پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئېتىكاپ كۆسەتمىسى

سۇئال

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئېتىكاپ كۆرسەتمىسى توغرىسىدا تەلىم بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېتىكاپتا تۇتقان يولى ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئاسان يولدۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەدىر كېچىسىنى تېپىش ئۈچۈن رامزاننىڭ ئاۋۋالقى ئونىدا ئاندىن ئوتتۇرىدىكى ئونىدا ئېتىكاپ قىلدى، ئاندىن قەدىر كېچىسىنىڭ رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئونىدا بولىدىغانلىقى ئايان بولغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالاغا ئۇچراشقانغا قەدەر رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئېتىكاپ قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.

    بىر قېتىم رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلالماي، كېيىن شەۋۋالنىڭ دەسلەپكى ئونىدا ئېتىكاپ قىلىپ بۇنىڭ قازاسىنى قىلدى. بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ كېتىدىغان يىلى يىگىرمە كۈن ئېتىكاپ قىلدى. [بۇخارى رىۋايىتى 2040-ھەدىس].

   بەزىلەر بۇنىڭ سەۋەبىنى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلگەن ۋاقتىدا ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق، ئۈممەتكە ئەمەلدە تىرىشچانلىق قىلىش، ئەمەلدە ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن ۋاقتىدا ئاللاتالاغا ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئۇچرىشىشنى بايان قىلىپ بېرىشتۇر دېسە، بەزىلەر: بۇنىڭ سەۋەبى جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ھەر يىلى رامزاندا قۇرئاننى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بىر قېتىم ئاڭلىتاتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ كېتىدىغان يىلى ئىككى قېتىم ئاڭلاتتى، شۇنى بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى قېتىم ئېتىكاپ قىلغان مىقداردا ئېتىكاپ قىلدى دەيدۇ.

    ئۇنىڭدىن كۈچلۈكرەك بولغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يىگىرمە كۈن ئېتىكاپ قىلغان يىلنىڭ ئالدىدىكى يىلى سەپەر قىلىپ ئېتىكاپ قىلالمىغان بولغاچقا كېلەر يىلى يىگىرمە كۈن ئېتىكاپ قىلغان، بۇنىڭ ئىسپاتى، نەسائى ئۆز لەپزى بىلەن كەلتۈرگەن، ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان، ئىبنى ھىببان ۋە باشقا ھەدىس ئالىملىرى سەھىھ دېگەن ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى بولۇپ، ئۇ ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلاتتى شۇ يىلى سەپەرگە چېقىپ ئېتىكاپ قىلالمىدى، كېلەر يىلى يىگىرمە كۈن ئېتىكاپ قىلدى. "پەتھۇلبارىيدىن ئېلىندى".

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چېدىر ئىلىپ كىلىشكە بۇيرۇتتى، مەسچىتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا چېدىر تىكىلەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەردىن ئايرىلىپ، ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىپ خالى قالاتتى ھەتتا خالى بولۇش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئەمەلىي ۋاقىئەلىكتەك تامام بولاتتى.

بىر يېلى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىك چېدىردا ئېتىكاپ قىلدى، چېدىرنىڭ ئېشىكىگە بورىدىن مىلەڭزە تارتىپ قويدى. [مۇسلىم رىۋايىتى1167-ھەدىس].

    ئىبنىل قەييىم رەھىمەھۇللاھ "زادىل مىئاد" ناملىق ئەسەر 2-توم 90-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭ ھەممىسى ئېتىكاپنىڭ مەقسىتى ۋە جەۋھىرىنى ھاسىل قىلىشتۇر، بۇنىڭ ئەكسىچە نادانلارنىڭ ئېتىكاپ قىلىدىغان ئورۇننى مەئىشەت ئورنى ۋە زىيارەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدىغان جاي قىلىۋېلىشى، ۋاقىتنى بىھۇدە پاراڭلار بىلەن ئۆتكۈزىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئېتىكاپىنىڭ كۆرۈنىشى بولسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئېتىكاپىنىڭ كۆرۈنىشى باشقىدۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دائىم مەسچىتتە تۇراتتى، ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىشتىن باشقا ۋاقىتلاردا مەسچىتتىن چىقمايتتى، بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېتىكاپ قىلغان ۋاقتىدا بىر ھاجەت بولمىسا ئۆيگە كىرمەيتتى. [بۇخارى رىۋايىتى2029-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 297-ھەدىس].

   مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: ئىنسانى ھاجىتى ئۈچۈن دېيىلگەن. بۇنى ئىمام زۆھرى رەھىمەھۇللاھ چوڭ-كېچىك تەرەت سۇندۇرۇش ئۈچۈن دەپ چۈشەندۈرگەن.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پاكىزلىققا بەك ئەھمىيەت بېرەتتى، مەسچىتتە تۇرۇپ بېشىنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيگە كىرگۈزەتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭ بېشىنى يۇيۇپ چېچىنى تاراپ قوياتتى.

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلغاندا مېنىڭ ھۇجرامنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ بېشىنى كىرگۈزەتتى، مەن ھەيزدار ھالەتتە بولۇپ ئۇنىڭ بېشىنى تاراپ قوياتتىم.» [بۇخارى رىۋايىتى].

   مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: مەن چېچىنى يۇيۇپ تاراپ قوياتتىم دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى2028-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى297-ھەدىس].

     ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس چاچنى تارىغانغا ئوخشاش ئېتىكاپتا پاكىزلىنىش، خۇشبۇي نەرسە ئىشلىتىش، يۇيۇنۇش چاچ-ساقاللارنى ياسىتىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. كۆپچىلىك ئۆلىمالار ئېتىكاپتا مەسچىتتە ياقتۇرۇلمايدىغان ئىشلاردىن باشقا ئىشلار ئۆچ كۆرەلمەيدۇ دەيدۇ.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئېتىكاپتىكى سۈننەتلىرىدىن: كېسەل يوقلىماسلىق، جىنازا نامىزىغا چىقماسلىق قاتارلىقلار بولۇپ، بۇنىڭ ھەممىسى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھنىڭ تەرىپىگە يۈزلىنىش، ئېتىكاپتىن بولغان مەقسەتنى روياپقا چىقىرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئىنسانلاردىن ئايرىلىپ، ئاللاھنىڭ تەرىپىگە يۈزلىنىشتىن ئىبارەتتۇر.

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: سۈننەت بويىچە ئېتىكاپ قىلغۇچى كېسەل يوقلىمايدۇ، جىنازا نامىزىغا چىقمايدۇ، ئايالى بىلەن بىرگە بولمايدۇ، قۇچاقلىمايدۇ، زۆرۈر بولغان ئىنسانى ھاجىتىدىن باشقا ئىشلار ئۈچۈن سىرىتقا چىقمايدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى2473-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    شەۋكانى "نىيلىل ئەۋتار" ناملىق ئەسەردە: "ئايالى بىلەن بىرگە بولمايدۇ، قۇچاقلاشمايدۇ" دېگەن سۆزدىن جىما قىلمايدۇ دېگەن ئىپادىلىنىدۇ دېگەن.

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېتىكاپ قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ئۇنى بەزى ئاياللىرى يوقلاپ كىلەتتى، كېچە بولغانلىقى ئۈچۈن ئاياللىرى قايتىدىغان ۋاقىتتا ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرۇپ ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ قوياتتى.

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى سەپىيە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئونىدا مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلىۋاتقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يوقلاپ كەلدى، مەلۇم ۋاقىت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن سۆزلۈشۈپ ئولتۇردى، قايتىپ كېتىدىغان ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى ئۆيىگە ئۇزۇتۇپ قويدى. [بۇخارى رىۋايىتى 2035-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2175-ھەدىس].

    سۆزنىڭ خۇلاسىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئېتىكاپى ئاسانلىق بىلەن ئادا قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا قېيىنلىق يوق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئېتىكاپتىكى ھەممە ۋاقتى ئاللاھنى ياد ئېتىش، تائەت-ئىبادەت بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىش ۋە قەدىر كېچىسىنى تىپىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھنىڭ: "زادۇل مىئاد" ناملىق ئەسىرى 2-توم 90-بەتكە قارالسۇن. دوكتۇر ئابدۇلىتىپ بالتۇنىڭ:"ئېتىكاپ نەزىرىيەلىك تەربىيە" ناملىق ئەسىرىدىن ئىلىندى.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى