دۇشەنبە 22 جىمادۇسسانى 1446 - 23 دىكابىر 2024
Uygur

مىراج پەلەمپەيگە ياكى شوتىغا ئوخشاش جىسمانىي نەرسىمۇ؟

485770

تارقاتقان ۋاقىت : 27-12-2024

كۆرگۈچىلەر : 11

سۇئال

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسرا كېچىسى ئاسمانغا ئۆرلىشى شوتا ياكى پەلەمپەيگە ئوخشاش جىسمانى نەرسە بىلەن بولغانلىقى ئىسپاتلانغانمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئۆرلەش دېگەن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەننى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ توغرىدا سەھىھ دەلىل كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ قانداقلىقى بىلىنمەيدۇ. ئىمام بەيھەقىي “پەيغەمبەرلىكنىڭ دەلىللىرى” ناملىق ئەسىرى 2-توم 390-بەتتە ئۆرلەشنى سۈپەتلەپ ئەبۇ سەئىد خۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بىر ھەدىسنى بايان قىلغان: «ئاندىن مەن جەبرائىل ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بەيتىل مۇقەددەسكە كىردىم، ھەر بىرىمىز ئۇ يەردە ئىككى رەكەتتىن ناماز ئادا قىلدۇق، ئاندىن ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ روھلىرى ئۆرلىتىدىغان مىراجقا كەلدۇق، كىشىلەر مىراجدىنمۇ گۈزەل-چىرايلىق نەرسىنى كۆرمىدى، سىلەرنىڭ مېيىتنىڭ كۆزىنىڭ ئاسمان تەرىپىنى تاما قىلىپ ئېچىلىدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭلار، ھەقىقەتەن مېيىتنىڭ كۆزى مىراجنىڭ گۈزەللىكى ۋە چىرايلىقلىقىدىن ھەيران قىلىپ ئاسمان تەرەپكە قاراپ ئېچىلىدۇ، ئۇ يەردىن مەن جەبرائىل ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئۆرلىدۇق». [بۇ ھەدىس بەك ئۇزۇن بولغان بەك زەئىپ ھەدىستۇر].

يەنە ئىبنى جەرىر تەبەرى كىتابىنىڭ 17-توم 345-بەتتە، ئىبنى ئەبى ھاتەمدىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەبى ھارۇن ئەلئەبدىدىن ئۇ كىشى ئەبى سەئىدتىن بايان قىلغان، ئەبى ھارۇن ئەلئەبدى ھەدىس ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا ئاجىز دەپ قارالغان راۋىيدۇر. ئىمام ھاپىز زەھەبىي “ئەسسىيرە” ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەدىسنىڭ بىر تەرىپىنى زىكىر قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:”بۇ ئاجايىپ غەرىپ ھەدىس بولۇپ بۇنىڭ يېرىمى ئۆچۈرۈلگەن، ئۇ ھەدىسنى يەھيا ئىبنى ئەبۇ تالىپ ئابدۇلۋاھابتىن بايان قىلغان، ئابدۇلۋاھاپ سەمىمى ئادەم، ئۇ كىشى راشىد ھەمانىيدىن، راشىد مەشھۇر كىشى، ئۇ كىشىدىن ھەمماد ئىبنى زەيد، ئىبنى مۇبارەك رىۋايەت قىلغان. ئەبۇ ھاتەم مۇنداق دەيدۇ: ھەدىس يارايدۇ دەيدۇ، ئەبى ھارۇن ئەممارە ئىبنى جۇۋەين ئەبدى دىن رىۋايەت قىلغان، ئۇ كىشى زەئىپ ھەم شىئە، ئەبى ھارۇندىن يەنە ھەشىيم ۋە نۇھ ئىبنى قەيس ھەدانى ھەدىسنىڭ ھەممىنى ئۇزۇن بويۇنچە رىۋايەت قىلغان، ھەدىسنى ئۇ ئككەيلەندىن قۇتەيبە ئىبنى سەئىد سۆزلىگەن. يەنە بۇ ھەدىسنى سەلەمە ئىبنى پەزلى ئەبى ئىسھاقتىن، ئۇ روھ ئىبنى قاسىمدىن ئۇ ئەبى ھارۇن ئەلئەبدىدىن ھەدىسنىڭ ھەممىسىنى رىۋايەت قىلغان. ئۇ ھەدىسنى يەنە ئەسەد ئىبنى مۇسا مۇبارەك ئىبنى پۇزالەدىن رىۋايەت قىلغان. بۇ ھەدىسنى يەنە ئابدۇرەززاق مەئمەردىن رىۋايەت قىلغان. ھەسەن ئىبنى ئەممار ئىبنى مۇھەممەدتىن رىۋايەت قىلغان ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەبى ھارۇندىن رىۋايەت قىلغان.  مۇشۇ ھەدىسنىڭ سىياقى بىلەن ئەبۇ ھارۇن ھەدىسى ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان تاشلاندۇق ئادەمگە ئايلاندى”. [“سىيەر ئەئلامۇن نۇبەلا” 225-226-بەت].

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ تەپسىرىنىڭ 5-توم 25-بەتتە ئۇ ھەدىسنى زىكىر قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىس ھەيران قالارلىق ۋە مۇنكەرلەر بولغان بىر ھەدىس، ئاندىن بۇ ھەدىسنى بەيھەقى نۇھ ئىبنى قەيس ھەدانى، ھەشىيم، مەئمەردىن، ئەبى ھارۇن ئەبدىيدىن رىۋايەت قىلغان، ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى ئەممارە ئىبنى جۇۋەين بولۇپ ھەدىسشۇناس ئالىملار زەئىپ دېگەن”.

ئىبنى كەسىر يەنە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى» 2-توم 98-بەتتە: بۇ ئاجايىپ بىر ھەدىس بولۇپ ئىسنادى بەك ئاجىز دېگەن”.

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ “پەتھۇل بارى” 7-توم 208-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: “ئۆرلەش بولسا خەۋەرلەردىن باشقا رىۋايەتلەردە بۇراقنىڭ ئۈستىدە بولمىغان، بەلكى ئۆرلەش دېگەن شوتا ياكى پەلەمپەيدۇر، ئىبنى ئىسھاق ۋە بەيھەقىي “پەيغەمبەرلىكنىڭ دەلىلى” دېگەن ئەسەردە ئەبى سەئىدتىن بايان قىلغان ھەدىستە ئوچۇق بايان قىلغان، ئۇ ھەدىسنىڭ لەۋزى: «مەن خىچىرغا ئوخشاش ئىككى قۇلىقى تەۋرىنىپ تۇرىدىغان بۇراق دېيىلىدىغان بىر ئۇلاغقا مىندىم، ئۇنىڭغا مەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ مىنىپتىكەن، مەنمۇ مىندىم» شۇنىڭ بىلەن ھەدىسنى زىكىر قىلىپ مۇنداق دېدى:«ئاندىن مەن جەبرائىل ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بەيتىل مۇقەددەسكە كىردىم، ناماز ئادا قىلدىم ئاندىن ئۆرلەيدىغان -مىراجغا كەلدىم». ئىبنى ئىسھاقنىڭ رىۋايىتىدە: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «بەيتىل مۇقەددەستىكى ئىشلاردىن بىكار بولغاندىن كېيىن ئۆرلەيدىغان -مىراجغا كەلدىم، مەن ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىقراق بىر نەرسىنى ھەرگىز كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، سەكراتقا چۈشكەندە مېيىتنىڭ كۆزى ئۇنىڭغا تىكىلىدۇ. ساھىبىم جەبرائىل ئەلەيھىسسالام مېنى ئۇنىڭدا (يەنى مىراجتا) ئۆرلەتتى ھەتتا مېنى ئاسماننىڭ ئېشىكلىرىدىن بىر ئېشىككە ئېلىپ كەلدى». كەئەبنىڭ رىۋايىتىدە: «ئۆرلەيدىغان نەرسىنىڭ بىر پەلەمپىيى كۈمۈشتىن، يەنە بىر پەلەمپىيى ئالتۇندىن ئېكەن، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئاسمانغا ئۆرلىدى». ئەبى سەئىدنىڭ رىۋايىتىدە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىپىگە ئۆرلەيدىغان نەرسە-مىراج-پەردەۋىس جەننىتىدىن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ مەرۋايىت پەلەمپەي ئېكەن، ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر پەرىشتە ۋە سول تەرىپىدە بىر پەرىشتە بار ئېكەن». بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ “زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمىدا”6203- نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرۈپ: بۇ توقۇلما ھەدىس، ئۇنىڭدىكى توقۇلمىنىڭ بەلگىلىرى ئېنىق دېگەن”.

كەئەبنىڭ رىۋايىتىنى ۋاسىتىي: “بەيتىل مۇقەددەسنىڭ پەزىلىتى” ناملىق ئەسەردە، سۇيۇتىي: “ئەددۇررۇل مەنسۇر” 5-توم 226-بەتتە كەلتۈرگەن.

ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە توغرا ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مىراجنىڭ قانداق شەكىلدە، قانداق ھالەتتە بولغانلىقىنى تەتقىق قىلماستىن ئىشىنىمىز.

ئىبنى ئەبىل ئىززىل ھەنەپى رەھىمەھۇللاھ “شەرھى تاھاۋىيە” 1-توم 270-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: «مىراج دېگەن مىپئال ۋەزنىدە بولۇپ، ئۇ شوتىنىڭ ياكى پەلەمپەينىڭ ئورنىدا يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان نەرسە، لېكىن بىز ئۇنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، ئۇنىڭ ھۆكمىمۇ باشقا غەيبى نەرسىلەرنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىشىنىمىز، ئۇنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكى بىلەن مەشغۇل بولمايمىز».

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى