Tue 27 DhH 1435 - 21 October 2014
12295
سۇئال :« لائىلاھە ئىللەللاھ » نىڭ شەرىتلىرى
« لائىلاھە ئىللەللاھ(بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ) » كەلىمىسىنىڭ بىلىش ، جەزىم قىلىش قاتارلىق شەرىتلىرىنى شەرھىيلەپ بەرسەڭلار .


مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
پېشىۋا ھافىز ھەكەمىي «سۇللەمۇل ۋۇسۇل» دىگەن بىيتىدە لائىلاھە ئىللەللاھنىڭ شەرىتلىرىنى مۇنداق بايان قىلغان :
بىلىش ، جەزىم قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش * * * * * ھەمدە بويسۇنۇش ، شۇڭا قۇلاق سال گىپىمگە .
راستچىللىق ، ساپدىللىق ۋە سۆيۈش * * * * * نىسىپ قىلسۇن ئاللاھ سىنى ئۆزى ياخشى كۆرگەنگە .
بىرىنچى شەرىت : بىلىش . ئۇنىڭ مەنىسى : شاھادەت كەلىمىسىدىكى ئىنكار قىلغاننى ئىنكار قىلىش ، مۇقەررەرلەشتۈرگەننى مۇقەررەرلەشتۈرۈش . ئۇنىڭ ئەكسى بولسا بىلمەسلىك . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « بىلگىنكى ، ئاللاھتىن باشقا (ھەقىقى) ئىلاھ يوق . » [ مۇھەممەد: 19 ] « پەقەت ھەقىقەتكە( يەنى ، بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقلۇقىغا) گۇۋاھلىق بەرگەن ، ھەمدە ئۇنى بىلگەنلەر( يەنى ،تىلى بىلەن سۆزلىگەن نىمىنىڭ مەنىسىنى دىلى بىلەن بىلگەنلەر ) بۇنىڭدىن مۇستەسنا . »
سەھىيھتە ئۇسماندىن(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) نەقىل قىلىندىكى ،ئاللاھ ئەلچىسى(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « كىمكى بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقى ئىلاھنىڭ يوقلۇقىنى بىلگەن ھالدا ئۆلسە جەننەتكە كىرىدۇ . »
ئىككىنچى شەرىت : جەزىم قىلىش . يەنى ، بۇ كەلىمىنى سۆزلىگۈچى ئۇنىڭ مەنىسىنى قەتئىي جەزىملەشتۈرگەن بولۇش . چۈنكى ، ئىمان (ئىشىنىش) گۇمانى بىلىش بىلەن ئەمەس ، بەلكى جەزمەن بىلىش بىلەن يىتەرلىك بولىدۇ ، شۇڭا ئۇنىڭغا شەك ئارلىشىپ قالسا قانداق بولىدۇ . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « ھەقىقەتەن ، مۇئىمىنلەر بولسا ئاللاھ ھەققىدە ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى ھەققىدە ئىشەنگەن ، ئاندىن ئۇنىڭدىن شەكلەنمىگەن ، مال-مۈلكى ۋە جىنى بىلەن ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلغانلار بولۇپ ، ئەنە شۇلار راستچىل كىشىلەر . » بۇنىڭدا يەنى ، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى ھەققىدە ئىشىنىشنىڭ راستلىقىغا شەكلەنمەسلىكىنى شەرت قىلدى . شەكلەنگۈچى بولسا مۇناپىقلارنىڭ بىرى . سەھىيھتە ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « ئاللاھتىن باشقا (ھەقىقى) ئىلاھ يوق ، مىنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بەر . بىر بەندە بۇ ئىككى سۆزگە شەكلەنمەستىن ئاللاھقا ئۇچراشسا ، پەقەت جەننەتكە كىرىدۇ . » يەنە بۇھەقتە ، ئەبۇ ھۇرەيرىنىڭ بىر ئۇزۇن ھەدىيسىدە ، پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئۇنى كەشى بىلەن ئەۋەتىپ مۇنداق دىگەن : « بۇ تامنىڭ كەينىدىن ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق دەپ قەلبىدە جەزىم قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق بىرىدىغان كىشىنى ئۇچراتساڭ ، ئۇنىڭغا جەننەت بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن . » بۇ كەلىمىنى سۆزلىگۈچىنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە قەلبى ئۇنىڭغا جەزىم قىلغان ، شەك قىلمىغان بولۇشنى شەرىت قىلدى . ئەگەر شەرت تىپىلمىسا ، نىشان تىپىلمايدۇ .
ئۈچۈنچى شەرت : بۇ كەلىمىنىڭ مەقسىتىنى قەلبى ۋە تىلى بىلەن قوبۇل قىلىش . ئاللاھ بىزگە بۇ سۆزنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقىنى ، ئۇنى رەت قىلغانلارنىڭ جازالانغانلىقىدىن ئىبارەت بۇرۇنقى ۋەقەلىكلەرنى سۆزلەپ بەردى . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « (اللة صةرعشتعلعرعضة ظئيتعدذ) زذلذم قعلغذحعلارنع، ظذلارنعث (مذشرعكلعكتعكع، كذفرعدعكع) قاياشلعرعنع ؤة ظذلارنعث اللةنع قويذص حوقذنغان بذتلعرعنع (مةهشةرضاهقا) توصلاثلار، ظاندعن ظذلارنع دوزاخنعث يولعغا باشلاثلار[22-23] . ظذلارنع توختعتعص تذرذثلار، حىنكع ظذلار (جعمع سأزلعرع ؤة ظعشلعرعدعن) سذظال-سوراق قعلعنعدذ[24] . (ظاندعن) ظذلارغا: «نئمعشقا (دذنيادعكع هالعتعثلارغا ظوخشاش) بعر-بعرعثلارغا ياردةم قعلمايسعلةر؟» (دئيعلعدذ)[25] . بةلكع ظذلار بىضىن بويسذنغذحعلاردذر[26] . ظذلار بعر- بعرعضة قاراص مذنازعرعلعشعدذ[27] . ظةضةشكىحعلةر ظةضةشتىرضىحعلةرضة: «سعلةر (سأزىثلارنعث راستلعقعغا) قةسةم ظعحعص بعزنع ظعماندعن توسذيتتذثلار» دةيدذ[28] . (ظةضةشتىرضىحعلةر ظةضةشكىحعلةرضة) ظئيتعدذ: «سعلةر (ظأز ظعختعيارعثلار بعلةن) مأمعن بولمعدعثلار[29] . بعزنعث سعلةرنع (بعزضة ظةضعشعشكة) زورلايدعغان كىحعمعز يوق ظعدع، بةلكع سعلةر (بعزضة ظوخشاش) ظازغان قةؤم ظعدعثلار[30] . صةرؤةردعضارعمعزنعث بعزنع (جازالاش) سأزع بعزضة تئضعشلعك بولدع. بعز هةقعقةتةن ( شذ سأز بويعحة ظازابنع) حوقذم تئتعغذحعمعز[31] . سعلةرنع بعز ظازدذردذق، حىنكع بعز هةقعقةتةن ظازغان ظعدذق»[32] . ظذلار (يةنع ظةضةشتىرضىحعلةر بعلةن ظةضةشكىحعلةر) بذ كىندة (يةنع قعيامةت كىنعدة) ظازابتا ظورتاقتذر[33] . بعز هةقعقةتةن ضذناهكارلارغا مذشذنداق قعلعمعز، (يةنع ظةضةشتىرضىحعلةر بعلةن ظةضةشكىحعلةرنعث هةممعسعضة ظازاب قعلعمعز)[34] . ظذلار هةقعقةتةن مذشذنداق ظعدعكع، ظذلارغا: «بعر اللةدعن باشقا هئح ظعلاه يوق» (دةثلار) دئيعلسة، (كةلعمة تةؤهعدتعن) تةكةببذرلذق قعلعص باش تارتاتتع[35] . ظذلار: «ظعلاهلعرعمعزنع هةقعقةتةن بعر مةجنذن شاظعر ظىحىن (يةنع ظذنعث سأزع ظىحىن) تاشلعؤئتةمدذق؟» دةيتتع .» ئاللاھ ئۇلارنىڭ بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق دىگەن سۆزنى دىيىشتىن باش تارىتقانلىقى ، ۋە ئۇنى ئىلىپ كەلگۈچىنى ئىنكار قىلغانلىقىنى جازالاش سەۋەبى قىلدى . چۈنكى ئۇلار بۇ سۆزدە ئىنكار قىلىنغاننى ئىنكار قىلمىدى ، مۇقەررەرلەشتۈرگەننى مۇقەررەرلەشتۈرمىدى . بەلكى ئىنكار قىلىش ۋە تەكەببۇرلۇق بىلەن : « ئۇ نۇرغۇن ئىلاھلارنى بىر ئىلاھ قىلماقچىمۇ ؟ بۇ ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش . ئۇلارنىڭ كاتتىلىرى قوزغىلىپ چىقىپ ئېيىتتى : « مىڭىڭلار ، مەبۇدلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇڭلار . بۇ ھەقىقەتەن بىزدىن ئىرادە قىلىنىدىغان ئىش . بىز بۇنى باشقا بىر دىندا ئاڭلىمىدۇق ، بۇ پەقەت بىر ئويدۇرما » دەپ ئۇلۇغ ئاللاھنى يالغانچى قىلدى . ئاللاھ ئۇلارغا پەيغەمبىرىنىڭ(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) تىلى بىلەن رەددىيە بىرىپ : « بەلكى ھەقىقەتنى ئىلىپ كەلدى . (بۇرۇنقى) ئەلچىلەرنى تەستىقلىدى .. » دىدى . ئاندىن ئۇنى قوبۇل قىلغانلار ھەققىدە : « صةقةت اللةنعث سادعق بةندعلعرعلا جازاغا تارتعلمايدذ[40] . ظذلار مةلذم رعزعقتعن (يةنع تىرلىك مئؤعلةردعن) بةهرعمةن بولعدذ، ظذلار هىرمةتلعنعدذ[41-42] . ظذلار نازذنئمةتلعك باغلاردا، تةختلةر ظىستعدة بعر-بعرعضة قارعشعص ظولتذرعدذ .»
سەھىيھتە ئەبۇ مۇسادىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن :« ئاللاھ مەن بىلەن ئەۋەتكەن توغرا يول ۋە بىلىم زىمىنغا چۈشىدىغان مول يامغۇرغا ئوخشايدۇ . بەزى يەرلەر سۇنى سۈمۈرۈپ نۇرغۇن ئوتياش ۋە كۆكتاتلارنى چىقىرىدۇ . يەنە بەزى يەرلەر سىلىق تۈزلەڭلىككە ئوخشاش سۇنى تۇتۇپ تۇرالمايدۇ ھەمدە ئوتياش ئۈنمەيدۇ . بۇ بولسا ئاللاھنىڭ دىنىنى چۈشەنگەن ۋە ئاللاھ مەن بىلەن ئەۋەتكەن نەرسىدىن پايدىلانغان كىشىنىڭ مىسالى بولۇپ ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆگىنىدۇ ۋە ئۆگىتىدۇ . ھەمدە ئاللاھ مەن بىلەن ئەۋەتكەن توغرا يولنى قوبۇل قىلمىغان ۋە دىققەت-ئىتىبارىنى بەرمىگەن كىشىنىڭ مىسالى . »
تۆتىنچى شەرت : بويسۇنۇش ، يەنى كۆرسىتىلگەن نەرسىگە ئەگىشىش . ئۇنىڭ ئەكسى بولسا ئەگەشمەسلىك . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « كىمكى بەلەن قىلغۇچى بولغان ھالدا ئاللاھقا يۈزىنى(ئۆزىنى) تاپشۇرىدىكەن ، مۇستەھكەم تۇتقىغا( يەنى ، بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق دىگەن كەلىمىگە) ئىسىلغان بولىدۇ . ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپ . » ئاللاھقا يۈزىنى تاپشۇرۇش دىگننىڭ مەنىسى : بويسۇنۇش ، ئەگىشىش . ھەمدە بەلەن قىلغۇچى بولسا ئاللاھنى بىر دەپ ئىشەنگۈچى . كىمكى يۈزىنى ئاللاھقا تاپشۇرمىسا ، بەلەن قىلغۇچى بولمىسا ، ئۇنداقتا ئۇ مۇستەھكەم تۇتقىغا ئىسىلمىغان بولىدۇ . ھەمدە ئۇ ئاللاھنىڭ ئۇ ئايەتتىن كىيىنكى مۇنۇ سۆزىنىڭ مەنىسى : « كىمكى كاپىر بولىدىكەن ، ئۇنىڭ كاپىرلىقى سىنى قايغۇغا سالمىسۇن . ئۇلارنىڭ قايتار جايى بىزنىڭ ھوزۇرىمىز بولۇپ ، ئۇلارغا قىلغانلىرىنى دەپ بىرىمىز . » سەھىيھ ھەدىيستە پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاكى ئۇنىڭ كۆڭۈل خاھىشى مەن ئىلىپ كەلگەن نەرسىگە ئەگەشمىگۈچە مۇئىمىن بولمايدۇ . » مانا بۇ ئەگىشىش ، بويسۇنۇشنىڭ خۇلاسە مەنىسى .
بەشىنچى شەرت : راستچىل بولۇش . ئۇنىڭ ئەكسى بولسا يالغانچىلىق . بۇنىڭ مەنىسى : بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق كەلىمىسىنى راستچىللىق بىلەن يۈرىكىدىن سۆزلەش ، ھەمدە ئۇنىڭ تىلى بىلەن دىلى بىر بولۇش . ئۇلۇغ ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « ظعنسانلار « ظعمان ظئيتتذق » دةص قويذش بعلةنلا سعنالماي تةرك ظئتعلعمعز،دةص ظويلامدذ؟﴿2﴾.ظذلاردعن بذرذن ظأتكةنلةرنع بعز هةقعقةتةن سعنعدذق،الله )ظعمانعدا)راستحعللارنع حوقذم بعلعدذ,(ظعمانعدا) يالغانحعلارنعمذ حوقذم بعلعدذ .»
ھەمدە ئۇنى يالغاندىن ئېيىتقان مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مۇنداق دىگەن : « كعشعلةر ظارعسعدا الله غا ؤة ظاخعرةت كىنعضة ظعشةندذق دئضىحعلةر بار،هةقعقةتتة ظذلار ظعشةنمةيدذ(يةنع ظاغزعدا ظعشةندذق دئضعنع بعلةن،كأثلعدة ظعشةنمةيدذ)(8).ظذلار الله نع ؤة مأمعنلةرنع ظالدعماقحع بولعدذ،هةقعقةتتة ظذلار تذيماستعن ظأزلعرعنعلا ظالدايدذ(9).ظذلارنعث دعللعرعدا كئسةل(يةنع مذناصعقلعق ؤة شةكلعنعش)بار،الله ظذلار نعث كئسعلعنع كىحةيتعؤةتتع؛يالغان سأزلعضةنلعكلعرع(يةنع يالغاندعن ظعماننع دةؤا قعلغانلعقلعرع ؤة الله نعث ظايةتلعرعنع مةسخعرةقعلغانلعقلعرع)ظىحىن ظذلار قاتتعق ظازابقا دذحار بولعدذ .»
ئىككى سەھىيھتە مۇئاز بىن جەبەلدىن نەقىل قىلىنغان ھەدىيستە پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « قانداق بىر ئادەم بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ، مۇھەممەد ئۇنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ راستچىللىق بىلەن يۈرىكىدىن گۇۋاھلىق بەرسە ، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا ھارام قىلىدۇ . »
ئالتىنچى : ساپدىللىق بولۇش . يەنى ، ئىش-ئەمەلنى شىرىكنىڭ بارلىق تۈرلىرىدىن ساپلاشتۇرۇش . ئۇلۇغ ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « جەزمەنكى ساپ دىن پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا بولىدۇ .» ،« دىگىنكى،دىنىمنى ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمەن.» سەھىيھتە ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « كىشىلەرنىڭ ئىچىدە شاپائىتىم بىلەن ئەڭ بەخىتلىك بولىدىغىنى – ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق دىگەن كەلىمىنى يۈرىكىدىن ياكى كۆڭلىدىن سەمىمىيلىك بىلەن دىگەن كىشى . » . . .
يەتتىنچى : بۇ سۆزنى ، ۋە ئۇ مەقسەت قىلغان ۋە كۆرسەتكەن نەرسىنى سۆيۈش . ھەمدە بۇ سۆزنىڭ شەرىتلىرىنى بەجا كەلتۈرىدىغان ۋە ئۇنى ئەمەلىلەشتۈرىدىغان ئەھلىنى سۆيۈش . ۋە شۇنىڭدەك بۇ سۆزگە قارشى ئادەم ياكى نەرسىدىن نەپرەتلىنىش .
ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « بەزى كىشىلەر ئاللاھتىن غەيرىلەرنى ئاللاھقا شىرىك قىلىۋالىدۇ ، ئۇلار ئۇلارنى خۇددى ئاللاھنى سۆيگەندەك سۆيىدۇ . بىراق مۇئىمىنلەر ئاللاھنى بەكراق سۆيىدۇ . » ئاللاھ دەيدۇكى ، مۇئىمىنلەر ئاللاھنى بەكراق سۆيىدۇ . چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىگە ھىچكىمنى شىرىك قىلمايدۇ . ھالبۇكى ، ئاللاھقا باشقا نەرسىلەرنى شىرىك قىلىدىغان مۇشرىكلاردىن ئاللاھنى سۆيىمىز دەپ دەۋا قىلغۇچىلار ئۇلارنى(شىرىك قىلغان نەرسىلىرىنى) ئاللاھنى سۆيگەندەك سۆيىدۇ . ئىككى سەھىيھتە ئەنەستىن نەقىل قىلىندىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاكى مەن ئۇنىڭغا ئۇنىڭ بالىسىدىن ، ئاتىسىدىن ھەمدە بارلىق كىشىلەردىن سۆيۈملۈك بولمىغىچە مۇئىمىن بولمايدۇ . »
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ . ھەمدە ئاللاھ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدنى تەرىپلىسۇن .

www.islamqa.com