Fri 6 Saf 1436 - 28 November 2014
100950
ھىدايەتنى ياخشى كۆرسىمۇ لېكىن نەپسى ئۇنىڭغا غالىب كېلىدۇ
نەپسىمنى ئىسلاھ قىلىدىغان توغرا يول ۋە ھىدايەتنى خالايمەن، لېكىن ئۇنى قولغا كەلتۈرەلمىدىم. نەپسىمنى توغرا يولغا يېتەكلەشكە ئۇرۇنسام، يامانلىققا بولغان قىزىقىشىم غالىپ كېلىدۇ، شەيتان گۇناھ-مەسىيەتنى ماڭا بويسۇندۇرۇپ بېرىدۇ، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.


      بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

      قېرىندىشىم! سىزنىڭ سۆزىڭىىزگە ئىشىنىمەن، سوئالىڭىزدىكى سۆزلىرىڭىزدىن قەلبىڭىزگە يوشۇرۇنغان تۇيغۇلىرىڭىزنى سېزىۋاتىمەن، سۆزىڭىزدە سەمىمىيەت، ئاللاھدىن قورقۇش، ياخشىلىققا بولغان سۆيگۈ ۋە رىغبەتلىنىش ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا قەلبىڭىزنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسكە باغلىنىپ، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن ئۆرتىنىۋاتقانلىقىنىمۇ تۇيىۋاتىمەن. لېكىن مەن بۇ نەپسىدىن ئەجەبلىنىۋاتىمەن، ئۆزۈمچە سۇئال قىلىمەن: سىز ھېچقانداق ھەرىكەت قىلماستىن ئۇشتۇمتۇت توغرا يولغا يۆتكىلىدىغان پۇرسەتنى كۇتىۋاتامسىز؟  ياكى بۇ يولدا كۆپ ئىزدىنىپ چارچاپ قالدىڭىزمۇ؟ ۋەياكى ئىككىسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان يەنى سەل قاراش بىلەن ھەقىقى پۇرسەتنىڭ ئارىسىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۇتىۋاتامسىز؟، ياكى پۇرسەت ئاخىرلىشىپ ئۆلۈمنىڭ كېلىشىنى كۈتەمسىز؟.

      ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدىغان كەمبەغەللىك، مەغرۇرلاندۇرىدىغان بايلىق، بەدەننى بۇزىدىغان كېسەل، ئېگىز-پەس سۆزلەيدىغان دەرىجىدىكى قېرىلىق، تۇيۇقسىز كېلىدىغان ئۆلۈم، كۈتۈپ تۇرۇلۇۋاتقان ئەڭ يامان دەججال، قىيىن ۋە جاپالىق بولغان قىيامەت قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك ئىش كېلىشتىن بۇرۇن، سىلەر ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار» دېدى. [تىرمىزىي رىۋايىتى، بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى زەئىپ ھەدىس دەپ قارىدى].

      قېرىندىشىم! سىز ھەقىقەتنى تونۇپ، ئۇنىڭغا ئىشىنىشىڭىز، باشتىن-ئاخىر ئويلىنىشىڭىز كېرەك. نەپسىڭىزنى ئۆزگەرتىش ۋە ھاياتىڭىزنى ئىسلاھ قىلىش پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ قولىڭىزدا، كەسكىن ئىرادىڭىز ۋە چىن قەلبىڭىزدىن ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەت قېلىشىڭىزغا باغلىق، نەپسىنى ئۆزگەرتىش مۇپتىنىڭ پەتىۋاسى ياكى نەسىھەت قىلغۇچىنىڭ سىزگە يوللىغان ئۇچۇر ياكى توغرا يولغا بولغان ئىككىلىنىش ئارىسىدىكى ئىرادە ياكى ۋاقىتلىق پەيدا بولغان قىزغىنلىق بىلەن بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ھالەتتە نەپسىنىڭ قىزغىنلىقى تىزدىن پەسلەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ھالىتىگە قايتىدۇ.

سىز شۇنى ئېسىڭىزدە تۇتقان ۋاقتىڭىزدا، ئۆزىڭىزنىڭ كۆرەش مەيدانىدىكى بىر ھاياتلىقتا ياكى يۆتكىلىشكە جەڭ ئېلان قېلىۋاتقان بىر مۇھىتتا ياشاۋاتقانلىقىڭىزنى بىلەلەيسىز. شۇنداقلا ئۇنىڭغا قارشى بارلىق تېرىشچانلىقىڭىز، پىكرىڭىز ۋە ئىرادىڭىز بىلەن مۇمكىن بولغان بارلىق ۋاسىتە-چارىلەرنى قوللىنىپ، بۇ يولدا غەلبە قېلىشقا تىرىشىشىڭىز لازىم.

      بۇ جەرياندا كۆڭلىڭىزدە داۋالغۇپ تۇرغان نۇرغۇن سوئاللارغا دۇچ كېلىشىڭىز مۇمكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ئىزدىنىش، ماتېرىيال كۆرۈش ئارقىلىق روھى دۇنيايىڭىزنى كونترول قىلىۋالغان سىرلارنى يېشەلەيسىز، بۇ ئارقىلىق يامانلىق، بوشاڭلىق ۋە نەتىجە قازىنالماسلىقنىڭ كىشەنلىرى پاچاقلىنىش بىلەن بىرۋاقىتتا سىزدىكى ئۇتۇقلۇق، ياخشىلىق ۋە ئېھسان تۇيغۇلىرى جانلىنىدۇ.

      خۇلاسە: بۇ ئىش ئاللاھ  مۇيەسسەر قىلغان كىشى ئۈچۈن بەك ئاساندۇر، بەلكى بۇنى بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىگەندە ئۇ: كۈچ-قۇۋۋەتتىن ئىبارەت. يەنى كەسكىن ئىرادىلىك بولۇش، نەپسىنى بېسىش ۋە كونترول قېلىش، قەتئى ئىرادە بىلەن يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئىشلارغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت.

      قېرىندىشىم! سىزگە كەسكىنلىك بىلەن شۇنى تەكىتلەيمەنكى، سىز مۇشۇ مەنا بويىچە پىكىر قىلغان ۋاقتىڭىزدا (يەنى كەسكىن ئىرادە بىلەن)، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ھەممە ياخشىلىقنىڭ ئاچقۇچىغا ئىگە بولغان بولىسىز.

     ۋەز-نەسىھەتمۇ مۇشۇ چۈشەنچىنى قارشى تەرەپنىڭ قەلبىدە يېڭىدىن قوزغاشنى، قەلبىڭىز بىلەن ھىدايەتنىڭ ئارىسىدا توسانجا بولىۋالغان ئاجىزلىق كىشەنلىرىدىن قەلبىڭىزنى خالاس قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ يەردە سىز نەپسىڭىزگە خىتاب قىلىدىغان بەزى سۆزلەرنى يوللايمەن، بەلكىم بۇ سۆزلەرنى ئۆز نەپسىڭىزگە خىتاپ قىلىش ئارقىلىق قەلبىڭىزدە ھىدايەت ۋە مۇستەھكەملىك روھىنى قوزغىيالىشىڭىز مۇمكىن: ئى جان! سەن دوزاخ-جەننەتنى بىلمەمسەن، يېقىندا ئىككىسىنىڭ بىرىگە بارىسەن؟، سەن ئويۇن-تاماشا بىلەن مەشغۇل بولۇپ، نېمىگە بۇنچە خۇرسەن بولۇپ كەتتىڭ؟، مۇمكىن بۈگۈن-ئەتە ئىككىسىنىڭ بىرىگە تاشلىنىسەن، سەن ئۆلۈمنى يىراق سانايسەن، لېكىن ساڭا ئاللاھ تائالا بۇنى يېقىندا كۆرسىتىدۇ.

     ئۆلۈمنىڭ ئەلچى ئەۋەتمەستىن، ۋەدە قىلماستىن تۇيۇقسىز كېلىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟، ھەرقانداق جانغا تۇيۇقسىز ئۆلۈم كېلىشى مۇمكىن. تۇيۇقسىز ئۆلۈم كەلمىگەندە، كېسەل يېتىشى مۇمكىن، ئاندىن ئۇ كېسەللىك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ، ئۆلۈم ساڭا ھەممە يېقىن نەرسىدىن يېقىنراق تۇرسا نېمە ئۈچۈن ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلمايسەن؟، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى ئويلىنىپ باقتىڭمۇ؟: ﴿اقْتَرَبَ لِلنَّاسِ حِسَابُهُمْ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ مُّعْرِضُونَ ، مَا يَأْتِيهِم مِّن ذِكْرٍ مِّن رَّبِّهِم مُّحْدَثٍ إِلَّا اسْتَمَعُوهُ وَهُمْ يَلْعَبُونَ ، لَاهِيَةً قُلُوبُهُمْ﴾ تەرجىمىسى: «كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىنىدىغان ۋاقىت (يەنى قىيامەت) توغرۇلۇق ئويلىنىشتىن) يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر. ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن (قۇرئاندا) يېڭى ۋەز ـ نەسىھەت نازىل بولسىلا، ئۇلار ئۇنىڭغا مەسخىرە قىلغان ھالدا قۇلاق سېلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ دىللىرى (ئاللاھنىڭ كالامىدىن) غەپلەتتىدۇر.» [سۈرە ئەنبىيا 1-2-3-ئايەتلەر].

     ئى جان! ئەگەر سەن بۇنى بىلسەڭ ۋە بۇنىڭغا ئىشەنسەڭ، نېمە ئۈچۈن ئەمەل قىلمايسەن، ئۆلۈم سىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ؟. مۇمكىن بۈگۈن سېنىڭ ئاخىرقى كۈنىڭدۇر، نېمە ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى قىلمايسەن؟، نەپسىڭنىڭ خاھىشىغا خىلاپلىق قىلمايدىغان بىر كۈننى كۈتىۋاتامسەن؟، ئاللاھ تائالا بۇ كۈننى  پەيدا قىلمىدى ۋە قىلمايدۇ. جەننەت ئىنساننىڭ نەپسى ياقتۇرمايدىغان ئەمەللەر بىلەن  قورشالغان، بۇنى ئادا قىلىش ئاسان ئەمەس، (يەنى بەدەل تۆلەشنى تەقەززا قىلىدۇ) سەن ماڭا ئەتە-ئەتە دەپ ۋەدە قىلغىلى ئۇزۇن ۋاقىت بولدى، بۇنداق ئەتىدىن نەچچىسى ئۆتتى، سەن نېمە قىلدىڭ؟، بۈگۈن ئەمەل قېلىشتىن ئاجىز كىلىدىكەنسەن، ئەتە ئەمەل قىلىشتىن بەكرەك ئاجىز كېلىسەن، چۈنكى شەھۋەت دېگەن ئىنسان يۇلۇپ تاشلاشتىن ئاجىز كىلىدىغان شەمشات دەرىخىگە ئوخشايدۇ، ئىنسان ئاجىزلىقتىن ئۇنى يۇلۇشنى كېچىكتۈرسە، خۇددى ياشلىق دەۋرىدە دەرەخنى يۇلۇشتىن ئاجىز كېلىپ كېيىنكى دەۋرىگە قالدۇرغاندەك، يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن دەرەخنىڭ مۇستەھكەملىشى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ-دە، نەتىجىدە دەرەخنى يۇلغۇچى يەنىمۇ ئاجىزلىشىدۇ.

     ئېسىت ساڭا ئى نەپسىم! دۇنيا ھاياتىدىن مەغرۇرلىنىشىڭ توغرا ئەمەس، ئاللاھنىڭ مېھرىبانلىقىدىن مەغرۇرلانما، ئۆزۈڭگە قارا، مۇھىم ئىشلىرىڭنى باشقىلارغا بۇيرۇما، ۋاقتىڭنى زايە قىلما، نەپەسلىرىڭ ساناقلىقتۇر، بىر نەپەس ئالساڭ، ھاياتىڭنىڭ بىر قىسمى ئاخىرلىشىدۇ. كېسەل بولۇشتىن بۇرۇن ساقلىقىنى، ئىش-ھەرىكەتكە مەشغۇل بولۇشتىن بۇرۇن بوش ۋاقتىڭنى، كەمبەغەل بولۇپ قىلىشتىن بۇرۇن بايلىقىڭنى، ياشىنىپ قىلىشتىن بۇرۇن ياشلىقىڭنى، ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن ھاياتلىقىڭنى غەنىمەت بىلگىن. دۇنيادا ھايات ياشىغان ۋاقتىدا ئاخىرەت ئۈچۈن تەييارلىق قىلغىن.

ئىسىت ساڭا ئى نەپسىم!، سەن دۇنيا بىلەن ئۈلپەتلىشىپ كەتتىڭ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىش ساڭا ئېغىر كېلىدۇ، ئۇنىڭغا بولغان دوستلىقىڭ كۈچلۈك، مېنىڭچە سەن ئاللاھنىڭ ساۋاپ-ئازابلىرىدىن غاپىل قالدىڭ، قىيامەتنىڭ ئەھۋالى ۋە ھەيۋىتىنى ئۇنۇتتۇڭ، سەن بىلەن سەن ياخشى كۆرىدىغان نەرسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىدىغان ئۆلۈمگە ئىشەنمىدىڭ، بىلگىنكى، دۇنيانىڭ لەززىتىگە بېرىلىپ، ئۈلپەتلىشىپ ئۆتەۋاتقانلارنىڭ ئارقىسىدا ئۆلۈم بار. ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندا ئۇلار كۆپ ھەسىرەت چېكىدۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىن ئاخىرەت ئۈچۈن زىيانلىق نەرسىنى ئىلىپ ماڭغانلىقىنى بىلمەيدۇ. سەن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرگە قاراپ باق!، ئۇلار زېمىندا بىنالارنى قۇرۇپ، يۇقىرى مەرتىۋىدە ياشاپ دۇنيادىن كەتتى، ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسىسى قالمىدى، زېمىن ۋە ماللىرىنى ئۆزلىرى ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرگە قالدۇردى، ئۇلار مەنپەئەتلىنەلمەيدىغان ماللارنى توپلىدى، ۋاقىتلىق ھايات ئۈچۈن ئۆلمەيدىغاندەك ئۆي-ئىمارەتلەرنى ياسىدى، تېگىگە يېتەلمەيدىغان ئارزۇلار بىلەن ياشىدى. دۇنيادا بۇنىڭدىن چوڭ ھاماقەتلىك بولامدۇ!؟، يۆتكىلىشى ئېنىق بولغان دۇنياسىنى گۈللەندۈرۈپ، كېتىشى ئېنىق بولغان ئاخىرىتىنى ۋەيران قىلدى.

      ئى نەپسىم! سېنىڭ ساناقلىق كۈنلىرىڭ قالدى، ئەگەر ئۆمرۈڭنىڭ قالغان قىسمىدىن پايدىلىنىشنى خالىساڭ بۇ سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر. بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇقىنى زايە قىلىۋەتتىڭ. قالغان ئۆمرۈڭدە زايە قىلىۋەتكەن ۋاقتقا قايغۇرۇپ يىغلىساڭمۇ ئۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ، ئەمما ئەسلى ئادىتىڭ بويىچە قالغان ئۆمرۈڭنىمۇ زايە قىلىۋەتسەڭ قانداق بولىدۇ؟!. ئۆلۈمنىڭ ۋەدە قىلىنغانلىقىنى، قەبرىنىڭ ئۆيۈڭ بولىدىغانلىقىنى، تۇپراق بىساتىڭ، قۇرۇت-قوڭغۇزلار ھەمراھىڭ، ئۇنىڭدىن دەھشەتلىكراق بولغان قىيامەتنىڭ ئالدىڭدا ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟!.

      ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىدىغان كۈندىن ئاگاھ بولغىن، ئۇ كۈندە سەن دۇنيادىكى چوڭ-كېچىك، ئاشكارا-يوشۇرۇن بارلىق ئىشلىرىڭدىن سۇئال قىلىنىسەن. سەن ئاللاھنىڭ ئالدىدا قايسى شەكىل بىلەن تۇرىسەن، قانداق جاۋاپ بېرىسەن؟ سوئاللارغا جاۋاپ بېرىشكە تەييارلىق قىلغىن. جاۋاپ قېيىن، قالغان قىسقىغىنە ھاياتىڭنى كېيىنكى ئەبەدى ھايات ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەر قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرغىن. يوقالغۇچى دۇنيادا ئاخىرەت ئۈچۈن، قايغۇ-ھەسرەت  دىيارىدا مەڭگۈلۈك نېمەت ئۈچۈن، شۇنداقلا ئەمەل قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان كۈندىن بۇرۇن ئەمەل قېلىشقا ئاتلانغىن. دۇنيادىن مەجبۇرى چىقىرىلىشتىن بۇرۇن ئەركىن-ھۆر كىشىلەردەك ئىختىيارى چىققىن، دۇنيانىڭ گۈل-چېچەكلىرىگە خۇرسەن بولما، بەزى خۇرسەنلىك غاپىللىقتۇر، ئىنسان بۇنى ھېس قىلمايدۇ، غاپىللىقنى ھېس قىلماي ئۆتۈپ كەتكەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار كۈلىدۇ، خۇرسەن بولىدۇ، ئويۇن-تاماشا، يەپ-ئېچىش بىلەن بولىدۇ. ھەقىقەتتە ئاللاھنىڭ كىتابىدا ئۇلار دوزاخنىڭ يىقىلغۇلىرى دەپ پۈتۈلۈپ كەتكەن.

      ئى نەپسىم!، دۇنياغا ئىبرەت نەزىرى بىلەن باققىن، زورلانغاندەك ھەرىكەت قىلغىن، ئىختىيارلىق بىلەن رەت قىلغىن، دەسلەپكى تەلىپىڭ ئاخىرەت بولسۇن، قالغان ئۆمرىدە كۆپ نەرسە تەلەپ قىلىدىغان، بېرىلگەن نەرسىلەرگە تەشەككۈر ئېيتىشتىن ئاجىز كېلىدىغان كىشىلەردىن بولمىغىن.

     بىلگىنكى! دىنغا بىر نەرسىنى تېگىشىش، ئىماننى ئالماشتۇرۇش يوق، ئىنساننىڭ ھاياتى ئۆتەۋىرىدۇ ئەمما كېچە-كۈندۈز ئۆز ئوقىدا ئايلىنىۋېرىدۇ.

     ئى نەپسىم!، بۇ ۋەز-نەسىھەتلەرنى ئاڭلا، نەسىھەتكە قۇلاق سالغىن، ۋەز-نەسىھەتتىن يۈز ئۆرىگەن كىشى دوزاخقا كېرىشكە رازى بولغان بولدى. سەن بۇنىڭغا رازى بولمايسەن، بۇ نەسىھەتلەرنىمۇ ئېسىڭدە تۇتۇپ بولالمايسەن، قەلبىڭنىڭ قاتتىقلىقى سېنى نەسىھەت قوبۇل قىلىشتىن چەكلەپ قويسا، سەن كېچىلەردە قىيامدا تۇرۇش، تەھەججۇد ئوقۇش، نەپلە روزا تۇتۇش، ئاز گەپ قىلىش، ئۇرۇغ-تۇغقان، يىتىم-يېسىرلەرگە مېھرىبانلىق قىلىش، ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم قىلىش ئارقىلىق قەلبىڭنى يۇمشاتقىن، شۇنداقلا مېھرىبان ئاللاھدىن ياردەم تىلە، ئاللاھ تائالاغا شىكايەت قىلغىن، ئۇنىڭدىن ئۈزمەي ياردەم سورا، بەلكىم ئاللاھ سېنىڭ ئاجىزلىقىڭ ۋە بىچارەلىقىڭنى نەزەرگە ئىلىپ ياردەم بېرىشى مۇمكىن.

      سېنىڭ قىيىنچىلىقىڭ زور، مۇسىيبەتلىرىڭ كاتتا، ھەددىدىن ئاشقىنىڭغا ئۇزۇن بولدى، چارە-تەدبىرلىرىڭ يوق، ئىللەتلىرىڭ كۆپ، ئاللاھ تائالادىن باشقا ياردەم سورايدىغان، تەلەپ قىلىدىغان ۋە قىلمىشلىرىڭدىن ئۇنىڭ ياردىمىسىز قۇتۇلىدىغان، پاناھلىنىدىغان جايىڭ يوق، جاھىللىقىڭ ۋە گۇناھىڭنىڭ ئېغىرلىقىدىن زارلىنىپ ئاللاھ تائالا يالۋۇرغىن، ئاللاھ ئۆزىنىڭ تەرىپىگە يۈزلىنىپ، رەھىم-شەپقەت تەلەپ قىلىپ، پىغانلىق نالە قىلىپ، دەرتلىك زارلىنىپ يالۋۇرغان بەندىسىنىڭ تەلىپىنى ئىجابەت قىلىدۇ، قىيىنچىلىقىنى ئاسان قىلىدۇ، گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، رەھمەت-مەغپىرەت، پەزلى-ئېھسانىغا ئىلىپ، ھەممە ئىشلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ. [ئىھيا ئۇلۇمىددىن 4-توم 416-422-بەتلەر].

      ئاللاھ ھەممەيلەننى ۋەز-نەسىھەتتىن مەنپەئەتلىنىش، ياخشى كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىدىن  پايدىلىنىش، سەمىمى كىشىلەرنىڭ نەسىھەتلىرىنى قوبۇل قىلىشقا مۇيەسسەر قىلسۇن.

 

 

     تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

     تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

ئىسلام سوئال جاۋاب تورى