سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئىستىغپار ئېيتىشنىڭ بەدەننى كۈچلاندۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا

104919

تارقاتقان ۋاقىت : 31-10-2021

كۆرگۈچىلەر : 4915

سۇئال

جىسمىمنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە بەدىنىمنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىمەن. مېنىڭ مەقسىتىم ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش. 1-ئاللاھ تائالاغا كۆپ ئىستىغپار ئېيتىش بەدەننى كۈچلاندۈرامدۇ؟، بىز قايسى ۋاقىتتا ۋە كۈنىگە قانچىلىق مىقداردا ئاللاھ تائالاغا ئىستىغپار ئېيتىشىمىز كېرەك؟. 2-بەدەننىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي كۈچىنى ئاشۇرىدىغان زىكىر-دۇئالار توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

قېرىندىشىم سىز ياخشى بىر ئىشنى مەقسەت قىلىپ، بەدەن چېنىقتۇرىۋىتىپسىز. ياخشى نىيەت ئادەتنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرىدۇ.

ئەمما سىز ئاللاھ تائالاغا كۆپ ئىستىغپار ئېيتىش ئىنساننىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى زىيادە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا سوئال سوراپسىز، بۇنىڭ جاۋابى: توغرا، ئاللاھ تائالا كۆپ ئىستىغپار ئېيتىش بەدەننىڭ كۇچ-قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز قوۋمى بلەن بولغان ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: وَيَا قَوْمِ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ يُرْسِلِ السَّمَاءَ عَلَيْكُم مِّدْرَارًا وَيَزِدْكُمْ قُوَّةً إِلَىٰ قُوَّتِكُمْ وَلَا تَتَوَلَّوْا مُجْرِمِينَ تەرجىمىسى: ئى قەۋمىم! پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇ كۆپ يېغىن ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرگە تېخىمۇ كۈچ - قۇۋۋەت بېرىدۇ، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن ھالدا (مېنىڭ دەۋىتىمدىن) يۈز ئۆرۈمەڭلار. [سۈرە ھۇد 52-ئايەت].

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "ئەلۋابىل ئەسسەيب" ناملىق ئەسىرىنىڭ 77-بىتىدە، ئاللاھ تائالاغا زىكىر ئېيتىشنىڭ پايدىسىنى ساناپ، ئىستىغپارنى 61- رەتتە بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىپ زىكىر قىلىش زىكىر قىلغۇچىغا نۇرغۇن كۈچ-قۇۋۋەتلەرنى ئاتا قىلىدۇ، ئۇ زىكىر قىلىش بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىرالىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ئاللاھ تائالانى ياد ئەتمەستىن ۋە زىكىر قىلماستىن ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا قادىر بولالمايدۇ. مەن شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ مېڭىش-تۇرۇشى، سۆز-ھەرىكىتى ۋە يېزىقچىلىق ئىشلىرىدا ئاجايىپ ھەيران قالارلىق ئىشلارنى كۆردۈم. ئادەتتە ئۇ زات باشقا كىشىلەر بىر ھەپتىدە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ۋاقىتتا يازىدىغان يازمىلارنى بىر كۈندە يېزىپ پۈتكۈزەتتى.

مۇسۇلمان قوشۇنلىرىدا ئۇرۇش مەيدانىدا كۈچ-قۇۋۋەتتىن ئاجايىپ بىر ئىشلار كۆرۈلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆيۈملۈك قىزى پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۇلار تۇرمۇشتا قېينىلىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئائىلىدە ئىش قىلىدىغان بىر خىزمەتچى سورىغاندا، ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ياتىدىغان ئورۇنغا كەلگەندە، 33 قېتىم سۇبھاناللاھ، 33 قېتىم ئەلھەمدۇلىللاھ، 33 قېتىم ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ زىكىر-تەسبىھ ئېيتىش توغرىسىدا تەلىم بەرگەن ۋە ئۇلارغا: بۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن خىزمەتچىدىن ياخشى دېگەن.

ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۇقىرىدا بايان قېلىنغان زىكىر-تەسبىھلەرنى داۋاملاشتۇرغاندا، بەدىنىدە قۇۋۋەت پەيدا بولۇپ، خىزمەتچىگە ھاجىتى چۈشمەيدۇ، دېيلگەن.

ئەمما ئاللاھ تائالاغا زىكىر-تەسبىھ ئېيتىلىدىغان ۋاقىت ۋە ئۇنىڭ مىقدارى بولسا؛ مۆمىن ھەر ۋاقىت ۋە ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىپ تۇرۇشى كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:الَّذِينَ يَذْكُرُونَ اللَّهَ قِيَامًا وَقُعُودًا وَعَلَى جُنُوبِهِمْتەرجىمىسى: ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ. [سۈرە ئال- ئىمران 191-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ھەممە ۋاقىتلىرىدا ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىپ تۇراتتى.[مۇسلىم رىۋايىتى].

بەندە دائىم ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىپ، زىكىر-تەسبىھ، ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرۇشى لازىم. قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اذْكُرُوا اللَّهَ ذِكْرًا كَثِيرًا * وَسَبِّحُوهُ بُكْرَةً وَأَصِيلًاتەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار. ئۇنىڭغا ئەتىگەن- ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار (چۈنكى بۇ ئىككى ۋاقىتتا پەرىشتىلەر چۈشۈپ تۇرغانلىقتىن، ئۇ ۋاقىتلارنىڭ ئەۋزىلى ھېسابلىنىدۇ). [سۈرە ئەھزاب 41-42-ئايەتلەر].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:وَالذَّاكِرِينَ اللَّهَ كَثِيرًا وَالذَّاكِرَاتِ أَعَدَّ اللَّهُ لَهُمْ مَغْفِرَةً وَأَجْرًا عَظِيمًاتەرجىمىسى: ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى. [سۈرە ئەھزاب 35-ئايەت].

ئەغەررى ئەلمۇزەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىسىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مەن بىر كۈندە ئاللاھ تائالاغا يۈز قېتىمدىن كۆپرەك ئىستىغپار ئېيتىمەن. [مۇسلىم رىۋايىتى 2702].

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: بىز بەزى بىر سورۇندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ئى پەرۋەردىگارىم مېنى مەغپىرەت قىلغىن، مېنىڭ تەۋبەمنى قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۈچى دائىمى مېھرىباندۇرسەن، دېگەن سۆزنى يۈز قېتىم تەكرارلىغانلىقىنى سانايتتۇق، دەيدۇ. [شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى