پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تابارەك (مۈلۈك) سۈرىسىنى ئوقۇش قەبرە ئازابىدىن چەكلەيدۇ

سۇئال

مۈلۈك سۈرىسىنى ئوقۇغان مۇسۇلمان قەبرە ئازابىدىن ساقلىنىدۇ، دېگەن ھەدىسنى ئاڭلىدىم. لېكىن قانچە قېتىم ئوقۇش كېرەك، كۈندە بىر قېتىممۇ ياكى كۆپرەكمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان كىرىمدە ئوتتۇز ئايەتلىك بىر سۈرە بولۇپ، ئۇ سۈرە تىلاۋەت قىلغۇچىسىنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچە قەدەر شاپائەت قىلىدۇ، بۇ تەبارەكەللەزى بىيەدىھىل مۈلك....» [تىرمىزىي رىۋايىتى2891-ھەدىس، ئەبۇ داۋۇت1400-ھەدىس، ئىبنى ماجە3786-ھەدىس، تىرمىزىي ھەسەن دەرىجىلىك ھەدىس دېگەن. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە پەتىۋالار توپلىمى22-توم277-بەتتە سەھىھ دەپ بايان قىلغان. شەيخ ئەلبانىي ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 3053-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

بۇ ھەدىستىن بولغان مەقسەت: بۇ سۈرىنى ھەر كېچىسى ئوقۇسا، ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلسا ۋە بايان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئىشەنسە، مەزكۇر سۈرىنىڭ پەزىلىتىنى ھاسىل قىلىدۇ دېگەنلىكتۇر.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «كىمىكى ھەر كېچىسى تابارەك سۈرىسىنى تىلاۋەت قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ سۈرىنىڭ سەۋەبى تۈپەيلى، ئۇ كىشىنى قەبرە ئازابىدىن ساقلايدۇ. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا، بۇ سۈرىنى "مانىئە" (يەنى چەكلىگۈچى-توسقۇچى) دەپ ئاتايتتۇق، ھەقىقەتەن بۇ ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى بىر سۈرە بولۇپ، بۇ سۈرىنى ھەر كېچىسى ئوقۇغان كىشى ناھايىتى كۆپ ياخشىلىق ۋە پەزىلەتكە ئېرىشىدۇ». [نەسائىي رىۋايىتى 6-توم 179-بەت. ئەلبانىي "تەرغىب ۋە تەرھىب" ناملىق ئەسەر 1470-ھەدىستە ھەسەن دەرىجىلىك دەپ كەلتۈرگەن].

سەئۇدى ئەرەبىستان دىنى تەشۋىقات ئىلمى پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: يۇقىرىقى دەلىللەرگە ئاساسەن، بۇ سۈرىگە ئىشەنگەن، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئىستەپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان، ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان ۋەز-نەسىھەت، ئىبرەتلەرنى قوبۇل قىلغان ۋە ئىبرەت ئالغان، ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرگە تولۇق ئەمەل قىلغان كىشىگە، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بۇ سۈرە شاپائەت قىلىدۇ. [دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 4-توم 334-335-بەت].

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى