پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلىكنىڭ كاپارىتىنى ئۇرۇغ-تۇغقانلارغا بېرىش توغرىسىدا

سۇئال

مېنىڭ تۇل قالغان ھاممام بولۇپ، ئۇنىڭ كىرىم مەنبىيى يوق، بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بەرگەن ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن ئۆزى يالغۇز ياشايدۇ. مېنىڭ يەنە بىر تاغام بولۇپ، ئايلىق ئالغان پۇلى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا يەتمەيدۇ، ئۇنىڭ تۆت بالىسى بولۇپ، ئىككىسى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدۇ، مېنىڭ سوئالىم: ئون سەككىز كۈنلۈك رامىزاننىڭ قازا روزىسىنى كېچىكتۈرگەنلىكنىڭ كاپارىتىنى ئۇلارغا بەرسەم توغرا بولامدۇ؟، ئۇلارغا قانچىلىك مىقداردا ۋە قانداق شەكىلدە بېرىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

1- رامزاننىڭ قازا روزىسىنى كېچىكتۈرگەن ئادەم تۆۋەندىكى ئىككى خىل ھالەتنىڭ بىرىدىن خالى بولالمايدۇ:

بىرىنچىسى: ئۆزۈرلۈك بولۇپ كېچىكتۈرىدۇ. بۇنداق ھالەتتىكى كىشىلەر پەقەت شۇ روزىنىڭ قازاسىنى قىلسىلا بولىدۇ، باشقا كاپارەت كەلمەيدۇ.

ئىككىنچىسى: رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشنى سەۋەبسىز كېچىكتۈرىدۇ، بۇنداق ھالەتتە ئۇ كىشىگەروزىنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە كاپارەت لازىم بولىدۇ، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى.

بەزى ئالىملار بۇ مەسىلىدە ئىككىنچى قاراشنى قوللاپ، روزىنىڭ قازاسىنى سەۋەبسىز كېچىكتۈرگەنلىككە تەۋبە قىلىش بىلەن بىرگە، روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، ئەمما ئۇلارغا كاپارەت كېرەك بولمايدۇ دەيدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى 122319-ۋە 26865- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان.

2-رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلىككە كاپارەت كېلىدۇ دېگەن ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا، چىقىرىدىغان كاپارەت نەخ پۇل بولماستىن بەلكى يېمەكلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ مىقدارى: ھەر كۈن ئۈچۈن بىر پەقىرگە يېمەك بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سىز رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى بەك كېچىكتۈرىۋەتكەنلىكىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا سەمىمى تەۋبە قىلىڭ. سىز رامزاندا بۇزۇۋەتكەن روزىلارنىڭ قازاسىنى يەنە بىر رامىزان كېلىشتىن بۇرۇن ئادا قىلىڭ. ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن ئۆزىڭىز ياشاۋاتقان يۇرتتىكى كىشىلەر كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان خورما، گۈرۈچ قاتارلىق يېمەكلىكتىن بىر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن ھەر بىر مىسكىنگە يىرىم سا يەنى بىر يېرىم كىلو ياكى ئىككى كىلو مىقدارىدا يېمەكلىك بەرسىڭىزبولىدۇ. ھەممىسىنى بىر كەمبەغەلگە بەرسىڭىزمۇ دۇرۇس بولىدۇ." ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى" 15-توم 341-بەت].

ئەگەر ھاممىڭىز ياكى تاغىڭىز ئېھتىياجلىق كىشىلەردىن بولسا، كاپارەتنى ئۇلارغا بەرسىڭىز باشقا كىشىلەرگە بەرگەندىن ئەۋزەلدۇر. سىزنىڭ قازا روزىلىرىڭىز ئۈچۈن بېرىلىدىغان كاپارەتنىڭ مىقدارى 27 كىلودىن 30 كىلوغىچە گۈرۈچ بەرسىڭىز بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى