Mon 21 Jm2 1435 - 21 April 2014
20064
پەرزەنتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى
ئەرلەرگە نىسبەتەن ئايالى ۋە پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئادا قىلىشقا تىگىشلىك قانداق ھەق-ھوقۇقلار بار؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.


     بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

     ئاياللارغا ئالاقىدار بولغان ھەق-ھوقۇقلارنى 10680-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدىن كۆرۈۋىلىشىڭىز مۇمكىن. تۆۋەندە پەرزەنتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى بايان قىلىمىز.

     ئاللاھ تائالا ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن پەرزەنتلەرنىڭ ئۈستىگە ھەق-ھوقۇقلارنى بېكىتكەندەك، پەرزەنتلەر ئۈچۈنمۇ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۈستىگە ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان مەلۇم ھەق-ھوقۇقلارنى بېكىتتى.

     ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنتلىرىگە ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ئاللاھ تائالا ئەبرار يەنى ياخشىلىق قىلغۇچى دەپ ئاتىدى. (چۈنكى ئۇلار ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنتلەرگە ئېھسان قىلدى). ئاتاڭنىڭ سىنىڭ ئۈستۈڭدە ھەققى بولغىنىدەك، پەرزەنتىڭنىڭمۇ سىنىڭ ئۈستۈڭدە ھەققى بار.» [ئەدابۇل مۇپرەد ناملىق ئەسەر 94-بەت].

     ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىنىڭ ئۈستۈڭدە پەرزەنتىڭنىڭ ھەققى بار...» [مۇسلىم رىۋايىتى 1159-ھەدىس].

     ئەۋلادلارنىڭ ئاتىلار ئۈستىدىكى ھەققى كۆپ بولۇپ، پەرزەنت دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنقى ھەقلىرى تۆۋەندىكىدىن ئىبارەتتۇر:

     پەرزەنتلەرگە ياخشى ئانا بولالايدىغان دىندار سالىھە ئايالنى تاللاش، بۇ ھەقتە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى مىلى، ئائىلە كېلىپ چىقىشى، گۈزەللىكى، دىنىدىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك سۈپەت ئىچىدە نىكاھ قىلىنىدۇ. دىندار ئايال بىلەن توي قىلغىنىڭ بەختكە ئېرىشكىنىڭدۇر.» [بۇخارىي رىۋايىتى4802-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1466-ھەدىس]. شەيخ ئابدۇل غەنى دىھلىۋىي مۇنداق دەيدۇ: ئاياللاردىن دىندار، سالىھە، نەسەبى پاكلىرىنى تاللاڭلار، چۈنكى زىنادىن تۇغۇلغان ئەۋلاتلاردىن بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ رەزىللىكى كېيىنكى ئەۋلاتلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿الزَّانِي لَا يَنكِحُ إِلَّا زَانِيَةً أَوْ مُشْرِكَةً وَالزَّانِيَةُ لَا يَنكِحُهَا إِلَّا زَانٍ أَوْ مُشْرِكٌ  وَحُرِّمَ ذَٰلِكَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ﴾ تەرجىمىسى: «زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ، زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تېگىدۇ، ئۇ (يەنى زىنا) مۆمىنلەرگە ھارام قىلىندى.» [سۈرە نۇر 3-ئايەت].

     پەرزەنت تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ھەق-ھوقۇقلار:

    1-بالا تۇغۇلغاندا ئۇنى ئېغىزلاندۇرۇش سۈننەتتۇر. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەبۇ تەلھە سەپەرگە چىقىپ كەتكەندە ئۇنىڭ بالىسى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولىدۇ. ئەبۇ تەلھە قايتىپ كىرىپ: بالىنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ دەپ سورىغان ئىدى، ئۇممۇ سۈلەيم: بالىنىڭ ئەھۋالى ياخشى، ناھايىتى تىنچ ياتىدۇ دەپ، ئەبۇ تەلھەگە كەچلىك تائام تەييارلىدى ۋە كىچىدە ئىككەيلەن بىرگە بولدى، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇممۇ سۈلەيم: بالىنىڭ دەپنە قىلىنغانلىقىنى دەيدۇ. ئەبۇ تەلھە ئەتتىگەندە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ بولغان ئىشتىن خەۋەر بەردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: كىچىدە بىرگە بولدۇڭلارمۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئەبۇ تەلھە: ھە-ئە، دەپ جاۋاپ بەردى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالا ئىككىڭلارنىڭ بۇ كېچىسىنى بەرىكەتلىك قىلسۇن، دىدى. ئۇممۇ سۈلەيم بىر ئوغۇل تۇغدى، ئەبۇ تەلھە ماڭا: بالىنى ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئىلىپ بارغىن دەپ بىرقانچە تال خورما بەردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بالىنى ئىلىپ، ئىغىزلاندۇرغىدەك بىرنەرسە بارمۇ؟ دېدى، مەن ئىلىپ كەلگەن خورمىلارنى بەردىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خورمىنى ئېغىزىغا سىلپ چايناپ، يۇمشىتىپ  بالىنىڭ ئاغزىغا سىلپ ئېغىزلاندۇردى ۋە ئۇ بالىنىڭ ئىسمىنى ئابدۇللاھ  دەپ ئاتىدى.» [بۇخارىي رىۋايىتى5153-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2144-ھەدىس].

     ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بالا تۇغۇلغاندا ئۇنى خورما بىلەن، ئەگەر خورما بولمىسا شۇنىڭغا يېقىن شېرىن مېۋىلەر بىلەن ئىغىزلاندۇرسا بولىدىغانلىقىغا، بالىنى ئىغىزلاندۇرغۇچى كىشى خورمىنى چايناپ سۇيۇلدۇرۇپ، بوۋاق يۇتالىغىدەك بولغاندا بالىنىڭ ئېغىزىغا قۇيۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن ئازراق بولسىمۇ بوۋاقنىڭ گېلىدىن ئۆتسە سۈننەت ئادا بولىدىغانلىقىغا ئۆلىمالار بىرلىككە كەلگەن". [ئىمام نەۋەۋىينىڭ سەھىھ مۇسلىم شەرھىسى ناملىق ئەسىرى 14-توم 122-123-بەتلەر].

     2-پەرزەنتكە ئابدۇللاھ ۋە ئابدۇرەھمان دېگەنگە ئوخشاش چىرايلىق ئىسىملارنى تاللاش. ناپىئنىڭ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھغا ئەڭ سۆيۈملۈكراق بولغان ئىسىملىرىڭلار ئابدۇللاھ ۋە ئابدۇرەھماندۇر.» مۇسلىم رىۋايىتى(2132).

     ئۆغۇل بالىغا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسمىنى قويۇش ياخشى دەپ قارىلىدۇ. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىچە مېنىڭ بىر ئوغلۇم تۇغۇلدى، ئۇنى ئاتام ئىبراھىمنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىدىم.» [مۇسلىم رىۋايىتى 2315-ھەدىس].

     بالا تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى ئىسمىنى قويۇش ياخشى كۆرۈلىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ روھى بويۇنچە بالا تۇغۇلغان كۈنى ئىسمىنى قويسىمۇ بولىدۇ.

      سەمرە ئىبنى جۇندۇپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق بوۋاقنىڭ ئەقىقىسىنى قىلىش مۇھىمدۇر، يەتتە كۈنلۈك بولغاندا چېچى چۈشۈرۈلىدۇ، ئىسىم قويۇلىدۇ ۋە ئاللاھ يولىدا قان قىلىنىدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2838-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق ئەسىرى 4541-ھەدىستە سەھىھ دەپ قەيت قىلغان].

     ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىسىم ئاتاش، مۇئەييەن نەرسىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى ئىسمى نامەلۇم نەرسە بولسا، ئۇنى تونۇشتۇرۇش مۇمكىن بولمىغاندەك، بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئىسىم قويۇشنى شۇ كۈنى ياكى ئۈچىنچى كۈنىگە ۋە ياكى ئەقىقە قىلىدىغان كۈنگە كېچىكتۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ مەسىلىدە بالىغا ئىسىم قويۇش كۈنى ئىلگىرى كىيىن بولۇپ قالسا ھېچ ۋەقەسى يوقتۇر. [تۆھپەتۇل مەۋدۇد 111-بەت].

     3-يەتتىنچى كۈنى بوۋاقنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈپ، چېچىنىڭ ئېغىرلىقىدا كۈمۈش سەدىقە قېلىش سۈننەتتۇر.

     ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھەسەن تۇغۇلغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر قوي سويۇپ ئەقىقە قىلغان ۋە پاتىمىگە: ئى پاتىمە! ئۇنىڭ چېچىنى ئالدۇرۇپ چېچىنىڭ ئېغىرلىقىدا كۈمۈش سەدىقە قىلىڭ دېۋىدى، مەن ئۇنىڭ چېچىنى گىراملىسام، ئېغىرلىقى بىر دىرھەم ياكى شۇنىڭغا باراۋەر كەلدى.» [تىرمىزى رىۋايىتى1519-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا (1226) كەلتۈرگەن].

     4-يۇقىرىقى ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك بوۋاقنىڭ دادىسىغا تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈن ئەقىقە قىلىش ياخشىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ:«ھەرقانداق بوۋاقنىڭ ئەقىقىسىنى قىلىش مۇھىمدۇر» دېگەن ھەدىسنىڭ روھى بويىچە ئوغۇل بالا ئۈچۈن ئىككى قوي، قىز بالا ئۈچۈن بىر قوي سويۇلىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى ئوغۇلنىڭ مۇكاپىتى ئۈچۈن ئىككى قوي، قىزنىڭ مۇكاپىتى ئۈچۈن بىر قوي ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىغان.» [تىرمىزى رىۋايىتى1513-ھەدىس، تىرمىزىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى-1221-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد 2834-ھەدىس، نەسائىي 4212-ھەدىس، ئىبنى ماجە3163-ھەدىس].

     5-بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلىش. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەش تۈرلۈك ئىش ئىنساننىڭ تەبئىي پىترىتىدىندۇر: خەتنە قىلىش، سۈننەت قىلىش (يەنى ئەۋرەتلىرىنىڭ تۈكىنى ئىلىش)، قولتۇقنىڭ تۈكىنى يۇلۇش، تىرناقنى ئىلىش ۋە بۇرۇتىنى قىسقارتىش.» [بۇخارىي رىۋايىتى5550-ھەدىس، مۇسلىم رىۋايىتى258-ھەدىس].

     تەلىم-تەربىيەدىكى ھەق-ھوقۇقلار. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى يەنى مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ھەر كىشى ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە سوئال قىلىنىدۇ، كىشىلەرگە باشلىق بولغان كىشى، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرسىدىكى كىشىلەردىن سوئال قىلىنىدۇ، ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىگە مەسئۇل، ئۇ ئۆز ئائىلىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئايال كىشى ئېرىنىڭ ئائىلىسىگە، پەرزەنتلىرىگە مەسئۇل، ئۇ ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، خىزمەتچى خوجايىننىڭ مال-مۈلكىگە مەسئۇل، ئۇمۇ ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، دىققەت قىلىڭلار! سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ.» [بۇخارىي رىۋايىتى2416-ھەدىس، مۇسلىم رىۋايىتى 1829-ھەدىس].

     پەرزەنتلەرگە دىنى ئىبادەت ۋە گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتلەرنى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن كېرەك بولىدىغان پەنلەرنى ئۈگۈنۈشكە شارائىتلارنى ھازىرلاپ بېرىشمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتتۇر.

     دادا بولغۇچى پەرزەنتىنى تەربىيىلەشتە ئەڭ مۇھىم بولغان ئىشتىن باشلاش كېرەك. دەسلەپتە شېرىك ۋە بىدئەتلەردىن خالى بولغان ساغلام ئەقىدىنى ئۈگۈتىشى، ئۇنىڭدىن كىيىن باشقا ئىبادەتلەرنى بولۇپمۇ ناماز توغرىسىدا تەلىم بېرىشى، ئاندىن باشقا ئەمەل-ئىبادەت، ئەدەپ-ئەخلاق ۋە ياخشىلىقلارنى تەلىم بېرىشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِذْ قَالَ لُقْمَانُ لِابْنِهِ وَهُوَ يَعِظُهُ يَا بُنَيَّ لَا تُشْرِكْ بِاللَّـهِ ۖ إِنَّ الشِّرْكَ لَظُلْمٌ عَظِيمٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئۆز ۋاقتىدا لوقمان (ھەكىم) ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ: "ئى ئوغۇلچىقىم، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن زور گۇناھتۇر" دېدى.» [سۈرە لوقمان 13-ئايەت].

     ئابدۇل مەلىك ئىبنى ئەررەبىيئ ئىبنى سەبرە دادىسىدىن دادىسى بوۋىسىدىن بايان قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بالا يەتتە ياشقا كىرگەندە نامازدىن تەلىم بېرىڭلار، ئون ياشقا كىرگەندىمۇ ناماز ئوقۇمىسا، ئەدەپلەڭلار يەنى ئۇرۇڭلار.» [تىرمىزى رىۋايىتى407-ھەدىس، ئەبۇداۋۇد494-ھەدىس، شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىسنى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا(4035) كەلتۈرگەن].

     ئەررەبىيئ بىنت مۇئەۋۋىز رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاشۇرا كۈنى يەنى مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى ئەتتىگەندە ئەنسارىلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ: ئەتتىگەندە ناشتا قىلغانلار بولسا كۈننى شۇنىڭ بىلەن كەچ قىلسۇن، ناشتا قىلماستىن سۇھۇرلۇق يەپ روزا تۇتقانلار بولسا، كۈن پاتقۇچە روزىسىنى داۋاملاشتۇرسۇن دېدى، بىز روزا تۇتقان ئىدۇق، باللىرىمىزمۇ روزا تۇتقان، بىز ئۇلارغا قوي يۇڭىدىن ئويۇنچۇق قىلىپ بەرگەن ئىدۇق، ئۇلار تاماق دەپ يىغلىسا ئۇ ئويۇنچۇقلارنى بېرەتتۇق، شۇنداق قىلىپ ئىپتار ۋاقتى بولاتتى.» [بۇخارىي رىۋايىتى1859-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1136-ھەدىس].

     سائىب ئىبنى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە ھەج قىلغان ئىدىم، دەيدۇ.» [بۇخارىي رىۋايىتى 1759-ھەدىس].

     پەرزەنتلەرنى ئەدەپ-ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيىلەش. ئاتا-ئانىلار قىز-ئوغۇل پەرزەنتلەرنى مەيلى ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان ئالاقىسىدا ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان ئەدەبتە بولسۇن، قۇرئان كەرىم ياكى مۇسۇلمانلار ۋە (ئۆزى بىلىدىغان) زىممىسىگە ھەققى ۋاجىپ بولغان كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە بولسۇن، ئۆزىنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى، خولۇم-خوشنىلىرى ۋە دوست-بۇرادەرلىرىگە يامانلىق قىلماستىن، بەلكى گۈزەل ئەدەپ-ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيىلەش لازىمدۇر.

     ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئاتا بالىسىغا ئەدەپ ئۈگۈتۈشى، ئۇنىڭغا كېرەك بولغان بارلىق دىنى ۋەزىپىلەرنى تەلىم بېرىشى، بۇ بالىنىڭ دادىسى ۋە باشقا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن قىز-ئوغۇللار بالاغەتكە يېتىشتىن بۇرۇن ئۇلارغا تەلىم بېرىشى ۋاجىپتۇر.

     ئىمام شافىئى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى مۇنداق دەيدۇ: دادا بولمىغان ئەھۋالدا پەرزەنتكە تەلىم-تەربىيە بېرىش ئانىنىڭ زىممىسىگە چۈشىدۇ، ئانا بالىنىڭ مال-مۈلكىنى سەرپ قىلىپ ياخشى تەربىيىلەش كېرەك. ئەگەر بالىنىڭ مال-مۈلكى بولمىسا، بالىنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىلىشى ئۈچۈن كېرەك بولغان ئىقتىسادى چىقىمنى، ئۇ بالىغا نەپىقە بېرىشى ۋاجىپ بولغان كىشىنىڭ چىقىرىشى لازىم بولىدۇ. [نەۋەۋىينىڭ شەرھى مۇسلىم ناملىق ئەسىرى 8-توم 44-بەتكە قارالسۇن].

     ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنى كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى بارلىق ئىشلاردا ئەدەب-ئەخلاقلىق بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. شۇنداقلا يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، ئۇخلاش، ئۆيدىن چىقىش-كىرىش، تۈرلۈك قاتناش ۋاستىلىرىغا مىنىش قاتارلىق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مۇھىم دەپ قارالغان بارلىق ئىشلاردا ئەدەب-ئەخلاقلىق بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.

     پەرزەنتلەر قەلبىگە ھەق ئۈچۈن جان پىدا قىلغان، ھەق ئۈچۈن ھەق سۆزلىگەن، ئۆز مەنپەئەتىدىن باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئۈستۈن بىلگەن، غايىلىك، ئىماندار ۋە ئېسىل، باتۇر ۋە سېخى كىشىلەرنىڭ گۈزەل ئىش-ئىزلىرىنى سىڭدۈرۈش، شۇنداقلا ئۇلارنى پەسكەشلىك، قورقۇنچاقلىق، بېخىللىق، ئىنسانپەرۋەرلىكنى يوقىتىدىغان، ئىززەت-ھۆرمىتىنى چۈشۈرىدىغان ناچار ئىش-ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا يېتەكلەش ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتتۇر.

     ئىمام مەناۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاتا-ئاناڭنىڭ سىنىڭ ئۈستۈڭدە ھەققى بولغىنىدەك، پەرزەنتىڭنىڭمۇ سىنىڭ ئۈستۈڭدە ھەققى بار. ئۇلارغا پەرز ئەيىن بولغان  ئەمەللەرنى تەلىم بېرىش، ئىسلامى ئەدەپ-ئەخلاقلارنى ئۈگۈتۈش، ئۇلارغا بىر نەرسە بەرگەندە، سوۋغا قىلغاندا، تەڭ-باراۋەر بېرىش كېرەك. سەۋەبسىز بىرىگە ئارتۇق يەنە بىرىگە ئاز بېرىشنى بەزى ئۆلىمالار توغرا ئەمەس دىسە، يەنە بەزىلىرى باراۋەرسىزلىكنى ياخشى كۆرمىگەن". [پەيزۇلقەدىير  ناملىق ئەسەر 2-توم 574بەت].

     ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنى دوزاخقا يېقىنلاشتۇرىدىغان بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەردىن مۇھاپىزەت قىلىشى زۆرۈر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَارًا وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ عَلَيْهَا مَلَائِكَةٌ غِلَاظٌ شِدَادٌ لَّا يَعْصُونَ اللَّـهَ مَا أَمَرَهُمْ وَيَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا - چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ.» [سۈرە تەھرىيم 6-ئايەت].

     ئىمام قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىقى ئايەتتە ئىنتايىن گۈزەل بىر ئىپادىلەش بار، يەنى: بۇيرۇيدۇ ۋە چەكلەيدۇ دېگەنگە ئوخشاش". بەزى ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز نەپسىڭلارنى ساقلاڭلار دېگەن سۆزىگە ئەۋلاتلارمۇ كىرىدۇ چۈنكى ئەۋلاد دېگەن ئۆز نەپسىنىڭ بىر قىسمىدۇر. شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ: «ئۆز ئۆيۈڭلاردىن ۋە ئەۋلاتلىرىڭلارنىڭ ئۆيىدىن بىر نەرسە يېسەڭلار گۇناھ بولمايدۇ» دېگەن ئايەتتىمۇ باشقا ئۇرۇغ-تۇغقانلارنى بايان قىلماستىن پەرزەنتنىلا بايان قىلدى. ئەۋلادلارغا ھالال-ھارامنى ئۈگۈتۈش، گۇناھ-مەسىيەتلەردىن يىراق بولۇشنى ۋە باشقا ئەھكاملارنى تەلىم بېرىشنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. [تەپسىر قۇرتۇبىي 18-توم 194-195-بەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

     نەپىقە بېرىش: نەپىقە بېرىش دادىنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان مۇھىم مەجبۇرىيىتى بولۇپ، بۇنى زايە قىلىۋېتىش ياكى سەل قاراپ ۋاقتىدا ئادا قىلماسلىق توغرا ئەمەس. بەلكى بۇنى ئەڭ مۇكەممەل ۋە تولۇق ئادا قىلىش لازىمدۇر. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسانغا ئۆزى نەپىقە بېرىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەققىنى زايە قىلىۋېتىشى، ئۇنىڭغا گۇناھ جەھەتتە يىتەرلىكتۇر.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى1692-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا (4481) كەلتۈرگەن].

     پەرزەنتلەرنىڭ ئەڭ كاتتا ۋە زۆرۈر بولغان ھەقلىرىدىن بىرى: ئۇلارنى ياخشى تەربىلەش بولۇپمۇ قىزلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىقلار بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممەتنى بۇ ياخشىلىققا كۆپ رىغبەتلەندۈرگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «بىر ئايال ئىككى قىزى بىلەن كېلىپ مەندىن بىر نەرسە سورىدى، مەن بىر تال خورمىدىن باشقا نەرسە تاپالمىدىم، ئۇ بىر خورمىنى ئىككى پارچە قىلىپ ئىككى قىزىغا بەردى، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ بالىلىرىنى ئىلىپ چىقىپ كەتتى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيگە كىرگەندە مەن بولغان ئەھۋالنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەرسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: كىمكى مۇشۇنداق  قىزلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلسا، قىزلار ئۇ كىشى ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدە دوزاخقا توسانجە بولىدۇ، دېدى.» [بۇخارىي رىۋايىتى5649-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2629-ھەدىس].

    پەرزەنتلەرنىڭ مۇھىم ھەقلىرىدىن بىرى: ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەر ئارىسىدا ھەرقانداق ئىشتا ئادىل بولىشى كېرەك. بۇ ئىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇبارەك سۆزلىرىدە ئەھمىيەت بېرىشكە تەۋسىيە قىلغان ئىشلاردىندۇر. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئەۋلاتلىرىڭلار ئارىسىدا ئادىللىق قىلىڭلار.» [بۇخارىي رىۋايىتى2447-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1623-ھەدىس].

     ئاتا-ئانىلارنىڭ قىزلارنى ئوغۇللاردىن ئۈستۈن كۆرۈشكە بولمىغىنىدەك، ئوغۇللارنى قىزلاردىن ئۈستۈن كۆرۈشكىمۇ بولمايدۇ. ئۇلارغا تەڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ئاتا-ئانىلاردىن بۇ خاتالىق سادىر بولسا، يەنى پەرزەنتلىرىنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئارتۇق بىلسە، ئۇلار ئارىسىدا ئادىللىق قىلمىسا، بۇ ئىش كۆپ بۇزۇقچىلىققا سەۋەب بولىدۇ. بۇ سەۋەبلىك ئاتا-ئانىلارغا بولىدىغان زىيان: ئۇلار بەزى ياخشىلىقتىن مەھرۇم قىلغان، ھەققىنى تولۇق ئادا قىلمىغان پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىدە ئاتا-ئانىغا بولغان ئۆچلۈك، ياخشى كۆرمەسلىك تۇيغۇسى تەدرىجى چوڭقۇرلىشىدۇ-دە، ئۇلار شۇ تۇيغۇ بويىچە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇ مەنانى ئىپادىلىگەن ھەدىسىنى ئىمام مۇسلىم 1623-نومۇرلۇق ھەدىستە بايان قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نۇئماننىڭ دادىسىغا: «پەرزەنتلىرىڭنىڭ ھەممىسى ساڭا تەڭ باراۋەر ئېھسان قىلىشىنى ياقتۇرامسەن؟ دېدى، ئۇ كىشى: ھە-ئە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەڭ ياخشىلىق قىلىشىنى ياقتۇرساڭ، ئۇلارغا بىر نەرسە بەرگەندە ئادىللىق قىلغىن، دېدى».

     ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرى ئارىسىدا ئادالەتنى بەرپا قىلماسلىقى، پەرزەنتلەر ئارىسىدا ئۆز-ئارا ئۆچلۈك، ھەسەت، دۈشمەنلىكنىڭ پەيدا بولىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلار ئارىسىدا ئاداۋەت ئۇرۇقى تېرىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا بىلگۈچىدۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز     

           تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى