Wed 8 DhQ 1435 - 3 September 2014
119631
باشقىلارغا بولغان ئىشەنچىنىڭ يوقىلىشى، ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئۇنى تۈزىتىشنىڭ يوللىرى
مەن ئىسلام قانۇن پاكۇلتىتىدا بىلىم تەھسىل قىلىمەن، لېكىن ئىنسانلار بىلەن بولغان ئىجتىمائىي ئالاقىدا، ئۇلارنىڭ مۇئامىلە ئۇسلۇبىدىكى ياسالمىلىقلارنى كۆرۈپ ھاياتتىن بىزار بولدۇم، ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئۇسلۇبلىرىنى تاپالمىدىم، ھېچ بىر كىشىگە ئىشەنچ قىلالمايمەن، ئوچۇق ئېيتسام بۇ ھاياتلىقنى ياخشى كىشىلەردىن خالى بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن. بۇ سەۋەبلىك ياخشى- سالىھ ئەر تاللاش ئىشىدا زور قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتىمەن ۋە بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشنى بىلمەيۋاتىمەن. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟


     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

      بىرىنچى: كۆپچىلىك كىشىلەر باشقىلارغا ئىشەنچ قىلالماسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىشتىن بىئارام بولماقتا، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئىجتىمائىي ھاياتتا كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى بىر شەخستىن يەنە بىر شەخسگە قارىتا ئوخشاش بولماسلىقىدۇر. يۇقىرىقى مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللار تۆۋەندىكىچە: كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ ياخشىلىققا يامانلىق قىلىشى، ئېھسان قىلغانلارغا ئەسكىلىك قىلىشى، بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ يېقىنلىرى ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرىشى قاتارلىقلار بولۇپ، مانا بۇ ۋاقىتتا ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدا كەسكىن كۆرەش بارلىققا كېلىدۇ-دە، نەتىجىدە باشقىلارغا بولغان ئىشەنچ يوقىلىپ، ھەممە كىشىگە ئىشەنمەسلىك، ئۆزىنىڭ دوست-بۇرادەرلىرى ھەتتا ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى قاتارلىقلارغىمۇ ئىشەنمەسلىككە ئىلىپ بارىدۇ.

     ئىككىنچى: ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، ھەرقانداق كېسەلنىڭ دورىسى بولىدۇ. سۇئال سورىغۇچى سىڭلىم! سىز شەرىئەت قانۇن پاكۇلتىتىدا ئوقۇيدىكەنسىز، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش سىز ئۈچۈن ئانچە قېيىن ئەمەس. شۇنداقلا بىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ تاقىتى يەتكۈچە قەدەر، نەپسىنىڭ بۇ خەتەرلىك كېسەلدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. چۈنكى كىشىلىك تۇرمۇشتا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ نورمال بولۇشى ئۈچۈن، ئىنسان باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، گەرچە ئۇنىڭ يېقىنلىرى، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى ۋە خۇلۇم-خوشنىلىرى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ يالغۇز ياشاشقا قادىر بولالمايدۇ. قىيىنچىلىقلارغا ئۆز يولىدا ياخشى مۇئامىلە قىلمىغاندا، بۇ سەۋەبلىك ئۇ كىشى دەرت-ئەلەم، قايغۇ ھەسرەتكە يۈزلىنىدۇ.

     ئۈچىنجى: سۇئال سورىغۇچى سىڭلىم! بۇ بولسا سىز بىلەن بولغان قىسقىغىنە بىر چۈشەنچىدىن ئىبارەت بولۇپ، سىزنىڭ تۆۋەندىكى نەسىھەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز:  

     1- سىڭلىم! سىزنىڭ بىزگە نەسىھەت تەلەپ قىلىپ ئۈچۈر يوللىشىڭىز، ھەممە كىشىلەرگە قارىتا ئىشەنچىڭىزنى يوقاتمىغانلىقىڭىزغا دالالەت قىلىدۇ. ئۇنداق ئەمەس دېيىلگەندە، ئۆزىڭىز ئىشەنچ قىلالمايدىغان كىشىلەردىن قانداقمۇ نەسىھەت تەلەپ قىلىسىز؟. مانا بۇنىڭ ئۆزى بۇ مەسىلىدە سىزگە توغرا يول كۆرسىتىش ۋە نەسىھەت قىلىشىمىزنىڭ يىپ ئۇچىدۇر.

     2-شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، سىزگە ئوخشاش باشقىلارغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقانلار يەنە بار، بەلكىم سىزمۇ ئۇلارنىڭ قارىشىدا، ئىشەنچىسىز كىشىلەردىن بىر ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەمسىز؟، سىزمۇ باشقىلاردىن سىزگە بېرىلگەن ھەقسىز ھۆكۈمنى قوبۇل قىلماسلىقىڭىز مۇمكىن، كىشىلەر ئارىسىدا بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچ يوقالغاندا، ئۇلار سىزنىڭ سۆزىڭىزنى قوبۇل قىلماسلىقى، سىزدىن ئۇلارغا بولغان بىرەر ياخشىلىق بولمىغانلىقتىن سىزنى يامانلىقنى مەقسەت قىلغۇچى دەپ قارىشى مۇمكىن. 

     3- سىڭلىم! شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئىنسانلار ئارىسىدا مۇسۇلمانلار، كاپىرلار، ئاسىيلار، ئىتائەتمەنلەر، ئەقىللىقلەر، ساراڭ-مەجنۇنلار، ياخشىلار ۋە رەزىللەر بار. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياخشىلىققا يېتەكلىگۈچى ۋە يامانلىققا باشلىغۇچىلار بار، ئومۇمى ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالى  مۇشۇنداق، بۇ ھەقتە ھېچ كىشى مۇنازىرە قىلمايدۇ. 

     4- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى بۇزۇلدى ۋە ھالاك بولاپ كەتتى دەپ ھۆكۈمنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئاگاھلاندۇرغان، زۇلۇم  يولى بىلەن قىلىنغان ھۆكۈم، ھۆكۈم قىلىنغۇچى كىشىلەردىن بەكراق ھۆكۈم قىلغۇچىغا قايتىدۇ. ئەمەلىيەتتە كىشىلەر ھالاك بولۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ھۆكۈم قىلغۇچى مەزكۇر ھۆكۈم بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلغانغا ئوخشاش بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى كىشىلەر ھالاك بولۇپ كەتتى دىسە، ئۇ كىشىلەرنى ھالاك قىلىۋەتكەنگە ئوخشاش بولىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 2623- نومۇرلۇق ھەدىس].

     باشقىلارغا يامان گۇمان بىلەن قاراش قەلبنى، ئەقىلنى بۇزىدۇ. گۇمان كىشىنى تۈرلۈك ۋەھىمە-خىياللارغا چۆمدۈرىدۇ، تۇرمۇشىنى قېيىنلاشتۇرىدۇ، دائىم ئارامسىزلىق ۋە غەم-قايغۇ ئىچىدە ياشايدىغان ھالەتكە كېلىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

     5- يۇقىرىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىلەرنى بايان قىلىشىمىز، كىشىلەردىن ئېھتىيات قىلىشنى چەكلىمەيدۇ. بىزنىڭ دېگىنىمىز سىزنى ھەممە كىشىگە ئىشىنىڭ دېگەنلىك ئەمەس، ئىنسان كىشىلەردىن ئاشكارا بولغاننى بىلەلەيدۇ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلەلمەيدۇ. 

     6- مۇشۇنداق نەپسى تىيىلىش خەتىرى ئىچىدە ياشاۋاتقان كىشى ئۆز نەپسىنى ئەيىپ- نۇقساندىن خالى دەپ قارايدۇ. ئەتراپىدىكى ئىنسانلارنى ئۆزىنىڭ ئىشەنچىسىگە لايىق ئەمەس دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسى: ئۇ كىشى باشقىلاردەك ئەمەس. مانا بۇ كۆزقاراش ئاخىرىدا ئۆز ساھىبىنى ھالاكەتكە ئىلىپ بارىدىغان ئەجەبلىنىشكە گىرىپتار قىلىدۇ. (ئاللاھ بۇنىڭدىن ساقلىسۇن). شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆرمەتلىك سىڭلىم! سىز شەيتاننىڭ ھىلى-مىكىرلىرىدىن ھەزەر قىلىڭ، ئۇ مۆمىنلەرنى ئازدۇرۇشتىن چارچاپ قالمايدۇ ۋە ئۈمىتسىزلەنمەيدۇ، ھەتتا ئۇ كىشىنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋېتىدىغان، ياخشى ئەمەللەردىن ئۈمىتسىزلىنىدىغان ياكى ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك ئازدۇرۇش تورلىرىغا چۈشۈرۈش ئارقىلىق شېرىكنىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئىلىپ بارىدۇ. 

    7- سىڭلىم! سىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز: سىز كىشىلەرنىڭ سەلبىي تەرىپىنىلا كۆرۈش بىلەن كۇپايىلەنمەڭ، سىزنىڭ ئۆتكەن ھاياتىڭىزدا ياخشى، سالىھ، ئېسىل كىشىلەردىن بىرەرسىنىڭ بولماسلىقى ئەقىلگە سىغمايدۇ، كىشىلەر ھەققىدە قارار بېرىدىغان ۋاقتىدا شۇنىڭدەك ئېسىل كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئېسىڭىزگە ئىلىش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي ئالاقىدا ئادىللىق ۋە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ قالالايسىز. سىز ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى بىلمەيسىز، زېمىندا كۆپلىگەن تەقۋادار، پاك، دىيانەتلىك، ساپ نىيەتلىك سالىھ كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ئېسىڭىزدىن  چىقارماڭ. سىز ئۆزىڭىز بىلىدىغان ئازغىنە كىشىلەرنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ، سىز بىلمەيدىغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ھەققىدە ھۆكۈم قىلماڭ.

     8- مۇسۇلمان كىشى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغاندا، ئۇلاردىن يامانلىق كۆرسە ئۇنى ئەيىبلىشى ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەسرەتلىنىشى ياخشى  ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭ ياخشىلىقنى ھاياتىدا لازىم تۇتۇشى ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇ كىشىنىڭ دائىملىق شوئارى خۇددى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۇلار ھەققىدە ئېيتقىنىدەك: ﴿إِنَّمَا نُطْعِمُكُمْ لِوَجْهِ اللَّـهِ لَا نُرِيدُ مِنكُمْ جَزَاءً وَلَا شُكُورًا﴾ تەرجىمىسى: «سىلەرگە بىز ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تائام بېرىمىز، سىلەردىن (بۇنىڭ بەدىلىگە) ھېچقانداق مۇكاپات ۋە تەشەككۈر تەلەپ قىلمايمىز» بولۇش كېرەك. [سۈرە ئىنسان 9-ئايەت].

     9- سىز كىشىلەر بىلەن ئارتۇقچە ئارىلىشىشتىن ساقلىنىڭ، ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن ئۇلارنىڭ بىرەرسىدىن يامانلىق كۆرۈپ قالسىڭىز، ئۆز نەپسىڭىزگە مالامەت قىلىپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن، ئۆزىڭىزگە دوست تاللاشتا ئىنچىكە ۋە ئادىللىقنى ئۆلچەم قىلىشىڭىز كېرەك. بۇ بىزنىڭ سىزگە قىلىدىغان تەۋسىيە ۋە نەسىھىتىمىز. ئاللاھ تائالادىن بۇ نەسىھەتلەرنى سىزگە مەنپەئەتلىك قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

    تۆتىنجى: ياخشى ئەر تاللاش مەسىلىسىگە  كەلسەك، بىز بۇ مەسىلىنى تۆۋەندىكى نومۇرلۇق سوئاللاردا تەپسىلى بايان قىلىپ بەردۇق. (5202، 6942، 69964، 8412، 105728) بۇ سۇئاللاھنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز.

     ئاللاھ تائالادىن سىزنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان، رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى، ئىشلىرىڭىزنى ئاسانلاشتۇرۇشىنى، توغرا يولغا ھىدايەت قىلىشىنى سوراش بىلەن بىرگە، سىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زايا قىلمايدىغان ياخشى ۋە تەقۋادار ئەرنى رىزىق قىلىپ بېرىشنى، سالىھ پەرزەنتلەرنى ئاتا قىلىشنى سورايمىز.

ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

ئىسلام سوئال جاۋاب تورى