پەيشەنبە 27 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 28 نويابىر 2024
Uygur

جۈمە كۈنىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

سۇئال

جۈمە كۈنى قايسى ئالاھىدىلىكى بىلەن  ھەپتىنىڭ باشقا كۈنلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىق بولىدۇ. بۇنىڭدىكى ھېكمەت نېمە؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

جۈمە كۈنىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئالاھىدىلىكى كۆپ بولۇپ،  ئاللاھ تائالا بۇ كۈننى باشقا كۈنلەردىن ئالاھىدە پەزىلەتلىك قىلدى. بۈ كۈندە نامازلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بولغان جۈمە نامىزى ئادا قىلىنىدۇ، مۇسۇلمان كىشىنىڭ جۈمە كۈنىدە جامائەت بىلەن ئادا قىلغان بامدات نامىزى باشقا كۈنلەردە ئادا قىلغان بامدات نامىزىدىن ياخشىدۇر. جۈمە كۈنىدە ياكى كېچىسىدە ۋاپات بولغان كىشى قەبرە پىتنىسىدىن خاتىرجەم بولىدۇ.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

   جۈمە كۈنىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەردىن:

جۈمە كۈنىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئالاھىدىلىكى كۆپ بولۇپ،  ئاللاھ تائالا بۇ كۈننى باشقا كۈنلەردىن ئالاھىدە پەزىلەتلىك قىلدى، بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە ۋە ھۈزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بىزدىن ئىلگىركىلەرنى جۈمە كۈنىنىڭ پەزىلىتىگە مۇۋەپپەق قىلمىدى، يەھۇدىيلارغا شەنبە كۈنىنى قىلدى، خىرىستىئانلارغا يەكشەنبە كۈنىنى قىلدى. ئاللاھ تائالا بىزنى دۇنياغا كەلتۈردى، جۈمە كۈنىگە مۇۋەپپەق قىلدى. جۈمەنى بىزگە، شەنبىنى يەھۇدىيلارغا ۋە يەكشەنبىنى خىرىستىيانلارغا قىلدى، شۇنىڭدەك ئۇلار قىيامەت كۈنىدە بىزگە ئەگىشىدۇ، بىز دۇنياغا ئاخىرىدا كەلگەن بولساقمۇ قىيامەتتە ھەممىنىڭ ئالدىدا بولىمىز، باشقا ئىنسانلارغا ھۆكۈم قىلىشتىن ئىلگىرى بىزنىڭ ئىشىمىز ئايرىلىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 856-ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: قازى ئىياز مۇنداق دېگەن: “ئۇلارغا جۈمە كۈنىنى ئۇلۇغلاش تەيىن قىلىنماستىن پەرز قىلىندى، ئۇ كۈندە دىنى شۇئارلارنى تۇرغۇزۇش ئۇلارنىڭ ئىجتىھادىغا تاپشۇرۇلدى. ئۇ كۈندە قىلىدىغان ئەمەللەرنى تەيىن قىلىشتا بىرلىككە كېلەلمىدى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى بۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلمىدى، ئەمما بۈ ئۇممەتكە ئېنىق قىلىپ پەرز قىلدى، قىلىدىغان ئىشلارنى ئۇلارنىڭ ئىجتىھادىغا تاشلاپ قويمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ كۈننىڭ پەزىلىتى بىلەن ئۇتۇق قازاندى”.

قازى مۇنداق دەيدۇ: بايان قىلىنىشچە، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى جۈمە كۈنىنى ئۇلۇغلاشقا بۇيرۇپ، بۇ كۈننىڭ پەزىلىتىنى بىلدۈرگەندە، ئۇلار شەنبە كۈنى جۈمە كۈنىدىن ئەۋزەل دەپ ئىختىلاپ قىلىشتى. مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئۇلارنى تەرك قىلغىن دېيىلدى.

قازى يەنە مۇنداق دەيدۇ: “ئەگەر ئېنىق بېكىتىلگەن بولسا ئېدى، ئۇلارغا ئىختىلاپ قىلىش توغرا بولمايتتى، بەلكى ئۇلار بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلدى دېيىلەتتى. يەنە: ئۇلارغا ئوچۇق بۇيرۇلغان ۋە بايان قىلىنغان بولسا ئىدى، ئاندىن ئۇلار بۇنىڭدا ئىختىلاپ قىلىپ: پەرز قىلىنغان ئىشنى بېكىتىش كېرەكمۇ ياكى ئالماشتۇرۇشمۇ؟ دېيىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالماشتۇردى ۋە ئالماشتۇرۇشتا خاتا كەتتى”.

ئۇلارغا جۈمە كۈنىنىڭ ئۆزى بايان قىلىنىپ ئاندىن ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بايان قىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئۇلار: سۆزۈڭنى ئاڭلىدۇق ۋە ئاسىيلىق قىلدۇق دېگەن تۇرسا قانداقمۇ ئۆزگەرتمەي تۇرالىسۇن؟.

ئەۋىس ئىبنى ئەۋىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى جۈمە كۈنىدۇر، ئۇ كۈندە ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتتى، ئۇ كۈندە ئۇنى قەبزى روھ قىلدى. ئۇ كۈندە قىيامەت بولىدۇ، ئۇ كۈندە ھەممە ھۆشىدىن كېتىدۇ، ئۈ كۈندە ماڭا دۇرۇت-سالامنى كۆپ يوللاڭلار، ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ يوللىغان دۇرۇت-سالاملىرىڭلار ماڭا يەتكۈزۈلىدۇ ، دېدى. ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! سىلە ۋاپات بولۇپ، بەدەنلىرى چىرىپ كېتىدىغان تۇرسىلا بىزنىڭ دۇرۇت-سالاملىرىمىز سىلىگە قانداق توغرىلىنىدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا زېمىنغا پەيغەمبەرلەرنىڭ بەدەنلىرىنى يېيىشنى ھارام قىلدى، دېدى». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1047-ھەدىس. ئىبنى قەييىم سەھىھ دەپ، سۈنەن ئەبۇ داۋۇدنىڭ ئىزاھاتى 4-توم 273-بەتتە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 925-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇياش چىققان كۈننىڭ ئەڭ ياخشىسى جۈمە كۈنىدۇر، ئۇ كۈندە ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغان، ئۇ كۈندە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن، ئۇ كۈندە جەننەتتىن چىقىرىلغان». [مۇسلىم رىۋايىتى 1410-ھەدىس].

بۇ ھەدىس جۈمە كۈنىنىڭ پەزىلەتلىك قىلىنغان بەزى سەۋەپلىرىنى بايان قىلىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “قازى ئىياز مۇنداق دېگەن: “ھەدىسنىڭ كۆرۈنۈشىدىن، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بىر قانچە ئارتۇقچىلىقلار جۈمە كۈنىنىڭ پەزىلىتى ئۈچۈن ئەمەس، چۈنكى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ جەننەتتىن چېقىرىلىشى ۋە ئۇ كۈندە قىيامەتنىڭ بولىشى قاتارلىقلار ئۇ كۈننىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن ھېسابلانمايدۇ. ئۇ بولسىمۇ بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىپ، ئازابىدىن ساقلىنىشقا تەييارلىنىش ئۈچۈن جۈمە كۈنىدە يۈز بەرگەن ۋە يۈز بېرىدىغان كاتتا ئىشلارنىڭ بايان قىلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر”. بۇ قازى ئىيازنىڭ سۆزىدۇر.

ئەبۇ بەكىر ئىبنى ئەرەبىي ئۆزىنىڭ: “ئەھۋەزى پى شەرھى ئەھۋەزى” ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: “پەزىلەتلەرنىڭ ھەممىسى: ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ جەننەتتىن چىقىشى بولسا، ئەۋلادلىرىنىڭ مەۋجۇت بولىشىنىڭ سەۋەبىدۇر، بۇ بۈيۈك نەسىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەلچىلەر، پەيغەمبەرلەر، سالىھلار، ئەۋلىيالار بار، جەننەتتىن قوغلانغان ھالەتتە چىقىرىلمىدى، بەلكى بېكىتىلگەن ھۆكۈمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بولۇپ يەنە جەننەتكە قايتىدۇ. ئەمما قىيامەتنىڭ بولىشى بولسا، پەيغەمبەرلەر، راستچىللار، ئەۋلىيالار ۋە باشقىلارنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىش، ئۇلارنىڭ شان-شەرىپى، ئىززەت-ھۆرمىتىنى نامايەندە قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇ ھەدىستە جۈمە كۈنىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە باشقا كۈنلەرگە بولغان ئالاھىدىلىكى بايان قىلىنىدۇ”.

ئەبى لۇبابە ئىبنى مۇنزىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن جۈمە كۈنى كۈنلەرنىڭ سەييىدىدۇر، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ كاتتا كۆندۈر، بۇ كۈن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنىدىنمۇ كاتتىدۇر، بۇ كۈندە بەش تۈرلۈك خىسلەت بار: ئاللاھ تائالا بۇ كۈندە ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتتى، بۇ كۈندە ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ئاسماندىن زېمىنغا چۈشۈردى، ئۇ كۈندە ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ۋاپات تاپقۇزدى، بۇ كۈندە بىر ۋاقىت بولۇپ بۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمان كىشى ئاللاھ تائالادىن ھارامدىن باشقا ھەر نەرسىنى سورىسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە سورىغىنىنى بېرىدۇ، بۇ كۈندە قىيامەت بولىدۇ، بۈ كۈن كېلىشتىن ئىلگىرى ئاللاھ تائالاغا يېقىن پەرىشتىمۇ، ئاسمان-زېمىنمۇ، شامال، تاغ-دەريالارمۇ، دېڭىز-ئوكيانلارمۇ بۇ كۈندە قىيامەت بولۇپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيدۇ». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1084-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 2279- ھەدىستە كەلتۈرگەن].

سىندى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئۇلار بۇ كۈندە قىيامەت بولۇپ قىلىشتىن ئەنسىرەيدۇ دېگەنلىك، مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى كۈنلەرنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ ۋە جۈمە كۈنىدە قىيامەت بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ.

   جۈمە كۈنىنىڭ پەزىلەتلىرىدىن:

1-ئۈ كۈندە ھەممە نامازدىن ئەۋزەل بولغان جۈمە نامىزى ئوقۇلىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‏يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نُودِي لِلصَّلاةِ مِنْ يَوْمِ الْجُمُعَةِ فَاسْعَوْا إِلَى ذِكْرِ اللَّهِ وَذَرُوا الْبَيْعَ ذَلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنتُمْ تَعْلَمُونَ تەرجىمىسى : «ئى مۆمىنلەر! جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا، ئاللاھنى ياد ئېتىشكە (يەنى جۈمە خۇتبىسىنى ئاڭلاشقا ۋە جۈمە نامىزىنى ئادا قىلىشقا) ئالدىراپ بېرىڭلار، ئېلىم ـ سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇ». [سۈرە جۈمە 9-ئايەت].

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەش ۋاقىت ناماز، جۈمە يەنە بىر جۈمە كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى كىچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ، چوڭ گۇناھلارنى قىلمىغان بولسا شۇنداق بولىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 233-ھەدىس].

2-جۈمە كۈنى جامائەت بىلەن ئوقۇلغان بامدات نامىزى مۇسۇلمان ئۈچۈن ھەپتىنىڭ باشقا كۈنلىرىدە ئوقۇلغان بامدات نامىزىدىن ياخشىدۇر. بۇ توغرىدا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ نەزىرىدە نامازلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى جۈمە كۈنى ئەتتىگەندە جامائەت بىلەن ئوقۇلغان بامدات نامىزىدۇر». [بەيھەقى شۇئەبىل ئىماندا بايان قىلغان. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 1119-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

جۈمە كۈنىدىكى بامدات نامىزىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن: ئۇ نامازدا بىرىنچى رەكەتتە سۈرە سەجدە، ئىككىنچى رەكەتتە سۈرە ئىنسان ئوقۇلىدۇ.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمە كۈنى بامدات نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكەتتە سەجدە سۈرىسىنى، ئىككىنچى رەكەتتە ئىنسان سۈرىسىنى ئوقۇيتتى». [بۇخارى رىۋايىتى 851-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 880-ھەدىس].

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “جۈمە كۈنىدە بامدات نامىزىدا بۇ ئىككى سۈرىنى ئوقۇشتىكى سىر-ھېكمەت بۇ ئىككى سۈرىدە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىشى، قىيامەت كۈنىنىڭ ئەھۋالى بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈندۇر، چۈنكى قىيامەت كۈنىمۇ جۈمە كۈنىدە بولىدۇ”.

3-جۈمە كۈنىدە ياكى كېچىسىدە ۋاپات بولغان كىشىنى ئاللاھ تائالا قەبىرنىڭ پىتنىسىدىن ساقلايدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان جۈمە كۈنىدە ياكى جۈمە كېچىسىدە ۋاپات بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى قەبىر ئازابىدىن ساقلايدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى1074-ھەدىس. شەيخ ئەلبنانى سەھىھ دەپ “جىنازە ھۆكۈملىرى” ناملىق ئەسىرى 49-50-بەتلەردە كەلتۈرگەن].

بۇ جۈمە كۈنىنىڭ بەزى پەزىلەتلىرى توغرىسىدا بايان قىلىنغان ئەسەرلەردۇر. ئاللاھ تائالادىن بىزنى ئۆزىنىڭ رازىلىقىغا مۇۋەپپەق قىلىشنى سورايمىز.

جۈمە كۈنىگە ئالاقىدار بولغان بەزى ھۆكۈملەر توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ  مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 13815-، 12769-، 346334-، 7699- ۋە 13692- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر،

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى