سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئاللاھنىڭ جازاسى ئىنسان سادىر قىلغان گۇناھنىڭ نەتىجىسىدىنمۇ؟

13220

تارقاتقان ۋاقىت : 26-10-2020

كۆرگۈچىلەر : 3633

سۇئال

مەن، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا ئۇچراش ۋە بەرىكەتنىڭ يوق بولىشى ئىنسان سادىر قىلغان گۇناھنىڭ نەتىجىسىدىن بولىدۇ، دېگەن سۆزنى ئوقۇپ بۇنىڭدىن قورقۇپ يىغلاپ تاشلىدىم. ماڭا بۇ ھەقتە توغرا چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئىنساننىڭ گۇناھ-مەسىيەتكە يېقىنلىشىشى؛ ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە ئۇچراش ۋە بەرىكەتنىڭ يوقىلىشى، قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىكنىڭ بولىشى، دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا ئۆتىشى قاتارلىقلاردىكى ئاساسلىق سەۋەبلەردىندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَلَقَدْ أَخَذْنَا آلَ فِرْعَوْنَ بِالسِّنِينَ وَنَقْصٍ مِّنَ الثَّمَرَاتِ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَتەرجىمىسى: ئاللاھقا قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ئىبرەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قەھەتچىلىك بىلەن، مېۋىلىرىنىڭ ھوسۇلىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن سىنىدۇق. [سۈرە ئەئراپ 130-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَكُلًّا أَخَذْنَا بِذَنبِهِ ۖ فَمِنْهُم مَّنْ أَرْسَلْنَا عَلَيْهِ حَاصِبًا وَمِنْهُم مَّنْ أَخَذَتْهُ الصَّيْحَةُ وَمِنْهُم مَّنْ خَسَفْنَا بِهِ الْأَرْضَ وَمِنْهُم مَّنْ أَغْرَقْنَا ۚ وَمَا كَانَ اللَّـهُ لِيَظْلِمَهُمْ وَلَـٰكِن كَانُوا أَنفُسَهُمْ يَظْلِمُونَتەرجىمىسى: (بۇ گۇناھكارلارنىڭ) ھەربىرىنى گۇناھى تۈپەيلىدىن جازالىدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە تاش ياغدۇردۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى قاتتىق تاۋۇش ھالاك قىلدى، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى (مال - مۈلكى بىلەن قوشۇپ) يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى (سۇدا) غەرق قىلدۇق، ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. [سۈرە ئەنكەبۇت 40-ئايەت].

بۇ مەنادا بايان قىلىنغان ئايەتلەر ناھايتى كۆپ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: شۈبھىسىزكى، بەندە سادىر قىلغان گۇناھى سەۋەبىدىن كۆپ رىزىقتىن مەھرۇم قالىدۇ. دېيىلگەن.

مۇسۇلمان ئەر-ئاياللار گۇناھ-مەسىيەت ۋە خاتالىقلارغا چۈشۈپ قىلىشتىن ئاگاھ بولىشى كېرەك، شۇنداقلا ئىلگىرىكى خاتالىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشى، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ، ئازابى ۋە غەزىپىدىن قورقۇشى ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ تەۋبە قىلغۇچىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىشى ۋاجىپ بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە سالىھ كىشىلەر توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:إِنَّهُمْ كَانُوا يُسَارِعُونَ فِي الْخَيْرَاتِ وَيَدْعُونَنَا رَغَبًا وَرَهَبًا ۖ وَكَانُوا لَنَا خَاشِعِينَ تەرجىمىسى: ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، (رەھمىتىمىزنى) ئۈمىد قىلىپ، (ئازابىمىزدىن) قورقۇپ بىزگە دۇئا قىلاتتى، بىزگە كەمتەرلىك بىلەن ئىبادەت قىلاتتى ئەنبىيا سۈرىسى 90-ئايەت.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:أُولَـٰئِكَ الَّذِينَ يَدْعُونَ يَبْتَغُونَ إِلَىٰ رَبِّهِمُ الْوَسِيلَةَ أَيُّهُمْ أَقْرَبُ وَيَرْجُونَ رَحْمَتَهُ وَيَخَافُونَ عَذَابَهُ ۚ إِنَّ عَذَابَ رَبِّكَ كَانَ مَحْذُورًا تەرجىمىسى: ئۇلار (ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھ دەپ) ئىبادەت قىلىدىغانلارنىڭ (ئۆزلىرى ئىبادەت ئارقىلىق) پەرۋەردىگارىغا يېقىن بولۇشنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (پەرۋەردىگارىغا) يېقىنراق بولغىنى (ھەم ئىبادەت ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىن بولۇشنى تىلەيدۇ)، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ (ئۇنىڭ) ئازابىدىن قورقىدۇ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن ساقلىنىشقا تېگىشلىكتۇر. [سۈرە ئىسرا 57-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَالْمُؤْمِنُونَ وَالْمُؤْمِنَاتُ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ ۚ يَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنكَرِ وَيُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَيُطِيعُونَ اللَّـهَ وَرَسُولَهُ ۚ أُولَـٰئِكَ سَيَرْحَمُهُمُ اللَّـهُ ۗ إِنَّ اللَّـهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ تەرجىمىسى: مۆمىن ئەرلەر، مۆمىن ئاياللار بىر-بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى (تولۇق) ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ، ئەنە شۇلارغا ئاللاھ رەھىم قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. [سۈرە تەۋبە 71-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۆمىن ئەر-ئاياللار ئۈچۈن دۇرۇس بولغان سەۋەبلەرنى قوللىنىشنى يولغا قويدى. شۇنداقلا، ئاللاھ تائالادىن قورقۇش ۋە ئۇنىڭدىن ساۋاپ ئۈمىت قېلىش ئارقىلىق ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. يەنى تەلەپ قىلغان نەرسىگە ئېرىشىش، ئەنسىرىگەن ئىشلاردىن سالامەت بولۇشتا ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىنى تۇتۇشقا تايىنىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا ناھايتى كەرەملىك ۋە مەرھەمەتلىكتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَن يَتَّقِ اللَّـهَ يَجْعَل لَّهُ مَخْرَجًا وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُتەرجىمىسى: كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئەللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ . ئەللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ. [سۈرە تالاق 2-3-ئايەتلەر].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: وَمَن يَتَّقِ اللَّـهَ يَجْعَل لَّهُ مِنْ أَمْرِهِ يُسْرًاتەرجىمىسى: كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. [سۈرە تالاق 4-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَتُوبُوا إِلَى اللَّـهِ جَمِيعًا أَيُّهَ الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَتەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار. [سۈرە نۇر 31-ئايەت].

ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ، تائەت-ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىڭ. ئاللاھ تائالانىڭ خاتالىقلارنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقىغا كەسكىن ئىشىنىشىڭىز بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ غەزىپىدىن ھەزەر قىلىشىڭىز كېرەك. شۇنداق قىلغىنىڭىزدا سىز كۆپ ياخشىلىققا ئېرىشىسىز، ئىشىڭىزنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولىدۇ.

مەنبە: پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ "مۇسلىمىلەر ئۈچۈن توپلانغان پەتىۋالار" ناملىق ئەسىرى 3-توم 1136-بەتكە قارالسۇن