سەيشەنبە 25 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 26 نويابىر 2024
Uygur

ساختا دېپلوم بىلەن خىزمەت قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مەن ئىلگىرى سىلەردىن 278157- نومۇرلۇق پەتىۋادا: ئىمتىھاندا كۆچۈرۈپ ياكى ساختىلىق قىلىپ ئېرىشكەن دېپلوم بىلەن خىزمەت قىلىشنىڭ ۋە بۇ دېپلوم بىلەن خىزمەت قىلىپ ئالغان ئىش ھەققىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا سورىغان ئېدىم، سىلەر مېنى شەيخ ئابدۇلكەرىم خۇزەيرنىڭ 26123- نومۇرلۇق پەتىۋاسىغا ھاۋالە قىلغان ئىدىڭلار، مەن بۇ تېما توغرىسىدىكى كۆپ پەتىۋالارغا مۇراجىئەت قىلدىم، بەزى ئالىملارنىڭ: ئىنسان قىلغان ساختىلىقىغا تەۋبە قىلىپ، خىزمەتنى ياخشى قىلسا بۇ دېپلوم بىلەن خىزمەت قىلىش توغرا بولىدۇ دېگەن پەتىۋاسىنى كۆردۈم، سىلەرنىڭ "دېپلوم ساختىلىق سەۋەبىدىن بىكار بولمايدۇ ۋە بۇزۇلمايدۇ" دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى قۇرۇلمىسىنى دەلىل ۋە ئاساسلار بىلەن بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ساختىلىق قىلغان-ئالدامچىلىق قىلغان كىشى مەندىن ئەمەس» [مۇسلىم رىۋايىتى 102-ھەدىس] دېگەن ھەدىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىمتىھاندا ۋە باشقا ئورۇنلاردا ساختىلىق-ئالدامچىلىق قىلىش ھارام بولىدۇ، بۇنداق قىلغان كىشى ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشى كېرەك.

   خىزمەتنى ياخشى قىلىدىغان بولسا بۇ شەكىلدە ئېرىشكەن دېپلوم بىلەن خىزمەت قىلسا بولىدۇ، چۈنكى دىپلۇمدا شەرت قىلىنغان خىزمەتتىن بولغان ئەڭ چوڭ نىشان-غايە ياكى كۈچلۈك قاراش، بۇ كىشىنىڭ تەلەپ قىلىنغان خىزمەتنى ئادا قىلىشقا بولغان لاياقىتىنى ئىپادىلەشتىن ئىبارەتتۇر.

    خىزمەتتە دېپلوم تەلەپ قىلىنىدىغان ياكى شەرت قىلىنىدىغان كىشىلەردىن بەزىسىنىڭ قولىدا دېپلوم بولسىمۇ ئۇ خىزمەتكە لايىق بولماسلىقى مۇمكىن، بەزى ۋاقىتتا دىپلومغا ئېرىشىش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئېرىشكەن بولىشى مۇمكىن، بۇ ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق مەشھۇر ئىشتۇر، لېكىن دېپلوم بىلەن ئۇ كىشىنىڭ مۇشۇ خىزمەتكە لايىق ئىكەنلىكى كۇپايە قىلىدۇ ئاندىن ئۇ كىشىنىڭ خىزمەتنى قانداق ئادا قىلىدىغانلىقىغا قارىلىدۇ.

   تەلەپ قىلىنغان خىزمەتنى ئۆز يولىدا ئادا قىلغان بولسا، ئۇنىڭ مىساللىرىدىن: دىپلۇمدا شەرت قىلىنغان مەقسەت ھاسىل بولغان بولىدۇ.

   دىپلومغا ئېرىشىش يوللىرىنى بەك قاتتىق تەكشۈرگەندە، بەلكىم يېشى ئۆتۈپ كەتكەندە ئالغان بولىشى ياكى ساختىلىق بىلەن ئالغان بولىشى ياكى باشقا يوللار بىلەن ئالغان بولىشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىش ھاسىل بولىدۇ، بۇ شەكىلدە تەكشۈرگەندە دېپلوم بىلەن خىزمەت قىلىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى قىيىنلاشتۇرىدۇ.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: "بىر كىشى ئالغان دىپلومى بىلەن ئىلمى خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، بۇ كىشى ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىپ بۇ دىپلۇمنى ئالغان، دىپلومى ساختا بولسىمۇ ھازىر خىزمەتنى ئىنتايىن ياخشى شەكىلدە ئادا قىلىۋاتىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ بۇنىڭ بىلەن ئالغان ئايلىق ئىش ھەققى ھالال بولامدۇ ياكى ھارام بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: ئاللاھ خالىسا بۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ، بۇ كىشى ئىلگىرى قىلغان ساختىلىقىغا ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلسۇن، ھازىر خىزمەتنى ياخشى ئادا قىلىۋاتقان بولسا كەسپى تەرەپتىن ئۇ كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن ئىلگىرى ساختىلىق قىلىپ خاتا قىلغان، ئۇ قىلمىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشى كېرەك". ["ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 19-توم 31-بەت].

    بۇ ئىشقا كۆپكە رىئايە قىلىش ۋە ئازدىن ئەپۇ قىلىش دېگەن قائىدىنى دەلىل قىلغان بولىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىپ دېپلوم ئېلىپ كەلگەن بىلەن يالغاندىن دېپلوم  ياسىتىپ كەلگەننىڭ ئارىسى ئايرىلىدۇ. خىزمەت بېرىدىغان تەرەپ مەلۇم بىر دىپلۇمنى شەرت قىلغان بولسا، خىزمەت قىلماقچى بولغان كىشى ئۇ دىپلومغا ساختىلىق بىلەن ئېرىشكەن بولسا، شەرت ئەمەلىيلەشكەن بولىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقى ئەپۇ قېلىنىدۇ، ئەمما ئىمتىھان بەرمەستىن يالغاندىن دېپلوم ياسىتىپ كەلگەن كىشىنىڭ ئىشى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، بۇ دېپلوم دەپ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. 

    ئۇ كىشى خىزمەتكە قاتنىشىپ خىزمىتىنى ئۆزىدىن تەلەپ قىلىنغان شەكىلدە ئادا قىلغان بولسا ياكى باشقا خىزمەتداشلىرىغا ئوخشاش ئادا قىلغان بولسا، ئىلگىرى ئۆزىدىن سادىر بولغان خاتالىق ئۈچۈن تەۋبە قىلغان بولسا بۇ مەسىلىدە ئۇ كىشىنىڭ خىزمەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش تەرىپى كۈچلىنىدۇ، بۇنىڭدا شەرىئەتنىڭ تەۋبە قىلغۇچىنىڭ تەۋبىسىگە ياردەم بېرىش، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سادىر بولغان خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىشتىن ئىبارەت بولغان كاتتا مەقسىتى نامايەندە بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: الَّذِينَ يَأْكُلُونَ الرِّبَا لَا يَقُومُونَ إِلَّا كَمَا يَقُومُ الَّذِي يَتَخَبَّطُهُ الشَّيْطَانُ مِنَ الْمَسِّ ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا إِنَّمَا الْبَيْعُ مِثْلُ الرِّبَا وَأَحَلَّ اللَّهُ الْبَيْعَ وَحَرَّمَ الرِّبَا فَمَنْ جَاءَهُ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّهِ فَانْتَهَى فَلَهُ مَا سَلَفَ وَأَمْرُهُ إِلَى اللَّهِ وَمَنْ عَادَ فَأُولَئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ تەرجىمىسى: «جازانە، ئۆسۈم يەيدىغان ئادەملەر (قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن) جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشنى ھالال بىلىپ: «سودا ـ سېتىقمۇ جازانىگە ئوخشاش» دېدى. ھالبۇكى ئاللاھ سودا ـ سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى، (بەدەلسىز بولغانلىقى، شەخسكە ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن) ھارام قىلدى. كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز ـ نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن (يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن) يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. قايتا جازانە قىلغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.» [سۈرە بەقەرە 275-ئايەت].

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھۆكۈم ئۆز رەببى تەرەپتىن كەلگەن ۋەز-نەسىھەتنى قوبۇل قىلىپ ئىلگىرىكى خاتالىقلىرىغا تەۋبە قىلغان ھەممە كىشىگە ئومۇمدۇر.

   بۇنىڭغا يەنە مۇسۇلماننىڭ ھەققىدە سابىت بولغان بۇ ئايەت دالالەت قىلىدۇ: يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَذَرُواْ مَا بَقِيَ مِنَ ٱلرِّبَوٰٓاْ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ تەرجىمىسى: «ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! (ھەقىقىي) مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، (كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە) قېلىپ قالغان جازانىنى (يەنى ئۆسۈمنى) ئالماڭلار» [سۈرە بەقەرە 277-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۆمىنلەرنى جازانىنىڭ قالغان قىسمىنى تەرك قىلىشقا بۇيرىدى، ئىلگىرى ئالغانلىرىنى قايتۇرۇشقا بۇيرىمىدى، بۇنىڭغا بۇ ئايەت دەلىل بولىدۇ. فَمَنْ جَاءَهُ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّهِ فَانْتَهَى فَلَهُ مَا سَلَفَ وَأَمْرُهُ إِلَى اللَّهِ تەرجىمىسى: «كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز ـ نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن (يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن) يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ».

    ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر. ئەگەر بۇ ئايەت كاپىرلارغا خاس ئەمەسمۇ؟ دېيىلسە، بۇنىڭغا جاۋاپ: قۇرئان كەرىمدە بۇنى ئىپادىلەيدىغان ئايەت يوق، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا: «كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز ـ نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن (يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن) يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ» دېدى، بۇ ئەلۋەتتە مۇسۇلماننى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

   بەلكى شۇنداق دېيىلدۇكى: ھەقىقەتەن بۇ ئايەت جازانىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلگەن، پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز ـ نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن جازانىدىن يانغان كىشىنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئىلگىرى قىلغان قىلمىشلىرى يوقنىڭ ئورنىدا بولىدۇ. تەرجىمىسى: «بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ» دېگەن بۇ ئايەت يۇقىرقى ھۆكۈمنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۇ ئايەتمۇ شۇنى ئىپادىلەيدۇ: يَٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَذَرُواْ مَا بَقِيَ مِنَ ٱلرِّبَوٰٓاْ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ،  فَإِن لَّمۡ تَفۡعَلُواْ فَأۡذَنُواْ بِحَرۡبٖ مِّنَ ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦۖ وَإِن تُبۡتُمۡ فَلَكُمۡ رُءُوسُ أَمۡوَٰلِكُمۡ لَا تَظۡلِمُونَ وَلَا تُظۡلَمُونَ تەرجىمىسى: «ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! (ھەقىقىي) مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، (كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە) قېلىپ قالغان جازانىنى (يەنى ئۆسۈمنى) ئالماڭلار» [سۈرە بەقەرە 277-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۆمىنلەرنى جازانىنىڭ قالغان قىسمىنى تەرك قىلىشقا بۇيرىدى، ئىلگىرى ئالغانلىرىنى قايتۇرۇشقا بۇيرىمىدى، بۇنىڭغا مۇنۇ ئايەت دەلىل بولىدۇ، تەرجىمىسى: «كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز ـ نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن (يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن) يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ، ئەگەر شۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئۇرۇش ئاچقان بولىسىلەر. ئەگەر (جازانە قىلىشتىن) تەۋبە قىلساڭلار، (قەرز بەرگەن) سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتىدۇ، باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر، ئۆزۈڭلارمۇ زىيان تارتمايسىلەر» [سۈرە بەقەرە 278-279-ئايەتلەر].

    تەۋبە كاپىرنى ئۆز ئېچىگە ئالغاندەك، خاتالاشقان-ئاسىي مۇسۇلماننىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. ["مەسىلىلەر مەجمۇئەسى" 1-توم 271-بەت].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى