Tue 1 Rb1 1436 - 23 December 2014
13830
ياخشى ئەمەللەرنىڭ شەرىتلىرى
ئاللاھ تائالا بەندىنىڭ ئەمىلىنى قاچان قوبۇل قىلىدۇ؟ ئەمەلنىڭ سالىھ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا قوبۇل بولىشىنىڭ شەرتلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.


    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

    ھەرقانداق ئەمەلدە ئىككى تۈرلۈك ئىش تولۇق بولىدىكەن، بۇ ئەمەل ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانى تولۇق ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا تولۇق بويسۇنۇشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالَّذِينَ آمَنُوا أَشَدُّ حُبًّا لِّلَّـهِ﴾ تەرجىمىسى: «مۆمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر.» [سۈرە بەقەرە 165-ئايەت].

     يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ الَّذِينَ هُم مِّنْ خَشْيَةِ رَبِّهِم مُّشْفِقُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ ھەيۋىسىدىن قورققۇچى كىشىلەر.» [سۈرە مۆمىنۇن 57-ئايەت]. ئاللاھ تائالا ئىككى ئىشنى بىرلەشتۈرۈپ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّهُمْ كَانُوا يُسَارِعُونَ فِي الْخَيْرَاتِ وَيَدْعُونَنَا رَغَبًا وَرَهَبًا ۖ وَكَانُوا لَنَا خَاشِعِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، (رەھمىتىمىزنى) ئۈمىد قىلىپ، (ئازابىمىزدىن) قورقۇپ بىزگە دۇئا قىلاتتى، بىزگە كەمتەرلىك بىلەن ئىبادەت قىلاتتى.» [سۈرە ئەنبىيا 90-ئايەت].

     بۇنىڭدىن شۇ مەلۇم بولىدۇكى، ئىبادەت پەقەت مۆمىندىنلا قوبۇل قىلىنىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقَدِمْنَا إِلَىٰ مَا عَمِلُوا مِنْ عَمَلٍ فَجَعَلْنَاهُ هَبَاءً مَّنثُورًا﴾ تەرجىمىسى: «» [سۈرە پۇرقان 23-ئايەت]. 

      ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «مەن، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئىبنى جەدئان جاھىلىيەت دەۋرىدە ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى يەتكۇزەتتى، مىسكىنلەرگە تائام بېرەتتى، قىيامەتتە بۇ ئىشلارنىڭ ئۇنىڭغا پايدىسى بولامدۇ؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ياق، ئۇ ئىشلارنىڭ ئۇنىڭغا پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى بىرەر قېتىممۇ ئى ئاللاھ! قىيامەت كۈنى مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى كەچۈرۈم قىلغىن دېمىدى، يەنى ئۇ ئۆلگەندىن كىيىن تىرىلىشكە ئىشەنمەيتتى، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىت قىلىپ ئەمەل قىلمىغان، دېدى.» [سەھىھ مۇسلىم 214-ھەدىس].

     تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك ئىش تولۇق روياپقا چىققاندا مۇسۇلماننىڭ قىلغان ئەمەللىرى قوبۇل بولىدۇ:

    بىرىنچى: ئەمەل-ئىبادەتنى خالىس نىيەت بىلەن ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قىلىش. يەنى بەندە ئۆزىنىڭ قىلغان ئاشكارا-يوشۇرۇن بارلىق ئەمەللىرىدە ۋە سۆز-ھەرىكەتلىرىدە پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى مەقسەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.  

    ئىككىنچى: ئەمەل-ئىبادەت ئاللاھ تائالا بۇيرىغان شەرىئەت پرىنسىپىغا مۇۋاپىق بولۇش كېرەك. يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەگىشىش، خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن بېكىتىلمىگەن ئىشلارنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئىبادەتتە يېڭىلىق پەيدا قىلماسلىقتىن ئىبارەتتۇر.

     بۇ شەرتلەرنىڭ دەلىلى قۇرئان كەرىمدە مۇنداق بايان قىلىنغان: ﴿فَمَن كَانَ يَرْجُو لِقَاءَ رَبِّهِ فَلْيَعْمَلْ عَمَلًا صَالِحًا وَلَا يُشْرِكْ بِعِبَادَةِ رَبِّهِ أَحَدًا﴾ تەرجىمىسى: «كىمكى پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن (ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ ئازابىدىن قورقىدىكەن)، ياخشى ئىش قىلسۇن. پەرۋەردىگارىغا قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن.» [سۈرە كەھپ 110-ئايەت].

     ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى ئايەتتە توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ: "كىمكى ئاللاھ تائالاغا مۇلاقەت بولۇشنى ئارزۇ قىلسا، يەنى قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ جازا-مۇكاپاتلىرىنى ئۈمىت قىلسا، (ياخشى ئەمەللەرنى قىلسۇن) يەنى ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق ئەمەل قىلسۇن. (پەرۋەردىگارىغا قىلىدىغان ئىبادەتتە باشقا بىرىنى شېرىك قىلمىسۇن) يەنى ئەمەلنى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلىش ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماسلىقتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئەمەلنىڭ قوبۇل بولىشىدىكى ئىككى مۇھىم ئاساس بولۇپ، ھەر قانداق ئەمەل خالىس ئاللاھ ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە مۇۋاپىق بولسا ئەمەلنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولۇشىنىڭ شەرتلىرى ھازىرلانغان بولىدۇ.

     ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر. 

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى