پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

لائىلە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ نى ئېيتىش جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن يېتەرلىكمۇ؟

82857

تارقاتقان ۋاقىت : 19-08-2010

كۆرگۈچىلەر : 6673

سۇئال

سوئال: مەلۇم بىر ئائىلە كىشىلىرىلائىلە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھنى ئېيتىش دىنغا ئىتىقاد قىلىشقا يېتەرلىك دىگەن كۈز قاراشتا بۇلارنىڭ ئىتىقادى توغرىمۇ ۋە جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن يېتەرلىكمۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئىسلام بۇ ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىشلا ئەمەس. بەلكى بۇ ئىككى شاھادەتنىڭ شەرتلىرىنى ئورۇنلاش لازىم. شۇ ۋاقىتتىلا ئۇنى ئېيتقان ئادەم ھەقىقىي مۇسۇلمان بولىدۇ. ئىسلامنىڭ پىرىنسىپى - ئېتىقاد، شاھادەت ئېيتىش ۋە ئەمەل قىلىشتۇر. ئۇبباد ئىبنى سامىتدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئۇنىڭ شېرىكى يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە بەندىسى، ئىسا ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھنىڭ بەندىسى، بەندىسىنىڭ بالىسى، مەريەمگە تاشلىغان كەلىمىسى ۋە ئۇنىڭ تەرىپىدىن پۇۋلەنگەن روھ ، جەننەت ھەق، دۇزاخمۇ ھەق، دەيدىكەن، ئاللاھ ئۇكىشىنى سەككىز جەننەتنىڭ قايسى ئىشىكىدىن كىرىشنى خالىسا شۇ ئىشىكتىن كىرگۈزىدۇ.
ئىمام ئابدۇلۋەھھاب مۇنداق دېگەن:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىمكى ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق..دېگەن سۆزى بۇ كەلىمىنىڭ مەنىسىنى بىلىپ، مەزمۇنىغا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن پۈتۈن ھاللىرىدا تولۇق ئەمەل قىلغان ھالدا ئېيتسا دېگەنلىكتۇر. ئىككى شاھادەت ئۈچۈن ئىلىم، ئىشەنچ ۋە ئەمەل شەرت قىلىنىدۇ. شۇڭا ئاللاھ: بىلگىنكى، ئۇ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھى مەبۇد يوقتۇردېگەن. ئەمما بۇ ئىككى شاھادەتنى مەنىسىنى بىلمەي، مەزمۇنىغا ئىشەنمەي ياكى ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش كۆرمەي ئاغزاكى ئېيتىش پايدا بەرمەيدۇ.
قۇرتۇبىي مۇسلىم ھەدىسلىرىغا چۈشەنچەدېگەن كىتابىدا، ئىككى شاھادەتنىلا ئېيتىش كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى قەلبتىن چىن ئىشىنىش شەرت دەپ مەخسۇس باب توختىتىپ مۇنداق دېگەن: بۇئىككى شاھادەتنىلا ئېيتىش كۇپايە دەيدىغان مەزھەبنىڭ خاتالىقىنى ئەسكەرتىش ئۈچۈن تۇرغۇزۇلغان باب بولۇپ، بۇ بابنىڭ ھەدىسلىرى بۇ مەزھەبنىڭ ئازغۇنلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. چۈنكى ئۇ مۇناپىقنىڭ ئىمانىنى قوبۇل قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ توغرا ئەمەس. مۇناپىقلار كاپىرلاردۇر. يۇقىرىقى ھەدىس ئىككى شاھادەتنىڭ بىلىش، چىن ئىشىنىش ۋە ھەقىقىي ئىخلاس بىلەن مۇجەسسەملەنگەن بولىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. (فەتھۇلمەجىد 36- بەت).
ئاللاھتىن باشقا ئىلاھي مەبۇد بەرھەق يوق دېگەن شاھادەت كەلىمىسىنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن يەتتە شەرت بار. بۇ شەرتلىرى تولۇق بولمىغان شاھادەت پايدا بەرمەيدۇ. ئۇلار مۇنداق:
1 - بۇ شاھادەتنىڭ مەنىسىنى تولۇق بىلىش.
2- شەكسىز ئىشىنىش.
3 - چىن يۈرەك بىلەن قوبۇل قىلىش.
4 -مەزمۇنىغا تولۇق بويسۇنۇش.
5 - چىن ئىخلاس قىلىش.
6 - ئىقرارىدا راستچىل بولۇش.
7 - بۇ كەلىمىگە مۇھەببەت باغلاش. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ھەق ئەلچىسىدۇردېگەن شاھادەت كەلىمىسىنىڭ قوبۇل بولىشىنىڭ شەرتلىرىمۇ يۇقىرىقى شەرتلەرنىڭ ئۆزىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى