سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئائىلە ۋە رامىزان

سۇئال

سوئال: مەن ئائىلە باشلىقى، رامىزان ئېيى كېلىۋاتىدۇ، رامىزان ئېيىدا ئائىلەمدىكى كىشىلەرنى تەربىيىلەش ۋە ئۇلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك ئىشلىرىدا روزىنىڭ تەربىۋى ئەھمىيىتىدىن قانداق پايدىلىنىمەن، بۇ توغرىدا يوليورۇق بەرسەڭلار؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى


بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.
مۇسۇلمان كىشىنىڭ رامىزان ئېيىغا ئۇلىشىپ بۇ ئايدا روزا تۇتۇپ، تەراۋىھ نامازلىرىنى ئوقۇشى بۇ ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان بۈيۈك نېمەتلىرىدىن، بۇ ئايدا قىلغان ياخشىلىق نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ، دەرىجىلەر يۇقىرى بولىدۇ، ئاللاھ دوزاخ ئەھلىدىن نۇرغۇنلىرىنى ئازات قىلىدۇ، مۇسۇلمان كىشى بۇ ئايدا ئۆزىگە ياخشىلىق بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئادەتلىنىشى، ئاللاھغا تائەت - ئىبادەت قىلىشقا ئالدىرىشى كېرەك، چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر كېسەللىك ياكى توغرا يول تاپالماسلىق ياكى بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كېتىش سەۋەپتىن بۇ ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قالىدۇ.
مۇسۇلمان مۇشۇ مۇبارەك ئاينى غەنىمەت بىلىپ ياخشى ئىشلارغا ئالدىرىشى، ئائىلە - بالىلىرىنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىشى، ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلىقنى سۆيىدىغان روھ بىلەن تەربىيىلىشى كېرەك، چۈنكى پەرزەنت دېگەن ئاتا - ئانا نېمىگە ئادەتلەندۈرسە، قايسى كۆز قاراش بىلەن تەربىيىلىسە شۇنداق ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. بىر شائىرنىڭ ئېيتقىنىدەك: بىزنىڭ ئېچىمىزدىكى ياشلار دادىسىنىڭ ئادەتلىرى بىلەن ئۆسۈپ يېتىلدى.
ئاتا- ئانىلار مۇشۇ بەرىكەتلىك كۈنلەرنى غەنىمەت بىلىپ، ئۆزى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ روھانى ۋە ئەخلاقى تەرەپلىرىنى ساغلام كۆز قاراش بىلەن توغرىغا يېتەكلەشتە مۇھىم رول ئوينىشى كېرەك، بىز ئۇلارغا مۇنداق نەسىھەت قىلىمىز:
1- بالىلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئىلىپ ئۇلارنى بۇ ئايدا تولۇق روزا تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.
2- پەرزەنتلەرگە روزا تۇتۇشنىڭ پەقەت بىركۈن يېمەك - ئىچمەكتىن توختاش ئەمەس بەلكى بۇنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بوي سۇنۇپ تەقۋالىقنى ھاسىل قىلىشنىڭ يولى ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خاتالىقلار كەچۈرۈم قىلىنىپ گۇناھلار مەغپىرەت قىلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە: بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنبەرگە چىقىپ ئۈچ قېتىم "ئامىن" دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: يا رەسۇلۇللاھ نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيلا؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: جىبرىل ئەلەيھىسالام ماڭا: "رامىزان ئېيىدا گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنمىغان كىشىنى ئاللاھ خار قىلىۋەتسۇن!"،دېگەنتى، مەن "ئامىن" دېدىم، ئۇنىڭدىن كىيىن: ئاتا - ئانىسى ھايات ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ خىزمىتى قىلماي جەننەتكە كىرىشتىن مەھرۇم بولغان كىشىنى ئاللاھ خار قىلىۋەتسۇن!"، دېگەنتى، مەن "ئامىن" دېدىم، ئۇنىڭدىن كىيىن: سىنىڭ ئىسمىڭ تىلغا ئېلىنغاندا ساڭا دۇرۇت ئېيتمىغان كىشىنى ئاللاھ خار قىلىۋەتسۇن!"، دېگەنتى، مەن "ئامىن" دېدىم، دېدى. بۇ ھەدىسنى تىرمىزىي(3545)، ئەھمەد(7444)، ئىبنى ھىببان(908) ۋە جامىئۇل سەھىھ (3510) قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان.
3 - پەرزەنتلەرگە تاماق يېيىشنىڭ ئەدەپ - ئەھكاملىرىنى ئۈگۈتۈش، تاماقنى ئۆڭ قولى بىلەن ئۆزىنىڭ ئالدىدىن ئىلىپ يېيىشكە، ئىسراپ قىلماسلىققا، تاماق يېگەندە ئاۋاز چىقارماستىن يېيىشكە، ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېيىشنىڭ بەدەنگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.
4- ئۇلارنى ئىپتار ۋاقتىدا دەستۇرخاندا ئۇزۇن ئولتۇرۇپ شام نامىزىغا جامائەتتىن كىيىن قالماسلىققا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.
5 - ئۇلارغا كەمبەغەل - يوقسۇل كىشىلەرنىڭ ئاچلىقتىن ساقلانغىدەك بىرنەرسە تاپالمايدىغانلىقىنى ئەسلىتىش بىلەن بىرگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان مۇھاجىرلار ۋە ئاللاھ يولىدا كۆرەش قىلىۋاتقانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئەسلىتىش ، بۇ نېمەتلەر ئۈچۈن ئاللاھقا چەكسىز رەھمەت ئېيتىشنى تەۋسىيە قىلىش كېرەك.
6 - رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلار جەم بولىدۇ، ئۇلار ئارىسىدا مېھرى - مۇھەببەت كۈچىيىدۇ، بۇ ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدىغان ياخشى پۇرسەت. شۇڭا ئۇرۇق-تۇغقانلارنى خالىس نىيەت بىلەن يوقلاشنى ئادەتلەندۈرۈش ۋە پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولۇش.
7- ئانىلارنىڭ تاماق تەييارلاش، دەستۇرخان سىلىش ۋە يىغىش ئىشلىرىغا ياردەملىشىش، يېيىش مۇمكىن بولىدىغان ئاشقان تاماقلارنى ئوبدان ساقلاپ قويۇپ، سەھەرلىك ياكى ئىپتارلىقتا يېۋىتىش ئارقىلىق ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىش.
8 - ئۇلارنى تاماقنى ئاز يەپ نامازنى جامائەت بىلەن مەسچىتتە ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
9 - كىچىدە سەھەرلىك تاماق يېگەندە ئاتا - ئانىلار ئۇلارغا بۇ تاماقنىڭ بەرىكىتى ئىنساننى روزا تۇتۇشقا چىدامچان قىلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىش كېرەك.
10 - بامدات نامىزىدىن ئىلگىرى ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇمىغانلارنىڭ ناماز ئوقۇشى، كېچىنىڭ ئاخىرىنى ناماز بىلەن تاماملاپ ھەر بىر كىشىنىڭ ئاللاھتىن خالىغان تىلەكلىرىنى تىلىشى ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىپ بېرىشى كېرەك.
11- بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇشقا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك، بىز نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كىچىدە قوپۇپ تاماقنى يەپلا ئۇخلاپ بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇمايدىغانلىقىنى ئۇچراتتۇق، بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارغا ئائىلە باشلىقلىرى ياخشى كۆڭۈل بۆلۈپ، پەرزەنتلەرگە ئىجابىي ئۈلگە بولىشى لازىم.
12 - رامزاننىڭ ئاخىرىدىكى ئون كۈندە "كېچىسى ئۇخلىماي ئائىلىدىكىلەرنى ئويغىتىپ ئىبادەت قىلىش" پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدىن بولۇپ، ئائىلە باشلىقلىرى بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارنى قىلىش ۋە ئائىلە - بالىلىرىنى ئويغىتىپ ئاللاھغا يېقىنلىشىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
13 - ئائىلىدىكى كىچىك بالىلارنىمۇ روزا تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ سەھەرلىك تاماق يېيىشكە قىزىقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇش ئەھۋالىغا قاراپ ھەر تۈرلۈك مۇكاپاتلارنى بېرىش ئارقىلىق رىغبىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
رەبىيئى بىنتى مۇئەۋۋەز رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاشۇرا كۈنى( مۇھەررەمنىڭ 10- كۈنى) ئەتتىگەندە ئەنسارلار ئولتۇراقلاشقان كەنتلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ بۈگۈن روزا تۇتقانلار روزىسىنى داۋاملاشتۇرسۇن. روزا تۇتمىغانلار كۈننىڭ قالغان قىسمىدا بىرنەرسە يېمىسۇن دېدى، بىز ۋە كىچىك بالىلارمۇ كۈننىڭ قالغان قىسمىدا روزا تۇتتۇق، بىز بالىلارنى مەسچىتكە ئىلىپ باراتتۇق، ئۇلار تاماق دەپ يىغلاپ قالسا ئۇلارغا ئويۇنچۇق تۇتقۇزۇپ قوياتتۇق، ئىپتار ۋاقتى بولغاندا تاماق بېرەتتۇق. بۇ ھەدىسنى بۇخارى( 1859)، مۇسلىم( 1136) رىۋايەت قىلغان. ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىستىن: كىچىك بالىلارغا روزا تۇتۇش پەرز بولمىسىمۇ لېكىن ئۇلارنى كىچىكىدىن تائەت - ئىبادەتكە ئادەتلەندۈرۈپ تەربىيىلەش كىرەكلىكىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايمىز.
قازى ئىياز ئۇرۋىدىن رىۋايەت قىلىنغان سۆزنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: " كىچىك بالىلار روزا تۇتۇشقا تاقىتى يەتكەن ۋاقىتتا ئۇلارغا روزا تۇتۇش پەرز بولىدۇ" دېگەن سۆز بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ توغرا سۆز ئەمەس، بۇ سۆز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەردىن قەلەم كۆتۈرۈلگەن: كىچىك بالىلار بالاغەتكە يەتكىچە دېگەن سەھىھ ھەدىسىگە ئاساسەن رەت قىلىنىدۇ. ( ئاللاھ بىلگۈچى) " شەرھى مۇسلىم 8 14 بەت.
14 - ئاتا - ئانىلار ئۈچۈن شارائىت بولسا ئائىلىدىكىلەرنى ئىلىپ رامىزاندا مەككىگە بېرىپ ئۆمرە قىلىپ كەلسە، بۇ ئۇلار ئۈچۈن ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن ياخشى، چۈنكى سەھىھ ھەدىستە:' رامىزاندا قىلغان ئۆمرىنىڭ ھەجگە ئوخشاش ساۋاپ بولىدىغانلىقى سۆزلەنگەن"، مۇمكىن بولسا قىستاڭچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن رامزاننىڭ ئەۋۋىلىدە بېرىش كېرەك.
15 - ئەرلەر ئاياللارنى تەييارلاش قىيىن بولغان يىمەكلىك ۋە تائاملارنى تەييار قىلىشقا بۇيرىماسلىق كېرەك، كۆپچىلىك كىشىلەر بۇ ئايدا ھەر تۈرلۈك يېمەكلىكلەرنى تەييار قىلىپ ئىسراپچىلىق قىلىدۇ، تەقۋالىقنى ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت بولغان بۇ ئاينىڭ پەزىلىتىنى ۋە روزا تۇتۇشتىن بولغان ئالى ھېكمەتنى يوقۇتۇپ قويىدۇ.
16 - رامىزان ئېيى قۇرئان كۆپ ئوقۇلىدىغان ئاي بولۇپ، بىز ھەر ئائىلىدىكىلەر بىر يەرگە يىغىلىپ قۇرئان ئوقۇشقا، ئائىلە باشلىقلىرىنى ئۇلارغا قۇرئان ئوقۇشنى ئۈگۈتۈش ۋە ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە تەۋسىيە قىلىمىز، شۇنىڭدەك بۇ ئايدا رامزاننىڭ ئەدەپ - ئەھكاملىرىنى بايان قىلىنغان كىتابلارنىمۇ ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلىمىز، ئاللاھ تائالا كۆپلىگەن ئالىملار ۋە ئېلىم ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بۇ مەزمۇندا كىتاپ يېزىشقا ئاسانلىق يارىتىپ بەردى.
17 - پەرزەنتلەرنى خەيرى - ئېھسان قىلىش، خوشنىلار ۋە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىپ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دېگەن:" پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ سېخىي زات ئىدى، بولۇپمۇ رامىزاندا جىبرىل ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقاندا تېخىمۇ سېخىيلىشىپ كېتەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىل ئەلەيھىسسالام بىلەن رامىزاندا ھەر كېچىسى ئۇچرىشىپ قۇرئاندىن دەرس ئوقۇشاتتى، جەزمەنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جىبرىل ئەلەيھىسالام بىلەن ئۇچراشقان چاغدىكى سېخىيلىقى شامالدىنمۇ تېز ئىدى" . بۇخارى(6)، مۇسلىم(2308).
18 - ئاتا - ئانىلار ئائىلىدىكىلەرنى ۋاقىتنى زايا قىلىپ كېچىنى چەكلەنگەن ئىشلار بىلەن بىھۇدە ئۆتكۈزۈشتىن توساش كېرەك، چۈنكى بۇ ئايدا ئىنسانلاردىن بولغان شەيتانلار باغلاقتىن بوشىنىپ چىقىپ رامزاننىڭ كىچە - كۈندۈزلىرىدە روزا تۇتقۇچىلارنى پىسق - پۇجۇر ۋە يامان ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ.
19 - رامزاندىن ئىبارەت بۇ مۇبارەك ئايدا ئائىلىدىكىلەرنىڭ دۇنيادا ئاللاھغا تائەت - ئىبادەت قىلىپ، ئېلىم ئوقۇپ، روزا تۇتۇپ ۋە ناماز ئوقۇپ بىرلىكتە ئۆتۈشنىڭ ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئەرشنىڭ ئاستىدا جەم بولۇپ جەننەتتە بىرلىكتە ياشاشتىن ئىبارەت بۈيۈك نېمەتكە ئېرىشىشنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىش كېرەك.
ئاللاھ توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغۇچى ۋە باشلىغۇچىدۇر.
(بۇ ئاينىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە شەرىپى ھەممىگە مەلۇم، ئۇنداق بولغانىكەن، بىز بۇ ئاينى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قازىنىدىغان ئاي قىلىپ بېكىتىشىمىز ۋە ئەھمىيەتلىك ئوتكۇزۇشىمىز ئۈچۈن پىلان تۈزۈشىمىز ئىنتايىن مۇھىم.ئاياللىرىمىزغىمۇ كۈندۈز ۋە كېچىدە ناماز ئادا قىلىش، قۇرئان كەرىمنى تاماملاش پۇرسەتلىرىنى يارىتىپ بېرىشىمىز لازىم. تۆۋەندە مەن سىلەرگە قۇرئاننى رامىزان ئىچىدە بىرقېتىم تاماملاشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن، ئۇ بولسا سىز پەقەت ھەر نامازدىن كىيىن ئالتە مىنۇتلا ۋاقتىڭىزنى چىقارسىڭىز بولىدۇ.
سىز ھەر نامازدىن كىيىن تۆت بەت قۇرئان ئوقۇسىڭىز بۇنىڭ ئۈچۈن ئالتە مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ. بەش ۋاقىت نامازدا يىگىرمە بەت قۇرئان تىلاۋەت قىلالايسىز؛ دېمەك، بىركۇندە بىر پارە قۇرئاننى ئىشلىرىڭىزغا دەخلى يەتمىگەن ئاساستا تىلاۋەت قىلغان بولىسىز.شۇنداق داۋاملاشتۇرسىڭىز ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئوتتۇز كۈن رامىزاندا قۇرئان كەرىمنى پۈتۈن تاماملىيالايسىز. قېرىندىشىم! مۇۋەپپەق ئاللاھدىن ھىممەت سىزدىن قېنى رامزاننىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ بۇ كۆرسەتمە بىلەن رامىزانلىق ھاياتىڭىزنى باشلىۋېلىڭ. - مۇھەررىردىن-)

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى