Mon 0 Shw 1435 - 28 July 2014
129141
ئىسلام دىنى ئەقىدە مەسىلىسىدە ئەركىنلىكنى ئېتىراپ قىلامدۇ؟
ئىسلام دىنى ئەقىدە مەسىلىسىدە ئەركىنلىكنى ئېتىراپ قىلسا، نېمە ئۈچۈن دىندىن يېنىۋالغان مۇرتەدلەر، بۇتلارغا چوقۇنغۇچى ۋە دىنسىزلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.


     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

     ئىسلام دىنى ئەقىدە مەسىلىسىدە ئەركىنلىكنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى توغرا ئەقىدىگە بۇيرۇيدۇ ۋە ئۇنى كىشىلەرنىڭ ئېتىقاد قىلىشى لازىم دەپ بېكىتىدۇ. ئەقىدە مەسىلىسىدە كىشىلەردە خالىغان بىر دىننى تاللاش ئەركىنلىكى بولمايدۇ. ئىسلام دىنى ئەقىدە مەسىلىسىدە ئەركىنلىكنى قوللايدۇ دېگەن سۆز توغرا ئەمەس.

     ئىسلام دىنى ئاللاھ تائالانى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىش ۋە ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قېلىشقا، دىندا مۇستەھكەم تۇرۇپ ئىسلامغا تولۇق بويسۇنۇپ، ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردىن تولۇق ساقلىنىشقا بۇيرۇيدۇ.

     ئىسلام دىنىدىكى ئەڭ كاتتا ۋە مۇھىم بولغان بەلگىلىمىلەر: ئاللاھ تائالانى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىش ۋە ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قېلىشتىن ئىبارەت بولسا، گۇناھ-مەسىيەتنىڭ ئەڭ بۈيۈكى: ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئىنساننى كۇپرىغا ئىلىپ بارىدىغان ئەمەللەرنىڭ بىرەرسىنى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَاعْبُدُوا اللَّـهَ وَلَا تُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار.» [سۈرە نىسا 36-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

      ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقَضَىٰ رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ﴾ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى.» [سۈرە ئىسرا 23-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ﴾ تەرجىمىسى: «رەببىمىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز.» [سۈرە پاتىھە 5-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَاعْبُدِ اللَّـهَ مُخْلِصًا لَّهُ الدِّينَ﴾ تەرجىمىسى: «دىنىڭنى شېرىك ۋە رىيادىن ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن.» [سۈرە زۇمەر 2-ئايەت]. 

      ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اللَّـهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا، ئىبادەتنى يالغۇز ئاللاھقىلا خالىس قىلىشقا بۇيرۇلدى.» [سۈرە بەييىنە 5-ئايەت].

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مەن، ئىنسانلار پەقەت بىر ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىپ، نامازنى ئادا قىلىپ، زاكات بەرگەنگە قەدەر ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ئۇلار شۇنداق قىلسا، مەندىن ماللىرى ۋە جانلىرىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئەمما ئىسلامنىڭ ھەققى بولسا ئۇ تولۇق ئىجرا قېلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېسابى ئاللاھقىدۇر». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

      ئاللاھ تائالا ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەقىدە مەسىلىسىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئاللاھنىڭ قانۇن-شەرىئەتلىرىگە بويسۇنۇشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. بۇ مەسىلىدە ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئىسلام دىننى قويۇپ باشقا بىر دىننى تاللاش، شۇنداقلا ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ۋە چەكلىگەن شەيئىلەرنى دىن دەپ ئېتىقاد قىلىش ۋە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى تەرك قىلىش ئىختىيارلىقى بولمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭ ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت بولغان ئاللاھنىڭ توغرا دىنىدا مۇستەھكەم تۇرۇشى بىكىتىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانى ئىبادەتتە يەككە-يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلىشى، ئىبادەتتە ئاللاھقا باشقىنى شېرىك قىلماسلىقى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبىرى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈشى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پرىنسىپىدا مۇستەھكەم تۇرۇشى، ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئاللاھ بۇيرىغان شەكىلدە ئادا قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

     ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئەڭ چوڭ گۇناھ قايسى؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سىنىڭ سىنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشۈڭ دېدى. مەن: ئۇنىڭدىن قالسا قايسى؟ دېۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «پەرزەنتىڭنىڭ سەن بىلەن بىرلىكتە تائام يېيىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىشىڭ» دېدى. مەن: ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «خوشناڭنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشىڭ» دېدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا بۇ  ئايەتنى نازىل قىلدى: ﴿وَالَّذِينَ لَا يَدْعُونَ مَعَ اللَّـهِ إِلَـٰهًا آخَرَ وَلَا يَقْتُلُونَ النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّـهُ إِلَّا بِالْحَقِّ وَلَا يَزْنُونَ ۚ وَمَن يَفْعَلْ ذَٰلِكَ يَلْقَ أَثَامًا ، يُضَاعَفْ لَهُ الْعَذَابُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَيَخْلُدْ فِيهِ مُهَانًا ، إِلَّا مَن تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ عَمَلًا صَالِحًا﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ. كىمكى بۇ گۇناھلارنى قىلىدىكەن، ئاخىرەتتە ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ. پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىن (بۇ دۇنيادىكى چېغىدا) تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ» [سۈرە پۇرقان 68-69 -70- ئايەتلەر].

      يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەت-ھەدىسلەردە ئاللاھ تائالانى يەككە-يىگانە دەپ ئېتىقاد قىلىش، ئىبادەتنى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىش، نامازنى بەرپا قىلىش، زاكات بېرىشتەك ئىشلارغا بۇيرىسا، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە زىنا قىلىشتەك ئىشلارنىڭ ھاراملىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.

      مۇسۇلماننىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشى، زىنا قىلىشى، ئوغۇرلۇق قىلىشى، ھەقسىز ئادەم ئۆلتۈرۈشى، ھاراق-شاراپ ئىچىشى، جازانىخورلۇق قىلىشى، قىمار ئوينىشى، ھەقىقەت ئۈچۈن ھەق سۆز قىلماسلىقى، كۈندە ئادا قىلىنىدىغان بەش ۋاخ نامازنى تەرك قىلىشى، مال-مۈلكى تۇرۇپ زاكاتنى ئادا قىلىشتىن باش تارتىشى، بېجىرىم ۋە مۇقىم تۇرۇپ رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشنى تەرك قىلىشى، ئۆمرىدە بىر قېتىم ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىشقا قادىر بولۇپ تۇرۇپ ھەج قىلىشنى تەرك قىلىشى قاتارلىق ئىشلارنى سادىر قىلىشى توغرا بولمايدۇ.

     دېمەك؛ ئىسلامدا ئېتىقاد ئەركىنلىكى بولمايدۇ. بەلكى ھەر بىر كىشىنىڭ توغرا ئېتىقادتا بولىشى ۋە ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنى تەرك قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ. شۇنداق، ئىنسان ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇباھ قىلغان (يەنى قىلسا دۇرۇس بولىدىغان) ئىشلاردا، مۇستەھەب دەرىجىسىدىكى ئەمەللەردە قىلىش ياكى قىلماسلىق ئىختىيارلىقى بولىدۇ. ئۇ ئىشلارنى خالىسا قىلىدۇ، خالىمىسا قىلمايدۇ.

     ئەمما ئاللاھنىڭ دىنىدا بېكىتىلگەن پەرز-ۋاجىپ ئەمەللەرنى قەتئىي ئورۇنداش تەلەپ قىلىنغاندەك، ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىش-ھەرىكەتلەردىن دەرھال قول ئۇزۇشى لازىم بولىدۇ.

     ئىنساننىڭ كومىنېست، يەھۇدىي ياكى خرىستىيان، بۇتپەرەس ياكى ئاتەش پەرەس قاتارلىق باتىل ئەقىدىلەرنى ئېتىقاد قىلىش ئىختىيارلىقى يوق، بەلكى ئۇ كىشى قاچانكى، مۇرتەد ياكى يەھۇدىي، خرىستىيان ياكى ئاتەش پەرەس ياكى كومىنېست بولىدىكەن شۇ ۋاقىتتا ئۇ كاپىر بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، شۇ يۇرتتىكى مۇسۇلمان رەھبەرلىرى ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىش پۇرسىتى بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ تەۋبە قىلىپ ھەق دىنغا قايتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر تەۋبە قىلىپ ھەق دىنغا قايتسا ئامانلىق بېرىلىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا ئىسلام دىنىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇن پرىنسىپى روھى ئاستىدا (يەنى بۇ ھۆكۈم كىشىلەر تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى ئىسلامى ھاكىمىيەت ئاستىدا ئىجرا قىلىنىدۇ) ئۇنى ئۆلتۈرۈش ۋە مال-مۇلكىنى مۇسادىرە قىلىش توغرا بولىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دىنىنى ئۆزگەرتكەن كىشىنى ئۆلتۈرۈڭلار.» [بۇخارى رىۋايىتى].

     كىمكى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىسلام دىنىنى ئۆزگەرتىپ، ياراتقۇچى ئاللاھقا كاپىر بولىدىكەن، ئەگەر ئۇ ھەقىقەتكە قايتىپ تەۋبە قىلمىسا، ئۇنى ئۆلتۈرۈش ۋاجىپ بولىدۇ.

     يۇقىرىقى سۆزلەردىن شۇ مەلۇم بولدىكى، مۇسۇلماننىڭ ھەقىقەتنى تاشلاپ، باتىلغا ئېسىلىش ئىختىيارلىقى قەتئى بولمايدۇ. بەلكى باتىلنى تەرك قىلىپ ھەقىقەتتە مۇستەھكەم تۇرۇشى لازىم بولىدۇ. مۇسۇلماننىڭ باشقىلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىشى، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن باشقىلارغا نەسىھەت قىلىشى، ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشى، ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلاردىن ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇشى، كىشىلەرنى ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى تەرك قىلىشقا چاقىرىشى  قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھەر بىر مۇسۇلمان كىشىگە ئۆز تاقىتى بويىچە بىكىتىلىنىدۇ. تۈگىدى.

     [شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ نۇرۇن ئەلەردەرب پىروگراممىسى پەتىۋالىرى 1-توم 311-313-بەتلەرلەرگە قارالسۇن].

     ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى