن دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن بولسا بولىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 2192- ۋە 9444-نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

كاپىر مەسچىتكە كىرىپ ئەر-ئاياللار ئارىلىشىدىغان ياكى يېرىم يالىڭاچ ئاياللارمۇ كىرىدىغانغا ئوخشاش بەزى مۇنكەر ئىشلار يۈز بېرىدىغان بولسا بۇنىڭ ھاراملىقى تەخىرسىزدۇر.

ئەگەر بۇ مەيدان مەسچىتنىڭ ھۆكمىدە بولغاندا كاپىرلارنىڭ بايرام پائالىيەتلىرىنى قىلىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە كىرىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭغا شەرئى تەرەپتىنمۇ توغرا بولىدىغانلىقىغا دەلىل يوق.

بۇ مەيداننى كاپىرلارغا ۋە باشقىلارغىمۇ ئىجارىگە بېرىشكە بولمايدۇ، چۈنكى مەسچىت ئۇنىڭ ئۈچۈن ياسالمىغان، ھەقىقەتەن مەسچىت دېگەن ئاللاھنى ياد قىلىش ۋە ناماز ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بىنا قىلىنغان. مانا بۇ ئۇ ئورۇننىڭ ئۇلارغا ئىجارە بېرىشتىن چەكلىنىشىنىڭ ئىككىنچى سەۋەبدۇر.

ئىبنى قاسىم رەھىمەھۇللاھدىن: بىر كىشى مەسچىت بىنا قىلىپ  ئۇنى ناماز ئادا قىلىدىغانلارغا كىراغا بەرسە قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ كىشى: مېنىڭ قارىشىمدا بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى مەسچىت دېگەن كىراغا بېرىش ئۈچۈن بىنا قىلىنمايدۇ. [“ئەلمۇدەۋۋىنە” 3-توم 434-بەت].

ئىككىنچى: ئۇلارنىڭ مەسچىتنىڭ مەيدانىغا كىرىشىنى (ئۇ مەيدان مەسچىتنىڭ جۈملىسىدىن بولسۇن ياكى بولمىسۇن) چەكلەشنى تەقەززا قىلىدىغان ئۈچىنچى بىر سەۋەپ: ئۇ بولسىمۇ ئۇلار بۇ مەيدانغا پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ھېيت-بايرام پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كىرىدۇ، مۇشرىكلارنىڭ ھېيت-بايراملىرى باتىلدۇر. مۇسۇلماننىڭ ئۇنىڭغا شېرىك بولىشى ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلا تَعَاوَنُوا عَلَى الإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار» [سۈرە مائىدە 2-ئايەت].

ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ھېيت-بايراملىرىدىن يىراق بولۇڭلار» [بەيھەقى رىۋايىتى 19334-ھەدىس].

بەزى سەلەپ ئالىملىرى ۋە تەپسىرشۇناسلار پۇرقان سۈرىسىدىكى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنىڭ سۈپىتى توغرىسىدىكى بۇ ئايەتنى: ﴿وَالَّذِينَ لا يَشْهَدُونَ الزُّورَ﴾‏ تەرجىمىسى: «ئۇلار(يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، يامان سۆزنى ئاڭلاپ قالغان چاغدا ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ». [سۈرە پۇرقان 72-ئايەت].

بۇ ئايەتنى بەزى تەپسىرشۇناس ئالىملار: (ئۇلار مۇشرىكلارنىڭ ھېيت-بايراملىرىغا قاتناشمايدۇ) دەپ ئىزاھلىغان. [تەپسىر ئىبنى كەسىر 3-توم 435-بەتكە قارالسۇن].

شەكسىزكى، مۇشرىكلارنىڭ ھېيت-بايراملىرى بولسا بىز ھازىر بولماسلىققا بۇيرۇلغان باتىل ئىشلاردىندۇر. ئايەتنىڭ مەنىسى ئومۇم بولۇپ، ھارام بولغان سۆز-ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، مۇشرىكلارنىڭ ھېيت-بايراملىرىمۇ ئۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. [“تەپسىر سەئدى” 686-بەت].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى