Thu 24 Jm2 1435 - 24 April 2014
34817
شىرىكنىڭ ھەقىقى مەنىسى نىمە ؟ ئۇنىڭ تۈرلىرىچۇ؟
مەن دائىم « بۇ چوڭ شىرىك ، بۇ كىچىك شىرىك » دىگەننى ئوقۇيمەن . بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى پەرىقنى چۈشەندۈرۈپ قويالامسىز ؟


مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
ئەڭ مۇھىم ۋاجىپلارنىڭ بىرى شىرىكنىڭ مەنىسىنى، ئۇنىڭ خەتىرىنى ھەمدە ئۇنىڭ ھەرخىل تۈرلىرىنى بىلىش ، شۇندا بىزنىڭ تەۋھىدىمىز(ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىشىنىش) ۋە ئىسلامىمىز مۇكەممەل بولىدۇ ، ھەمدە ئەقىدىمىز ساغلام بولىدۇ . بىز دەيمىز- ئاللاھ كۈچ- قۇۋۋەتنىڭ مەنبىيى ھەمدە توغرا يول ئۇنىڭدىن كىلىدۇ :
بىلىڭكى ، ئاللاھ سىزنى يىتەكلىسۇن ، شىرىك دىگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ھەمرا تۇتۇش ، شىرىك قىلىش دىگەنلىك ، يەنى، بىر ئادەمنى يەنە بىر ئادەمنىڭ شىرىكى دەپ قاراش . ئەرەپچىدە [ئەشرەكە بەينەھۇما(ئۇ ئۇلارغا بىرلىكتە قېتىلدى )] ئۇلارنى باراۋەر ھالەتتىكى ئىككەيلەن دەپ قارىغاندا دىيلىدۇ ؛ ياكى [ئەشرەكە فىي ئەمرىھى غەيرەھ (ئۇ باشقا بىرىنى ئۇنىڭ ئىشىغا باشلاپ كىردى)] ئۇ ئىككى ئادەمنى ئۇنىڭغا ئارلاشتۇرغاندا دىيلىدۇ .
ئىسلامم ئاتالغۇسىدا ، ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىق ، ئىبادەت ياكى ئۇنىڭ ئىسىم -سۈپەتلىرىدە شىرىكى ياكى تەڭدىشى بار دەپ قاراشتۇر .
تەڭداش بولسا ئوخشىشى ياكى تەڭ ئورۇنداش دىگەنلىك . شۇڭلاشقا ئاللاھ ئۆزىگە تەڭداشلارنى پەيدا قىلىشتىن چەكلىگەن ھەمدە ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئورنىدا ياكى سىرتىدا ئىلاھ قىلىۋالغۇچىلارنى قۇرئاننىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىدە سۆككەن . ئاللاھ دەيدۇ :
« ئاندىن سىلەر بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا تەڭداشلارنى پەيدا قىلماڭلار » [ ئىنەك (بەقەرە): 22 ]
« ﺋﯘﻻﺭ (ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ) ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻦ) ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ تەڭداشلارنى پەيدا ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ : « (ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ) ﺑﻪﻫﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟۇﯕﻼﺭ، ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﯩﯖﻼﺭ ﺩﻭﺯﺍﺧﺘﯘﺭ» ﺩﯦﮕﯩﻦ .» [ ئىبراھىم : 30 ]
بىر ھەدىستە پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)مۇنداق دىگەن : « كىمكى ئاللاھنىڭ تەڭدىشى بار دەپ دەۋا قىلىپ ئۆلىدىكەن ، دوزاخقا كىرىدۇ . » ( بۇخارىي 4497، مۇسلىم 92، نەقىل قىلغان . )
شىرىكنىڭ تۈرلىرى :
قۇرئان ۋە ھەدىس تېكىستلىرى شۇنى كۆرسىتىدۇكى ، شىرىك پەيدا قىلىش ھەمدە ئاللاھقا تەڭداشلارنى مەنسۇپ قىلىش بەزىدە ئادەمنى ئىسلام يولىدىن چىقىرۋىتىدۇ ،بەزىدە ئۇنداق ئەمەس . شۇڭلاشقا ئالىملار شىرىكنى چوڭ شىرىك ۋە كىچىك شىرىك دەپ ئىككىگە بۆلدى . تۆۋەندە ھەربىر تۈرنىڭ قىسقىچە بايانى بار :
1- چوڭ شىرىك
بۇنىڭ مەنىسى : ئاللاھتىن باشقا بىرىگە پەقەت ئاللاھقىلا مەنسۇپ بىر نەرسىنى مەنسۇپ قىلىش ، مەسىلەن ، پەرۋەردىگارلىق، ئىلاھلىق ھەمدە ئىلاھى ئىسىم -سۈپەتلەر .
شىرىكنىڭ بۇ تۈرى بەزىدە ئاشكارا بولىدۇ ، مەسىلەن ، بۇتلارغا ، قەبرىلەرگە ياكى ئۆلۈكلەرگە ، ياكى يوقلارغا ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ شىرىكى .
ياكى ئۇ بەزىدە يۇشۇرۇن بولىدۇ ، مەسىلەن ، ئىشەنچىسىنى ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلارغا قويغۇچىلار ، ياكى مۇناپىقلارنىڭ شىرىك قىلىشى ۋە كاپىرلىقى . گەرچە ئۇلارنىڭ شىرىك قىلىشى ئۇلارنى ئىسلام يولىدىن چىقىرۋەتسىمۇ ، ئۇلارنىڭ دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرسىمۇ ، بۇ يۇشۇرۇن شىرىك.چۈنكى ئۇلار تاشقى جەھەتتە ئىسلام بىلەن كۆرىنىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ كاپىرلىقى ۋە شىرىك قىلمىشىنى يۇشۇرىدۇ ، شۇڭا ئۇلار ئاشكارا مۇشرىك بولماستىن ،يۇشۇرۇن مۇشرىك .
شىرىك بەزىدە ئىتىقاد جەھەتتە بولىدۇ :
مەسىلەن :ئاللاھ بىلەن بىللە باشقا ياراتقۇچى ، تىرىلدۈرگۈچى ۋە جان ئالغۇچى ، كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى بار دەپ ئىتىقاد قىلىش .
ياكى ئاللاھتىن باشقا مۇتلەق بويسۇنىلىدىغان بىرسى بار دەپ ئىتىقاد قىلىش ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ ئۆزى خالاپ رۇخسەت قىلغان ۋەچەكلىگەن نەرسىلەردە ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ ، گەرچە ئۇ نەرسە پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنىغا زىت بولسىمۇ .
ياكى ئۇلار مۇھەببەت ۋە ئۇلۇغلاشتا ، مەخلۇقاتلارنى ئاللاھنى سۆيگەندەك سۆيۈپ باشقىلارنى ئاللاھقا شىرىك قىلىدۇ . بۇ ئاللاھ كەچۈرمەيدىغان شىرىكنىڭ بىر تۈرى ، ھەمدە ئۇ ئاللاھ ئېيىتقان بىر شىرىك :
« ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﻏﻪﻳﺮﯨﻴﻠﻪﺭﻧﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘﺗﻼﺭﻧﻰ) ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ (ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ) ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﺩﻭﺳﺖ ﺗﯘﺗﻘﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﺩﻭﺳﺖ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯩﺪﯗ). » [ ئىنەك : 165 ]
ياكى ئاللاھقا ئوخشاش كۆرۈنمەسلەر(غەيىپلەر)نى بىلگۈچىلەر بار دەپ ئىتىقاد قىلىش .بۇ توغرىدىن بۇرالغان مەزھەپلەرنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ . مەسىلەن ، رافىزەلەر، ئىنتايىن سوپىلار ، ۋە ئومۇمەن جەھەتتىن باتىنىيەلەر . رااىزەلەر ئىماملىرىنى كۆرۈنمەسلەرنى بىلىدۇ دەپ ئىتىقاد قىلىدۇ ، ھەمدە باتىنىيەلەر ۋە سۇپىلار ئەۋلىيالىرى(مۇقەددەس كىشى) قاتارلىقلاردا ھەققىدە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىتىقاد قىلىدۇ .ۋە يەنە پەقەت ئاللاھقىلا لايىق كىلىدىغان ھالەتتە رەھىم-شەپقەت قىلغۇچى بار، ئۇ ئاللاھقا ئوخشاش رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئىبادەت قىلغۇچىلىرىنىڭ گۇناھلىرنى كەچۈرىدۇ ، ئۇلارنىڭ يامان قىلمىشلىرىدىن ئۆتىدۇ دەپ ئىتىقاد قىلىش .
شىرىك بەزىدە سۆزلەردە بولىدۇ :
مەسىلەن ، ئاللاھتىن باشقا بىرىگە دۇئا قىلىدىغانلار ، ياكى ياردەم تەلەپ قىلىدىغانلار ، ئاللاھتىن باشقا ھىچكىم باشقۇرالمايدىغان ئىشلاردا باشقىلاردىن پاناھلىق تىلەش ، چاقىرىلغۇچى(دۇئا قىلىنغۇچى ) مەيلى پەيغەمبەر ، ئەۋلىيا( ئۇلۇغ كىشى) ، پەرىشتە ياكى بىر جىن ياكى باشقا بىر مەخلۇق بولسۇن . بۇ ئادەمنى ئىسلام يولىدىن چىقىرۋىتىدىغان چوڭ شىرىكنىڭ بىر تۈرى .
ياكى مەسىلەن ، دىننى مەسخىرە قىلغۇچىلار ياكى ئاللاھنى ئۇنىڭ مەخلۇقاتلىرىغا ئوخشاتقۇچىلار ، ياكى ئاللاھتىن بۆلەك يەنەبىر ياراتقۇچى ، ياكى رىزىق بەرگۈچى ياكى تىزگىنلەپ تۇرغۇچى بار دىگۈچىلەرگە ئوخشاش.
شىرىك بەزىدە ئىش-ھەركەتلەردە بولىدۇ :
مەسىلەن ، ئاللاھتىن بۆلەك بىرنەرسىگە قۇربانلەىق قىلغۇچىلار ، ناماز ئوقۇغۇچىلار ياكى سەجدە قىلغۇچىلار، ياكى ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئورنىغا قانۇنلارنى تۇرغۇزغۇچىلارھەمدە بۇ قانۇننى كىشىلەر ھۆكۈم قىلغاندا جەزمەن ئاساسلىنىشقا تىگىشلىك قىلغۇچىلار ؛ ياكى كاپىرلارنى يۆلەيدىغان ھەمدە مۇئىمىنلەرگە قارشى ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچى ھەمدە باشقا ئىيماننىڭ ئاساسى مەنىسىگە زىت كىلىدىغان ھەمدە ئادەمنى ئىسلام يولىدىن چىقىرۋىتىدىغان ئىش-ھەركەتلەرگە ئوخشاش . ئاللاھتىن بىزنى ئامان- ئىسەن قىلىشىنى سورايمىز .
2- كىچىك شىرىك
بۇ چوڭ شىرىككە ئاپىرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى ، ياكى تېكىستلەردە شىرىك بولىدۇ دەپ بايان قىلىنغان ، بىراق چوڭ شىرىك بولۇش دائىرسىگە يەتمىگەن ھەرقانداق نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
بۇ ئادەتتە ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ :
1_ ئاساسى يوق ھەمدە ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان ئۇسۇللارغا ھىسسىيات جەھەتتىن باغلىنىش ، مەسىلەن ، قول ۋە مارجان قاتارلىقلارنى قوغدايدۇ ياكى يامان كۆزلەردىن ساقلايدۇ دىگەن ئاساستا ئېسىش . بىراق ئاللاھ ئۇلارنى يا شەرىئەتتە ياكى كائىناتنىڭ قانۇنىيتىدە ئۇنداق قوغدىنىشنىڭ ئۇسۇللىرى قىلمىغان .
[ تەرجىماننىڭ ئىزاھاتى : قول دىگەن سۆز مىتال ، ساپال قاتارلىقلاردىن ياسالغان ، ئادەتتە يېشىل ياكى كۆكۈش كىلىدىغان نەرسىلەر بولۇپ ، بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ خاتا ئەقىدىسى بويىچە يامان كۆزدىن ساقلايدۇ دەپ ئېسىۋالىدۇ ]
3- بەزى ئادەم ۋە نەرسىلەرنى پەرۋەردىگارلىققا كۆتۈرۋەتمەيدىغان دەرىجىدە ئۇلۇغلاش ، مەسىلەن ، ئاللاتىن بۆلەك مەلۇم بىر نەرسە بىلەن قەسەم قىلىش ، ياكى ،« ئاللاھ ۋە پالانى بولمىغان بولسا » دىگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىش .
ئالىملار شەرىئەت تېكىستلىرىدە شىرىك تىلغا ئىلىنغاندا ، چوڭ شىرىكنى كىچىك شىرىكتىن پەرىقلەندۈرۈشكە كۆرسەتمىلەرنى بەلگىلىدى ، بۇ كۆرسەتمىلەر تۆۋەندىكىچە :
(1)- پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) بۇ ئىش-ھەركەتنى قىلىش كىچىك شىرىك بولىدۇ دەپ ئوچۇق بايان قىلغان بولسا ، مەسىلەن ،[ المسند(27742)] دە نەقىل قىلىندىكى ، مەھمۇد بىن لەبىيد مۇنداق دىگەن : پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)مۇنداق دىگەن :« مەن سىلەر ئۈچۈن ئەڭ قورقىدىغان نەرسە - كىچىك شىرىك. »
ئۇلار : ئى ئاللاھ ئەلچىسى ، كىچىك شىرىك دىگەن نىمە ؟، دىدى . ئۇ : « كۆز-كۆز قىلىش ( رىياخورلۇق قىلىش ) ، ئاللاھ كىشىلەر ئىش-ھەركەتلىرىگە جاۋاپ قايتۇرلىدىغان كۈندە مۇنداق دەيدۇ : سىلەر بۇدۇنيادا ئىش-ھەركەتلىرىڭلارنى كۆز-كۆز قىلغان كىشىلەرنىڭ قېشىغا بىرىڭلار ، ھەمدە ئۇلارنىڭ قېشىدا نىمە مۇكاپات بارلىقىنى كۆرۈڭلار . »، دىدى . [ ئەلبانىي[ السلسلة الصحيحة(951)] دە توغرا ھەدىس دەپ تۈرگە ئايرىدى .
(2)- شىرىك سۆزى قۇرئان ۋە ھەدىس تېكىستلىرىدە ئىنىق بولمىغان شەكىلدە كەلسە ، بۇ ئادەتتە كىچىك شىرىكنى كۆرسىتىدۇ ، ھەمدە بۇنىڭ مىساللىرى ناھايىتى كۆپ . مەسىلەن ، پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)مۇنداق دىگەن :« ئەپسۇنلار ، تۇمارلار ۋە مۇھەببەت ئەپسۇنلىرى - شىرىك . » [ئەبۇ داۋۇت نەقىل قىلغان ،3883 ؛ ئەلبانىي[ السلسلة الصحيحة(331)] دە توغرا ھەدىس دەپ تۈرگە ئايرىدى .
بۇ يەردىكى شىرىكتىن دىمەكچى بولغىنى -چوڭ شىرىك بولماستىن ، كىچىك شىرىك .
تۇمارلار بولسا بالىلارغا ئېسىپ قويۇلىدىغان كۆكۈش مارجانغا ئوخشاش نەرسىلەر بولۇپ ئۇلار بۇ نەرسىلەر ئۇلارنى يامان كۆزدىن قوغدايدۇ دەپ بىلجىرلىشىدۇ .
مۇھەببەت ئەپسۇنلىرى بولسا ، ئۇلار قىلىدىغان بىر خىل ئىش بولۇپ ، بۇ بىر ئايالنى ئېرىگە ھەمدە ئەرنى ئايالىغا ئامراق قىلىدۇ دەپ بىلجىرلىشىدۇ .
(3)- ئەگەر ساھابىلار شەرىئەت تېكىستلىرىدىن بۇ يەردىكى شىرىكتىن دىمەكچى بولغىنى چوڭ شىرىك ئەمەس ، بەلكى كىچىك شىرىك دەپ چۈشەنگەن بولسا .شەكسىزكى ساھابىلارنىڭ چۈشەنچىسى نەزەرگە ئىلىنىدۇ ، چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنى ھەققىدە ئەڭ بىلىملىك ھەمدە قانۇن تۇرغۇزغۇچىنىڭ دىمەكچى بولغىنىنى ئەڭ چۈشىنىدىغان كىشىلەردۇر . مەسىلەن ، ئەبۇ داۋۇت (3910) ئىبنۇ مەسئۇدتىنن نەقىل قىلىدۇكى ، پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) :« پال - شىرىك ، پال - شىرىك » دەپ ئۈچ قىتىم دىدى، بىزنىڭ ئارىمىزدا بولۇپ قالسا ، ئاللاھ ئۇنى تەۋەككۈل ( ئىشەنچىسىنى ئاللاھقا قويۇش ) ئارقىلىق ئۇنىڭدىن يوقىتىدۇ .«بىزنىڭ ئارىمىزدا بولۇپپ قالسا » دىگەن بۇ سۆز ، داڭلىق ھەدىسشۇناسلارنىڭ شەرھىلىگىنى بويىچە ، ئىبنۇ مەسئۇدنىڭ سۆزىدۇر . بۇ ئىبنۇ مەسئۇدنىڭ ئۇنى كىچىك شىرىك دەپ چۈشەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ ،چۈنكى ئۇ ،«بىزنىڭ ئارىمىزدا چوڭ شىرىككە چۈشۈپ قالغۇچى بولۇپ قالسا » دەپ دىيەلمەيىتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ،ئاللاھ چوڭ شىرىكنى تەۋەككۈل بىلەن يوقىتىۋەتمەيدۇ ، بەلكى ئۇ ئۇنىڭدىن تەۋبە قېلىشى لازىم .
(4)- ئەگەر پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)شىرىك ياكى كاپىرلىق سۆزىنى ئۇنىڭ دىمەكچى بولغىنى چوڭى بولماستىن بەلكى كىچىكىنى كۆرسىتىدىغان ئۇسۇلدا شەرھىيلىگەن بولسا . مەسىلەن ، بۇخارىي(1038)، مۇسلىم(74) تە نەقىل قىلدىكى ، زەيد بىن خالىد جۇھەنىي مۇنداق دىگەن : ئاللاھ ئەلچىسى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)ھۇدەيبىيەدە كېچىدىكى يامغۇردىن كىيىن بىزگە بامدات نامىزىدا ئىماملىق قىلدى . پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) نامازنى تۈگەتكەندىن كىيىن ، يۈزىنى كىشىلەرگە قىلدى ھەمدە ئۇلارغا مۇنداق دىدى :« پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ » .ئۇلار: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى ياخشى بىلىدۇ ، دىدى . ئۇ مۇنداق دىدى : « بۈگۈن سەھەر بەندىلىرىمنىڭ بىرقىسمى ماڭا ئىشەنگۈچى(مۇئىمىن) بولدى ، بىر قىسمى ئىنكار قىلغۇچى(كاپىر)بولدى . « ئاللاھنىڭ پەزلى -كەرىمى ۋە مىھرىبانلىقى بىلەن بىزگە يامغۇر بىرىلدى » دىگۈچى بولسا ماڭا ئىشەنگۈچى(مۇئىمىن) ، يۇلتۇزلارنى ئىنكار قىلغۇچى(كاپىر) ؛ ھەمدە « بىزگە پالانى-پالانى يۇلتۇز بىلەن يامغۇر بىرىلدى » دىگۈچى بولسا مېنى ئىنكار قىلغۇچى(كاپىر) ، يۇلتۇزلارغا ئىشەنگۈچى(مۇئىمىن) .»
بۇ يەردىكى «كاپىرلىق» دىگەن سۆزنىڭ تەپسىرى ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىنغان يەنە بىر نەقىلدە بىرىلگەن بولۇپ ، مۇنداق دىيىلگەن : ئاللاھ ئەلچىسى(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)مۇنداق دىگەن :« سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى بىلمىدىڭلارمۇ؟
ئۇ مۇنداق دىدى : مەن بەندىلىرىمگە نىئىمەت بەرسەملا ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر گۇرۇپپا ئۇ سەۋەپلىك كاپىر بولدى ، چۈنكى ئۇلار ئىشلارنى يۇلتۇزلارغا باغلايدۇ ، ئۇلارغا مەنسۇپ قىلىدۇ . » بۇ شۇنى چۈشەندۇرىدۇكى ،بىر ئادەم يامغۇرنىڭ يېغىشىنى يۇلتۇزلار ئۇنى ياغدۇرغان دەپ ئىتىقاد قىلىپ ، ئۇنى ئۇلارغا مەنسۇپ قىلسا - ئەمەلىيەتتە ئاللاھ يۇلتۇزلارنى يامغۇر ياغدۇرۇشنىڭ سەۋەبى قىلمىغان تۇرسا - ئۇنىڭ كاپىرلىقى ئاللاھنىڭ نىئىمىتىگە تۇزكورلۇق قىلىشنىڭ بىر تۈرىدۇر . ھەممىگە مەلۇمكى ، ئاللاھنىڭ نىئىمىتىگە تۇزكورلۇق قىلىش - كىچىك كاپىرلىق . بىراق بىر ئادەم يۇلتۇزلار كائىناتنى تىزگىنلەپ تۇرىۋاتىدۇ ھەمدە ئۇلار يامغۇر ياغدۇرىدىغانلاردۇر دەپ ئىتىقاد قىلسا ئۇنداقتا بۇ -چوڭ شىرىك .
كىچىك شىرىك بەزىدە تاشقى ئىش-ھەركەتلەردە بولىدۇ ، مەسىلەن ، تىلتۇمار، يىپ ،قاتارلىقلارنى ئېسىۋىلىشقا ئوخشاش ئىش-ھەركەت ۋە سۆزلەرگە ئوخشاش .
ئۇ بەزىدە يۇشۇرۇن بولىدۇ ، ئازراق كۆز_كۆز قىلىشقا ئوخشاش .
شۇنىڭدەك ، ئۇ بەزىدە ئىتىقادتا بولىدۇ :
مەسىلەن ، مەلۇم بىر نەرسە پايدا ئىلىپ كىلىدۇ ، ياكى زىياندىن ساقلايدۇ دەپ ئىتىقاد قىلىش ، ھالبۇكى ئاللاھ ئۇنى ئۇنداق قىلمىغان بولسىمۇ ؛ ياكى مەلۇم بىر نەرسىدە بەركەت بار دەپ ئىتىقاد قىلىش ، ھالبۇكى ئاللاھ ئۇنى ئۇنداق قىلمىغان بولسىمۇ .
ئۇ بەزىدە سۆزلەردە بولىدۇ :
مەسىلەن ، ئۇلارنىڭ يۇلتۇزلار مۇستەقىل ھالدا يامغۇر ياغدۇرىدۇ دەپ ئىتىقاد قىلماستىن : بىزگە پالانى-پالانى يۇلتۇز بىلەن يامغۇر بىرىلدى دىيىشى ؛ ياكى ئاللاھتىن باشقا قەسەم قىلىنغۇچى مەلۇم بىر نەرسىنى ئۇلۇغ دەپ ئىتىقاد قىلماستىن ياكى ئۇنى ئاللاھ بىلەن تەڭ دەپ قارىماستىن قەسەم قىلىش ؛ ياكى « ئاللاھ ۋە سەن خالىغان نەرسە » قاتارلىقلارنى دىيىش .
ئۇ بەزىدە ئىش-ھەركەتلەردە بولىدۇ :
مەسىلەن ،زىياندىن ساقلىنىش ياكى توسۇش ئۈچۈن تۇمارياكى يىپ ئېسىش ، چۈنكىمەيلى شەرىئەتتە بولسۇن ، ياكى كائىناتنىڭ قانۇنىيتىدە بولسۇن ئاللاھ ئۇنداق قىلمىغان بىر نەرسىگە كۈچ-قۇۋۋەتنى مەنسۇپ قىلغۇچى ھەرقانداق ئادەم ئاللاھقا بىرنەرسىنى شىرىك قىلغۇچىدۇر .ۋە شۇنىڭدەك ، مەلۇم ئاللاھ ئۇنىڭدا بەركەت پەيدا قىلمىغان بىرسىدىن بەركەت ئىزدەپ ئۇنى تۇتۇش ، مەسىلەن ، مەسچىتلەرنىڭ ئىشىكلىرىنى سۆيۈش ، ئۇنىڭ بوسۇغۇلىرىنى سىلاش ، ئۇنىڭ توپىسىدىن شىپالىق ئىزدەش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار .
بۇ_ شىرىكنىڭ چوڭ ۋە كىچىك قىسمىغا قىسقىغىنە نەزەر . بىز بۇ قىسقا جاۋاپ بىلەن تەپسىلىي توختۇلۇشقا ئامالسىزبىز .
خۇلاسە :
مۇسۇلمان قىلىشقا تىگىشلىك ئىش بولسا كىچىك ھەم چوڭ شىرىكتىن ساقلىنىش . ئەڭ چوڭ گۇناھ بولسا شىرىك ھەمدە ئاللاھنىڭ بىردىنبىر ھەق-ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش ، ئۇ بولسا ئۇنىڭغا بىرنەرسىنى شىرىك قىلماستىن ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىش ، ئۇنىڭغىلا ئىتائەت قىلىش .
شۇڭلاشقا ئاللاھ مۇشرىكلارنى دوزاختا مەڭگۈ قىلىشقا بەلگىلىدى ھەمدە ئۇلارنى كەچۈرمەيدىغانلىقىنى ئىيىتتى ، ھەمدە ئاللاھ جەننەتنى ئۇلارغا ھارام قىلدى ، ئاللاھ دەيدۇ :
« ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﮔﯘﻧﺎﻫﯩﻨﻰ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮔﯘﻧﺎﻫﯩﻨﻰ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺷﯧﺮﻙ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ، ﭼﻮﯓ ﮔﯘﻧﺎﻫ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . » [ ئاياللار : 48 ]
« ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺍﻟﻠﻪ ﻣﻪﺭﻳﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﺴﺎﺩﯗﺭ، ﺩﯦﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﻛﺎﭘﯩﺮ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺋﯩﺴﺎ: «ﺋﻰ ﺑﻪﻧﻰ ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻞ! ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻢ ﯞﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﻏﻪﻳﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻼﻫ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ)، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﻰ ﻫﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﺎﻳﻰ ﺩﻭﺯﺍﺥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭﻏﺎ ﻫﯧﭽﺒﯩﺮ ﻣﻪﺩﻩﺗﻜﺎﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﻏﯘﭼﻰ) ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ» ﺩﯦﺪﻯ .»
[ داستىخان : 72 ]
ھەرقانداق دانا ، دىيانەتلىك ئادەم ئۆزىگە شىرىكتىن ئەنسىرەيدۇ ھەمدە شىرىكتىن ساقلىشىنى تىلەپ پەرۋەردىگارىغا يۈزلىنىدۇ ، خەلىيل ئىبراھىيمنىڭ ئىيىتقىنىدەك :
« ﻣﯧﻨﻰ ﯞﻩ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺑﯘﺗﻼﺭﻏﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺷﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ .»
[ ئىبراھىيم : 35 ]
شۇڭا سەمىمىي ئىشەنگۈچىنىڭ شىرىكتىن ئەنسىرشى ئۇنىڭ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇنى ئۇنىڭدىن ساقلىشىغا ھىرىسمەن بولغىنىدەك كۈچىيشى كىرەك ، ھەمدە پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)ھەمردھلىرىغا ئۈگەتكەن كۆپ دۇئالارنى قىلىشى كىرەك ، ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دىگەن :« سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى شىرىك چۈمۈلىنىڭ قەدىمىدىنمۇ يۇشۇرۇن بولىدۇ ، بىراق مەن سىلەرگە بىر نەرسە ئۆگىتىمەن ، ئەگەر سىلەر ئۇنى قىلساڭلار چوڭ ۋە كىچىك شىرىكنىڭ ھەر ئىككىلىسى سىلەردىن نىرى قىلنىدۇ . « ئى ئاللاھ ، ھەرقانداق بىر نەرسىنى بىلىپ تۇرۇپ ساڭا شىرىك قىلىپ قويۇشتا سېنىڭدىن پاناھلىق تىلەيمەن ، ھەمدە مەن بىلمىگەنلىرىمگە كەچۈرۈمىڭنى سورايمەن . » دەڭلار .» ئەلبانىي[ صحيح الجامع(37319)]دە توغرا ھەدىس دەپ تۈرگە ئايرىغان .
يۇقارقىسى بولسا چوڭ ۋە كىچىك شىرىكنى پەرىقلەندۈرۈش ، ئۇلارنى تونۇش ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرىنىڭ بايانى .
ئەمدى ھۆكۈم جەھەتتە ئۇلارنىڭ پەرقى :
چوڭ شىرىك بىر ئادەمنى ئىسلام يولىدىن چىقىرۋىتىدۇ ، شۇڭا بۇنى قىلغۇچى ئىسلامدىن چىققۇچى ، ۋە ئۇنىڭدىن يانغۇچى دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ ، شۇڭا ئۇ كاپىر ھەم دىندىن يانغۇچى(مۇرتەد) .
كىچىك شىرىك بىر ئادەمنى ئىسلام يولىدىن چىقىرۋەتمەيدۇ ، بەلكى ئۇ ئىھتىمال بىر مۇسۇلماندىن سادىر بولىدۇ ، لىكىن ئۇ يەنىلا ئىسلامدا تۇرىۋىرىدۇ ؛ بىراق ئۇنى قىلغۇچى چوڭ خەتەردە بولىدۇ ، چۇنكى كىچىك شىرىك- چوڭ گۇناھ .ئىبنۇ مەسئۇد مۇنداق دىگەن : ئاللاھنىڭ نامى بىلەن يالغان قەسەم قىلىشىم ، ئۇنىڭدىن باشقا بىرى بىلەن راست قەسەم قىلغىنىمدىن ياخشى . شۇڭلاشقا ئۇ ئاللاھتىن بۆلەك بىر نەرسە بىلەن راست قەسەم قىلىشنى(ئۇ كىچىك شىرىك)ئاللاھنىڭ نامى بىلەن يالغان قەسەم قىلىشتىن ناچار ھىساپلىغان ، ھەمدە ھەممىگە مەلۇمكى ، ئاللاھ بىلەن يالغان قەسەم قىلىش بىر چوڭ گۇناھ .
بىز ئاللاھتىن تاكى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىچە ، قەلىپلىرىمىزنى دىنىدا مۇستەھكەم تۇرغۇزىشىنى سورايمىز ، ھەمدە ئۇنىڭ ئېززىتى بىلەن ئېزىپ كىتىشتىن ساقلىشىنى سورايمىز ، چۇنكى ئۇ -مەڭگۈ ھايات ،ئۆلمەيدىغان زاتتۇر ، بىراق جىن ۋە ئىنسانلار ئۆلىدۇ . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلگۈچى ، ئەڭ دانا دۇر، ھەممە نەرسىنىڭ ئاخىرقى قايتىشى ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر .

www.islamqa.com