Fri 30 DhH 1435 - 24 October 2014
14051
چاچ چۈشۈرۈشنىڭ ھۆكمى
باشنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈش سۈننەتمۇ؟ چاچ چۈشۈرسە ساۋاپ بولامدۇ ياكى گۇناھمۇ؟


بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

ئۆلىمالار باشنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈشنى تۆرەندىكىدەك ئالتە تۈرگە ئايرىيدۇ:

بىرىنچى تۈرى:

جانابى ئاللاھقا يېقىنلىشىش، بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن چاچنى چۈشۈرسە ساۋابقا ئېرىشىدۇ. بۇ مەسىلە تۆت تۈرلۈك پائالىيەتنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

1- ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىش.

2- ئۆمرى پائالىيىتىنى ئادا قىلىش.

جانابى ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ پەيغەمبىرىگە، ھەق رەۋىشتە، ھەقىقى راست چۈش كۆرسەتتى. (ئې مۇھەممەد ! سەن ۋە ساھابىلىرىڭ) خۇدا خالىسا (دۈشمەندىن) ئەمىن بولغان، (بەزىلىرىڭلار) باشلىرىڭلارنى چۈشۈرگەن ۋە (بەزىلىرىڭلار) قىرقىغان ھالدا، قورقماي چوقۇم مەسچىتى ھەرەمگە  كىرىسىلەر» پەتىھ سۈرىسى27- ئايەت.

3- بالا تۇغۇلۇپ يەتتە كۈنلۈك بولغاندا چېچىنى چۈشۈرۈش. بۇ توغرىسىدا تىرمىزى رىۋايەت قىلغان 1439-ھەدىسدە، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبتىن (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) رىۋايەت قىلىنىدۇكى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: " ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھسسالام بىر قوچقار ئەقىقە قىلىپ مۇنداق دېگەن: "ئې پاتىمە ھەسەننىڭ چېچىنى چۈشۈرۈپ چېچىنىڭ ئېغىرلىقىدا كۇمۇش سەدىقە قىلىڭ دەپ بۇيرىغان". شەيخ ئالبانى بۇ ھەدىسنى سەھىھ ھەدىس دېگەن. تىرمىزى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى1226- ھەدىستە بايان قىلغان.

ئىبنى قەييىمنىڭ "تۆھپەتۇل مەۋدۇد" ناملىق ئەسىرىنىڭ 217- بېتىگە قاراڭ.

4 - كاپىرنىڭ ئىسلامغا كىرىشى.

ئەبۇ داۋۇد پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يېڭىدىن ئىسلامغا كىرگەن بىر كىشىنى"چېچىڭنى چۈشۈرگىن، خەتنە قىلغىن" دەپ بۇيرىغان. ئالبانى بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇتنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا ياخشى دەرىجىلىك ھەدىس دېگەن. "ئەلمۇغنى"1- توم 276- بەت، ئىبنى تەيمىيەنىڭ "شەرھۇل ئەلئۆمدە" ناملىق ئەسىرى1-توم  350- بېتىگە قاراڭ.

   بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۆلىمالار باش چۈشۈرۈش مەسىلىسىدە يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان تۆت خىل ھالەتتىن باشقا ئەھۋال ئاستىدا باشنىڭ چېچىنى ئالدۇرۇشقا تەشەببۇس قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەن. بۇ توغرىدا شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ "ئىستىقامەت" ناملىق ئەسىرى 1- توم  256- بېتىگە قارالسۇن.

ئىككىنچى تۈرى :

شېرىك: چاچ چۈشۈرۈشنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشكە ئېلىپ بېرىشى.

مۇسۇلمان جانابى ئاللاھدىن باشقا ھەرقانداق بىر مەخلۇققا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرسىتىش ئۈچۈن چېچىنى چۈشۈرۈش توغرىسىدا ئىبنى قەييىم "زادۇل مەئاد" ناملىق ئەسىرىنىڭ 4-توم 159- بىتىدە مۇنداق دەيدۇ: "بەزى ئازغۇن پىرقىلەر ئۆز چوقۇنغۇچىلىرىغا تۆۋەنچىلىك ۋە ئىخلاسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن چېچىنى چۈشۈرۈپ ئۇلارنى ئۇلۇغلايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئاللاھقا باشقىلارنى شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدۇ. باشنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈش دېمەك؛ پەرۋەردىگارىغا پۈتۈنلەي باش ئېگىش بىلەن بىرگە كامالى بەندىچىلىكنى ئىپادىلەشتىن ئىبارەتتۇر. مۇسۇلمان پېشانىسىنى پەرۋەردىگارىنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپ يەرگە قويۇشى، بەندىچىلىكنى ئىپادىلەشنىڭ ئەڭ كامالىتى بولغىنىدەك، ھەج ۋە ئۆمرىدە باشنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق، ئاللاھقا بولغان ئىتائەتمەنلىك ۋە تۆتىنچىلىكنى ئىزھار قىلىشتۇر. جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەر ئەگەر ئەسىرنى قويۇپ بەرمەكچى ياكى ئاھانەت قىلماقچى بولسا بىشىنى چۈشۈرۈۋېتىپ قويۇپ بېرەتتى.      

ئۈچىنچى تۈرى :

چاچ چۈشۈرۈش بىدئەتچىلەرنىڭ قىلمىشىدۇر. بۇ بىر نەچچە تۈرگە ئايرىلىدۇ:

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۆت تۈرلۈكتىن باشقا، باشنىڭ چېچىنى ئالدۇرۇشتا، ساۋاب ئۈمىد قىلىپ، بەندىچىلىكنى ئىپادىلەش، ياكى تەقۋادارلار قاتارىدىن سانىلىش ئۈچۈن دۇنيادىن يۈز ئۆرۈپ "تەركى دۇنيالىقنى دوست تۇتقۇچى" دەپ ئاتىلىشى ئۈچۈن چاچنى چۈشۈرۈش خاۋارىچلارنىڭ ئادەتلىرىدىندۇر.

بۇ توغرىسىدا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام خاۋارىجلارنى سۈپەتلەپ  مۇنداق دېگەن: «خاۋارىجلارنىڭ ئالامەتلىرى چېچىنى چۈشۈرۈپلا تۇرىدۇ». بۇ ھەدىس بۇخارىدا 7007-، سەھىھ مۇسلىمدا1763 -نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلىنغان. قۇتۇبى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ «خاۋارىجلارنىڭ ئالامەتلىرى چېچىنى چۈشۈرۈپلا تۇرىدۇ» دېگەن سۆزىنى مۇنداق شەرھلەيدۇ: "باشنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈش خاۋارىجلارنىڭ بىرخىل ئالامەتلىرى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئۆزىنىڭ دۇنيانىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىدىن يۈز ئۆرۈدى ۋە شۇنداقلا ئۇلار بۇ قىلمىشىنى ئىسلام دىنىدىن دەپ ئېتىقات قىلدى. ئۇلار جاھىللىقىدىن رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ خەلىپىلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنىڭ ئەكسىنى قىلىدۇ". "شەرھۇل ئۆمدە" 1-توم 231-بېتى، "پەتىۋالار توپلىمى" 21-توم 118- بېتىگە قارالسۇن.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە "پەتىۋالار توپلىمى" ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنىڭ 21- توم 118- بېتىدە مۇنداق قەيت قىلىنىدۇ: "بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىغا تۆۋە قىلغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن چېچىنى چۈشۈرۈشى لازىم دەپ قارايدۇ. بۇ بىدئەت قاتارىدىن سانىلىدۇ.  بۇ خىل كۆز قاراش بىلەن باشنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈش ساھابەكىرام  ياكى تابىئىنلار ھەتتاكى ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن بىرەرسىنىڭمۇ قىلغىنى مەلۇم ئەمەس".

تۆتىنچى تۇرى :

باشنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈشنىڭ ھاراملىقى. بۇ تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرلۈك بولىدۇ:

1- يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بىرىنىڭ ۋاپات بولغانلىق سەۋەبى بىلەن چاچنى چۈشۈرۈش ھارامدۇر. بۇ توغرىسىدا ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئۆلۈمدە يىغلىغۇچى، مۇسىبەت سەۋەبى بىلەن باشنىڭ چېچىنى چۈشۈرگۈچى، مۇسىبەتكە سەۋرى قىلماستىن كېيىملىرىنى يىرتىپ زارلانغۇچىلاردىن ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئادا-جۇدادۇر». دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇ ھەدىسنى مۇسلىم 149-ھەدىستە رىۋايەت قىلغان.

ئىبنى ھەجەر(ئۇ كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن) بۇ توغرىدا مۇنداق دېگەن: "مۇسىبەت سەۋەبىدىن باشنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈش بولسا، ئىنسان بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت ۋە قازايى- قەدەرگە رازى بولمىغانلىقىنى ئاشكارا ئىپادىلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر".

2- غەرب ئەللىرىنى دوراپ كاپىر ۋە پاسىقلارنىڭ يېڭى پاسوندا چاچ ياسىتىش ياكى چۈشۈرۈشلىرىگە ھەۋەس قىلىپ، چاچ چۈشۈرۈش ھارامدۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆزىنى باشقا بىر قوۋمگە ئوخشىتىۋالسا ئۇ شۇ قەۋمدىن سانىلىدۇ» بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد 4031-ھەدىستە رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئالبانى سەھىھ ھەدىس دېگەن.

ئەلپارى يۇقىرىدىكى ھەدىسنى شەرھىلەپ: "كىمىكى كاپىر، پاسىق-پاجىرلارنى دورىسا، ئۇ قىلمىشى ئۈچۈن گۇناھتا ئۇلار بىلەن  ئوخشاشتۇر" دەيدۇ.

بەشىنچى تۈرى:

باشنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنغان ئەھۋاللار.

بېشىغا چاقا چىقىپ قالغان بولسا ياكى پىتلاپ قالغان بولسا بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا داۋالىنىش ئۈچۈن چاچنى چۈشۈرسە دۇرۇستۇر.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە "پەتىۋالار توپلىمى" ناملىق ئەسىرى 12- توم 117 - بېتىدە يۇقىرىقى ئەھۋال ئاستىدا باشنىڭ چېچىنى ئالدۇرۇشنىڭ جايىزلىقىغا ئۆلىمالار بىرلىككە كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ئالتىنچى تۈرى:

چاچنى يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ھالەتلەردىن باشقا سەۋەبسىز چۈشۈرۈش توغرىسىدا ئۆلىمالار ئىختىلاپلاشقان. ئىمام مالىك يامان كۆرىلىدۇ دېگەن. ئۇ ئۆز كۆز قارىشىنى «خاۋارىجلارنىڭ ئالامەتلىرى چېچىنى چۈشۈرۈپلا تۇرىدۇ»  ۋە «كىمكى ئۆزىنى باشقا بىر قوۋمگە ئوخشىتىۋالسا ئۇ شۇ قەۋمدىن سانىلىدۇ» دېگەن ھەدىسلەر بىلەن كۈچلەندۈرىدۇ.

دۇرۇس دېگۈچىلەر ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان 4192- ھەدىسنى دەلىل قىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام جەپەر ئىبنى ئەبۇ تالىپنىڭ ۋاپاتىدىن ئۈچ كۇن كېيىن جەپەرنىڭ ئائىلىسىگە بارغاندا، ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ چاچلىرىنى چۈشۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ساتىراش چاقىرىدۇ ۋە ساتىراچنى بالىلارنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈشكە بۇيرىدى. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئالبانى سەھىھ دېگەن.

ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان 4195-ھەدىستە: پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر كىچىك بالىنىڭ چېچىنىڭ بىر قىسمى چۈشۈرۈلۈپ يەنە بىر قىسمىنىڭ چۈشۈرۈلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «چاچنىڭ ھەممىسىنى چۈشۇرۇڭلار ياكى چۈشۈرمەي قويۇۋېتىڭلار» بۇ ھەدىسنى شەيخ ئالبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىنىڭ 3535-ھەدىسىدە سەھىھ دەپ بېكىتتى.

ئىمام نەۋەۋى بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىپ مۇنداق دېگەن: "بۇنىڭدىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى؛ يۇقىرىدىكى دەلىللەر چاچنىڭ ھەممىسىنى چۈشۈرسە دۇرۇس بولىدىغانلىقىغا ئۆچۈق دەلىلىدۇر. (شەرھى مۇسلىم) لېكىن ھېچقانداق بىر سەۋەبسىز چاچنى چۈشۈرۈش توغرىسىدا بۇ ئىككى ھەدىس شەرىپنى دەلىل كەلتۈرۈپ، ھاجەتسىز چاچنى چۈشۈرۈشكە تۆۋەندىكىدەك كۆز قاراشلارمۇ مەۋجۇد:

1- رەسۇلۇللاھنىڭ جەپەر ئىبنى ئەبۇ تالىپنىڭ بالىلىرىنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈشكە بۇيرۇشى زۆرۈر بولغانلىقى سەۋەبلىك چاچنى چۈشۈرۈشكە بۇيرىغان. كۆپۈنچە ھالەتتە كىچىك بالىلارنىڭ باشلىرى تىز كىرلىشىدۇ ۋە پىتلاپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا چاچنى چۈشۈرۈش مۇباھدۇر. "زادۇل مەئاد" 4- تومنىڭ 159- بېتىگە قاراڭ.

2- كىچىك سەبى بالىلار ئۈچۈن جايىزدۇر، شەرىئەتتە كىچىك بالىلارغا رۇخسەت قىلىنغان بەزى ھۆكۈملەرگە، چوڭلارنىڭ ئەمەل قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلمەيدۇ. " شەرھى نەسائى" ۋە "پەتىۋالار توپلىمى" 21- توم 119- بەت، "شەرھۇل ئۆمدە" 1- توم 230- بەت.

چاچنى چۈشۈرۈش  دۇرۇسمۇ ياكى مەكرۇھمۇ؟ياكى ئەۋزەلمۇ؟ دېگەن مەسىلە سۆزىمىزنىڭ بەشىنچى تۈرىدىكى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىمىز مۇھىم بولغان مەسىلە بولۇپ، مۇنداق خۇلاسە چىقىرىلىدۇ:  

چاچنى چۈشۈرمەسلىك ئەۋزەل. فاۋى (ئۇ كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق پەتىۋا بەرگەن: ھەج ۋە ئۆمرىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئىبادەتتىن باشقا ھالەتتە چاچنى چۈشۈرمەسلىك ئەۋزەل. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابە كىراملار ھەج ۋە ئۆمرە پائالىيەتلىرىدىن باشقا ۋاقىتتا چاچلىرىنى چۈشۈرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس."مىن ئەۋنىل مەئبۇد" ناملىق ئەسەرنىڭ 11- توم 284 -بېتىگە قارالسۇن.

جانابى ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

پەزىلەتلىك شەيخ/ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد جانابلىرى.