شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاللاھقا يېقىنلىشىش نىيىتىدىن غاپىل قىلىش توغرىسىدا

220806

تارقاتقان ۋاقىت : 25-02-2019

كۆرگۈچىلەر : 2305

سۇئال

ئاللاھقا يېقىنلىشىش نىيىتىنى ھازىر قىلماسلىق ئەمەلنىڭ توغرا بولىشىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ ياكى پەقەت ئەجىر-ساۋابنى كىمەيتىۋېتەمدۇ؟. ئەگەر بىر كىشى ئىسلام دىنىغا كىرىش نىيىتى بىلەن يۇيۇنسا ياكى جۇنابەتتىن پاك بولۇش نىيىتى بىلەن يۇيۇنسا، ئاللاھقا يېقىنلىشىش نىيىتىدىن غاپىل قالسا، ئۇنىڭ يۇيۇنىشى توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    شەكسىزكى، نىيەتنى توغرىلاش، ئىشنىڭ بېشىدا نىيەتنى ھازىر قىلىش، ئىبادەت قىلغۇچىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مەشغۇل بولىشى تەلەپ قىلىنىدىغان كاتتا ئىشتۇر، ئەمەلنىڭ قوبۇل بولىشى ياكى رەت قىلىنىشى نىيەتكە ئاساسەن بولىدۇ، قەلبنىڭ ساغلام بولىشى ياكى بۇزۇلۇشىمۇ نىيەتكە ئاساسەن بولىدۇ، ھەقىقەتەن قەلىپ دېگەن ئۇنىڭ ئىشى ۋە ھەرىكىتى پەقەت ئاللاھ ئۈچۈن بولغاندا ئاندىن ساغلام بولىدۇ.

     بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن ئەمەللەر نىيەتكە ئاساسەن بولىدۇ، ھەر بىر كىشى ئۈچۈن نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بارلىق مۇسۇلمانلار مۇشۇ ھەدىسنىڭ ئورنىنىڭ كاتتىلىقى، پايدىسىنىڭ كۆپلۈكى ۋە سەھىھ ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلدى.

    ئاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: كۆپچىلىك لۇغەت ئالىملىرى ۋە ئۇسۇل ئالىملىرى ۋە باشقا ئالىملار "ئىننەما" دېگەن سۆز: ئوراش ۋە زىكىر قىلىنغان نەرسىنى بېكىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن باشقىنى رەت قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان، بۇ ھەدىسنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى: ھەقىقەتەن ئەمەللەرگە نىيەتكە ئاساسەن ساۋاپ بېرىلىدۇ، نىيەتسىز بولۇپ قالسا ساۋاپ بېرىلمەيدۇ، بۇنىڭ دەلىلى: تەرەت ئېلىش، غۇسلى قىلىش، تەيەممۇم قىلىش قاتارلىق پەقەت نىيەت بىلەن توغرا بولىدۇ، شۇنىڭدەك، ناماز، زاكات، روزا، ھەج، ئېتىكاپ ۋە باشقا ئىبادەتلەرمۇ پەقەت نىيەت بىلەن توغرا بولىدۇ. ["نەۋەۋىينىڭ مۇسلىمنىڭ شەرھىسى" 13-توم 47-بەت].

    ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىسنىڭ كېيىنكى لەپزى: ھەر بىر كىشى ئۈچۈن نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ، بۇ ئىنساننىڭ قىلغان ئىشىدىن پەقەت كۆڭلىدە مەقسەت قىلغىنىنىڭ بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىشتۇر، ئەگەر ياخشىلىقنى مەقسەت قىلسا ئۇنىڭغا ياخشىلىق ھاسىل بولىدۇ، ئەگەر يامانلىقنى مەقسەت قىلسا يامانلىق ھاسىل بولىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ دەسلەپكى جۈملىنىڭ ئۆزىنى تەكرارلاش ئەمەس، ھەقىقەتەن دەسلەپكى جۈملە ئەمەلنىڭ توغرا ياكى خاتا بولىشىنىڭ ئەمەلنى قىلغۇچىنىڭ نىيىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئىككىنچى جۈملە بولسا، ئەمەل قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمىلىگە بېرىلىدىغان ساۋاپنىڭ ئۇنىڭ قىلغان ياخشى نىيىتىگە ئاساسەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك ئەمەلگە بېرىلىدىغان جازانىڭمۇ نىيىتىنىڭ توغرا بولماسلىقىغا ئاساسەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر نىيىتى مۇباھ بولسا قىلغان ئەمىلىمۇ مۇباھ بولىدۇ، ئۇنىڭغا ساۋاپ ياكى جازا بولمايدۇ، قىلغان ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ توغرا-خاتا ياكى مۇباھ بولىشى شۇ ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىش تەقەززاسى بويىچە ئۇنى قىلىشقا تۈرتكە بولغان نىيەتكە ئاساسەن بولىدۇ، ئەمەل قىلغۇچىنىڭ ساۋاپقا ئېرىشىشى، جازاغا ئۇچرىشىشى ۋە سالامەت بولىشى ئۇ كىشىنىڭ نىيىتىگە ئاساسەن بولىدۇ، قىلغان ئىشى نىيىتىگە ئاساسەن توغرا بولىدۇ ياكى خاتا بولىدۇ ياكى دۇرۇس بولىدۇ". ["جامىئۇل ئۇلۇمۇل ھەكەم"1-توم 65-بەت. "ئىئلامۇل مۇقۇئىين"3-توم 91-بەت].

    ئىككىنچى: ئەمەلنىڭ توغرا ياكى خاتا بولىشى ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان ۋە پىقھى ئۆلىمالىرى زىكىر قىلغان نىيەت بولسا، ئۇ ئەمەلنى باشقا ئىشلاردىن ئايرىش نىيىتىدۇر، ئەمما ئەمەلنىڭ قوبۇل بولىشى ياكى رەت قىلىنىشى ئۇنىڭغا ئاساسەن بولىدىغان نىيەت بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلىنغان نەرسىنى ئايرىش ۋە ئىبادەت قىلىنغۇچىنى باشقىسىدىن ئايرىش مەقسىدىدىكى نىيەتتۇر، بۇ نىيەت ئىخلاس دەپ ئىپادىلىنىدۇ.

    ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شۇنى بىلىش كېرەككى، نىيەت دېگەن لۇغەتتە، مەقسەت ۋە ئىرادىنىڭ بىر تۈرىدۇر، بۇ لەپزىلەرنىڭ ئارىسى بۇنى زىكىر قىلىشنىڭ ئورنى بولمىغان نەرسىلەردىن ئايرىش بىلەن بولىدۇ".

    نىيەت دېگەن ئۆلىمالارنىڭ سۆزىدە ئىككى مەنانى بىلدۈرىدۇ، بىرى: ئىبادەتنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئايرىش مەنىسىدە بولىدۇ، پېشىن نامىزىنى ئەسىر نامىزىدىن ئايرىغانغا ئوخشاش، رامىزان روزىسىنى باشقا روزىلاردىن ئايرىغانغا ئوخشاش ياكى ئىبادەتنى ئادەتتىن ئايرىغانغا ئوخشاش، جۇنابەتنىڭ يۇيۇنىشىنى باشقا سالقىنداش ۋە پاكىزلىنىش ئۈچۈن يۇيۇنغاندىن ئايرىش قاتارلىقلار، بۇ پىقھى ئۆلىمالىرىنىڭ سۆزلىرىدە ۋە كىتابلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان نىيەتتۇر.

    ئىككىنچى مەنىسى: مەقسەت قىلىنغان ئىشنى ئايرىش مەنىسىدە بولۇپ، بۇ ئىش ھېچ قانداق شېرىكى بولمىغان يالغۇز ئاللاھ ئۈچۈن بولدىمۇ ياكى ئۇنىڭ غەيرى ئۈچۈن بولدىمۇ ياكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ غەيرى ئۈچۈن تەڭ بولدىمۇ؟ بۇنى ئايرىشتۇر، بۇ نىيەت بولسا ئاللاھنى تونىغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدا ۋە سۆزلىرىدە بايان قىلىغان ئىخلاس ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئىبارەتتۇر. ئىخلاس دېگەن سۆز ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرىنىڭ كىتابلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. ["جامىئۇل ئۇلۇمۇل ھەكەم"1-توم 65-بەت].

    بۇنىڭ خۇلاسىسى: ئەمەلنىڭ توغرا بولىشى نىيەتكە ئاساسەن بولىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمىلى ئايرىلىدۇ، جۇنابەتنىڭ يۇيۇنىشى پاكىزلىق ياكى سالقىنداش ئۈچۈن بولغان يۇيۇنىشتىن ئايرىلىدۇ. مانا بۇ ئەمەلنى توغرا قىلىشتا تەلەپ قىلىنىدىغان نىيەتتۇر.      

     ئەمما ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش نىيىتى بولسا؛ كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن زور دەرىجىدە پەرىقلىق بولىدۇ، بۇنىڭ روياپقا چىقىشى ۋە ئىخلاس بىلەن بولىشى ئەمەل قىلغۇچىنىڭ قەدىر قىممىتى ۋە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا قىلغان ئەمىلىنىڭ ھىسابى بىلەن بولىدۇ.

    بۇنىڭدىن ئەمەل قىلغۇچىنىڭ ئايرىم لەپزى بىلەن يېقىنلىشىش نىيىتى ھازىر قىلىشى كېرەك بولمايدۇ، بەلكى ئىبادەتنى ياكى ئاللاھ ئۈچۈن ئىبادەت قىلىشنى ياكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى ياكى ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى لازىم تۇتۇش قاتارلىق شەرىئەتنىڭ توغرا بولغان مەقسەتلىرىنى نىيەت قىلسا بۇنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلىدۇ". ["پىقھى توپلاملىرى"33-توم 92-بەت، ۋە شەيخ سۇلايمان ئەشقەرنىڭ" مەقاسىدىل مۇكەللىپىين"50-56-بەتكە قارالسۇن].

    شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى پىقھى ئالىملىرى قىلغان ئىشتا ئايرىم يېقىنلىشىش نىيىتى كەلتۈرۈش كېرەك بولمايدۇ، بەلكى مەلۇم بىر ئەمەلنى ياكى مەلۇم بىر ئىبادەتنى ئۇنى باشقىسىدىن ئايرىش بىلەن نىيەت قىلسا كۇپايە قىلىدۇ دەيدۇ.

    ئىمام جۇۋەينىنىڭ "ئۇسۇل پىقھىنىڭ قىسقارتىلمىسى"1-توم 486-بەت، "ئىمام غەزالىنىڭ "مۇستەسپا مىن ئۇسۇل پىقھى"1-توم 62-بەتكە قارالسۇن.

     بۇ ئەمەلنىڭ توغرا بولىشىدا تەلەپ قىلىنىدىغان نىيەتتۇر، نىيەت دېگەن ئادەتتە ئىنسان بىر ئىشنى قىلىدىغان ۋاقىتتا دىلىدا ھاسىل بولىدىغان نەرسىدۇر، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، بولۇپمۇ قاتتىق سوغۇق كۈنلەردە، ئىسلام دىنىغا كىرىشنى مەقسەت قىلغان كىشىنى يۇيۇنىشقا، ئادەت كۆرۈپ قالغان ئايالنى پاك بولغاندا يۇيۇنىشقا تۈرتكە بولىدىغان نەرسە نېمىدۇر؟.

     شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بەزى ۋاقىتتا ئىنسان دىلىدا تونۇش ۋە خالاش بولىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئۇنىڭ دىلىدا بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ، دىلىدا بىر نەرسىنىڭ بولىشى بىر ئىش بولسا، ئۇنى بېلىش يەنە بىر ئىشتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى بىر كىشىلەرنى ئۇنى دىلىغا ھاسىل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ھالبۇكى ئۇ نەرسە ئۇنىڭ دىلىدىدۇر، ئۇ كىشىنىڭ ئۇنى بىلمىگەنلىكتىن كۆپ چارچاپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن، بۇ نامازدىكى ۋەسۋەسە قىلغۇچىغا ئوخشاشتۇر. ھەر قانداق بىر ئىشنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلغۇچى ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنى بىلىدۇ، چوقۇم ئۇنى نىيەت قىلىپ قىلىدۇ، بۇ ئىشنىڭ ئۇ كىشىنىڭ خالىشى بولغان نىيەتسىز ۋۇجۇدقا كىلىشى مۇمكىن بولمايدۇ، ئۆزىنىڭ نامازغا تۇرىدىغانلىقىنى بىلىدىغان كىشى نامازنى مەقسەت قىلىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ نامازنى مەقسەت قىلماستىن ناماز ئوقۇشى تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ، ئۆزىنىڭ دىلىدا ھەقىقى نىيەتنىڭ بولغانلىقىنى بىلمىگەن كىشى بۇ نىيەتنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەلەپ قىلىدۇ.

    شۇنىڭدەك، بىر كىشى ئەتە رامىزان بولىدىغانلىقىنى بىلىدىكەن، ئۆزى مۇسۇلمان بولۇپ روزىنى پەرز دەپ ئىتىقاد قىلىدىكەن ھەم روزا تۇتۇشنى ئىرادە قىلىدىكەن، مانا بۇ روزىنىڭ نىيىتىدۇر، بۇ كىشى كەچلىك يىمەك ۋاقتىدا روزا تۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ يىمەك يەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھېيت-بايرام كېچىسىنىڭ خۇپتەن ۋاقتى بىلەن رامىزان ئېيىنىڭ كېچىلىرىنىڭ خۇپتەن ۋاقتى پەرقلىق بولىدۇ، ھېيت كېچىسى روزىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلىدۇ، روزا تۇتۇشنى ئىرادە قىلمايدۇ ۋە نىيەتمۇ قىلمايدۇ، روزا تۇتۇشنى خالىغان كىشىمۇ كەچلىك يىمەكمۇ يېمەيدۇ. بۇ خۇددى بىر ئادەمگە ئوخشاشكى، ئۇ كىشى يەيدۇ، ئېچىدۇ، ماڭىدۇ، قاتناشقا چىقىدۇ، كىيىم كىيىدۇ، ئەگەر ئۇ كىشى مۇشۇ ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى بىلىدىكەن، چوقۇم بۇنى ئىرادە قىلىشى كېرەك، مانا بۇ ئۇنىڭ نىيىتىدۇر. ئەگەر ئاغزاكى: مەن قولۇمنى قاچىغا سىلىپ بىر لوقما يىمەك يېيىشنى خالايمەن دېسە، بۇ كىشى كىشىلەرنىڭ قارىشىدا ئەخمەق ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش نامازنى، تاھارەتنى ۋە روزا قاتارلىق ئىبادەتلەرنى نىيەت قىلىشتا مۇشۇنداق سۆزلەرنىڭ ئوخشىشىنى سۆزلىگەن كىشىمۇ شۇنداق ھېسابلىنىدۇ. ["مىنھاج سۈننەتۇن نەبەۋىيە"5-توم 398-399-بەت].

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: نىيەت دېگەن بىر ئىشنى قىلىشنى مەقسەت قىلىشتۇر، ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلىش ئىرادىسىگە كەلگۈچى شۇ ئىشنى قىلىشنى نىيەت قىلغۇچىدۇر، ئىرادىنىڭ نىيەتتىن ئايرىلىشى تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئىرادە دېگەن نىيەتنىڭ ھەقىقىتىدۇر، ئىرادە بولغاندا نىيەتنىڭ بولماسلىقى مۇمكىن بولمايدۇ، بىر كىشى تاھارەت ئىلىش ئۈچۈن ئولتۇرىدىكەن، ئۇ كىشى تاھارەت ئىلىشنى نىيەت قىلغان بولدى، بىر كىشى ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تۇرىدىكەن، ئۇ كىشى نامازنى نىيەت قىلغان بولدى، ئەقىللىق كىشى ئىبادەتتىن بولسۇن ياكى باشقا ئىشلاردىن بولسۇن بىر ئىشنى قىلماقچى بولسا، ئۇ ئىشنى مەقسەتسىز قىلمايدۇ. نىيەت دېگەن ئىنساننىڭ مەقسەت قىلغان ئىشنى قىلىشى ئۈچۈن لازىم بولغان ئىشتۇر، ئۇ چارچاشقا ۋە ھاسىل قىلىشقا ئىھتىياجلىق بولمايدۇ، ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ نىيىتىدە ئۆزى تاللىغان ئىشتىن ۋاز كېچىشنى خالىسا، ئۇ ئىشنى قىلىشتىن ئاجىز كەلگەنلىكتىن توغرا بولىدۇ، ئەگەر ئاللاھ تائالا ئىنساننى نىيەت قىلماستىن تاھارەت ئىلىش ۋە ناماز ئوقۇشقا بۇيرىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇ كىشىنى تاقەت كەلتۈرەلمەيدىغان ۋە تاقىتى دائىرىسىگە كىرمەيدىغان بىر ئىشقا تەكلىپ قىلغان بولاتتى". ["ئىغاسەتىل لىھپان" 1-توم 137-بەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى