Thu 3 Shw 1435 - 31 July 2014
45529
ئاللاھنىڭ ئىنساننى يارىتىشىدىكى ھېكمەتلىرى
سوئال: ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن يارىتىلغان؟


جاۋاب:
بىرىنچى: ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر سۈپىتى «ئەلھېكمە»( ھېكمەت ئىگىسى) بولۇپ، ئىسىملىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر ئىسمى «ئەلھەكىم» (ناھايىتى ھېكمەتلىك) دۇر. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئاللاھ ھېچبىر مەخلۇقاتنى سەۋەبسىزلا ياراتمايدۇ، بەلكى ئاللاھنىڭ ھەربىر ياراتمىشىدا چەكسىز ھېكمەت ۋە مەنپەئەت يوشۇرۇنغاندۇر. بۇنى بەزىلەر بىلىدۇ، بەزىلەر بۇنى بىلىشتىن غاپىلدۇر. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس كىتابىدا ئۆزىنىڭ ئادەمنى ۋە يەر-زېمىننى مەقسەتسىز ياراتمىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«ئى ئىنسانلار! بىزنى سىلەر ئۆزۈڭلارنى بىكار ياراتتى (يەنى سىلەر بىزنى ھايۋاناتلارنى ياراتقىنىمىزدەك ھېچقانداق ساۋابمۇ بەرمەيدىغان، جازامۇ بەرمەيدىغان قىلىپ ياراتتى). ئۆزۈڭلارنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟. ھەق ـ پادىشاھ اﷲ ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، اﷲ ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» . سۈرە مۇئمىنۇن 115-116-ئايەتلەر
ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:« بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناپ ياراتقىنىمىز يوق (يەنى ئۇلارنى بىكار ياراتماستىن، قۇدرىتىمىزنىڭ ئالامەتلىرى سۈپىتىدە ياراتتۇق)» .سۈرە ئەنبىيا 21-ئايەت
ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ:«ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناپ (يەنى بىكارغا) ياراتقىنىمىز يوق. ئۇلارنى بىز پەقەت ھەق ياراتتۇق، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ». سۈرە دۇخان 38-39-ئايەتلەر
ئاللاھ سۇبھانۇ ۋە تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:«حا، مىم . (بۇ قۇرئان) غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر. ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھەق ئاساستا مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى قىيامەتكىچە قالىدىغان) قىلىپ ياراتتۇق. كاپىرلار ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر». سۈرە ئەھقاف1-2-3-ئايەتلەر
ئىنساننىڭ يارىتىلىش ھېكمىتى شەرىئەت تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، شۇنداقلا ئەقىل تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندۇر. ئەقىللىق ئىنسان ھەربىر مەخلۇقنىڭ يارىتىلىشىغا ھېكمەت يوشۇرۇنغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. بىر ئەقىلگە ئىگە بولغان كىشى بىرەر ئەھمىيەتسىز ئىشنى قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىشقا تىرىشىدۇ، ئۇنداقتا ھەممىدىن ھېكمەتلىك بولغان ئاللاھ ھېچ ئەھمىيەتسىز ئىشنى قىلامدۇ؟!
ھالبۇكى، ئەقىلگە ئىگە بولغان مۇئمىن ئاللاھنىڭ ئىنساننىڭ يارىتىشىدىكى ھېكمەتكە ئىشىنىدۇ، ئىمان كەلتۈرىدۇ. كافىر بولسا ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلارنى يارىتىشتىكى ھېكمىتىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر بار. ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ اﷲ نى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» سۈرە ئال-ئىمران 190-191-ئايەتلەر
ئاللاھ يەنە كافىرلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنى بىكار ياراتمىدۇق، ئۇ (يەنى ئۇلارنى بىكار يارىتىلغان دەپ قاراش) كاپىرلارنىڭ گۇمانىدۇر، كاپىرلارغا دوزاختىن ۋاي!» سۈرە ساد27-ئايەت
شەيخ ئابدۇراخمان سەئدى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە توختىلىپ (ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھىمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ ئۆزىنىڭ كىتابىدا ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتلارنى يارىتىشتىكى تەڭداشسىز ھېكمىتىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھېچبىر شەيئىنى ئوينىشىپ ياكى مەقسەتسىز ياراتمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. « ئۇ كاپىرلارنىڭ گۇمانىدۇر »، كاپىرلار ئاللاھنى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇق سۈپىتىگە قىلچىلىك ماس كەلمەيدىغان ھالدا گۇمان قىلىشىدۇ. « كاپىرلارغا دوزاخ ئازابىدىن ۋاي !» ئاللاھ ئاسمان ۋە زېمىننى ھەقىقەت بىلەن، ھەقىقەتنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ياراتتى. شۇنداقلا بەندىلىرىگە ئىلمىنىڭ كەڭلىكى ۋە قۇدرىتىنىڭ چەكسىزلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، پەقەت ئۆزىنىڭلا ئىبادەتكە ھەقىقىي لايىق بولغان بىردىنبىر ئىلاھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، شۇنداقلا ھېچنەرسىنى يارىتىشقا قادىر بولمىغان تاغۇتنىڭ چوقۇنۇشقا لايىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ياراتتى. ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنىڭ ھەقلىقىنى، ھەركىمنىڭ ئۆز ئەمەلىگە يارىشا ئورۇنغا ئېرىشىدىغانلىقىنى، نادانلارنىڭ ھەممەيلەننىڭ ئورنى ئوخشاش بولىدۇ، دەپ قالماسلىقى ئۈچۈن ياراتتى.
ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلامدۇق؟ ياكى تەقۋادارلارنى فاجىرلارغا ئوخشاش قىلامدۇق؟» ساد سۈرىسى 28-ئايەت
ئىككىنچى:ئاللاھ ئىنسانلارنى ھەرگىزمۇ يەپ-ئىچىش ۋە ئەۋلاد قالدۇرۇش ئۈچۈنلا ياراتقىنى يوق، بۇنىڭدا ئىنساننىڭ ھايۋاندىن پەرقى قالمايدۇ. ئاللاھ ئىنساننى باشقا كۆپ قىسىم مەخلۇقلاردىن ئۇستۇن قىلىپ ياراتتى، لېكىن كۆپ قىسىم ئادەملەر كۇفرىدا چىڭ تۇرغانلىقتىن، ئاللاھنىڭ يارىتىشتىكى ھېكمىتىنى بىلمەيدۇ ياكى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى پەقەت مۇشۇ دۇنيادىكى كىچىككىنە خوشاللىقتىنلا ئىبارەت. مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشى ھايۋانلارغا ئوخشايدۇ، ئۇلار ھەتتا تېخىمۇ بەتتەردۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كاپىرلار (ھاياتى دۇنيادا ئۇنىڭ لەززەتلىرىدىن) بەھرىمەن بولىدۇ ۋە چاھارپايلاردەك يەپ ـ ئىچىدۇ، (ئاخىرەتتە) ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ . سۈرە مۇھەممەد 12-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
«(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى (يەنى كۇففارلارنى مەيلىگە) قويۇۋەت، يەپ ـ ئىچىپ، ئويناپ ـ كۈلۈپ يۈرسۇن، ئۇلار بىھۇدە ئارزۇلار بىلەن بولىۋەرمىسۇن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقىنى) بىلىدۇ» ھىجر سۈرىسى 3- ئايەت
«شەك ـ شۈبھىسىزكى، جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخقا (يېقىلغۇ بولۇش ئۈچۈن) ياراتتۇق، ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار كۆزلىرى بولغان بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ. ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئىلىپ) تىڭشىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر » سۈرە ئەئراف 179-ئايەت
ھەربىر ئەقىل ئىگىسى بىلمەي قالمايدۇكى، بىرەر نەرسىنى ياسىغۇچى باشقىلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ ياسىلىشتىكى ھېكمىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىلىدۇ. ئاللاھ بولسا ئەڭ ئالىي سۈپەتلەرگە ئىگىدۇر.
ئىنسانلارنى ياراتقۇچى بولغان ئاللاھ ئەلۋەتتە ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشتىكى ھېكمىتىنى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ، بۇ ھېچبىر مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەتتۇر. ئىنسانلار ئۆزىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بەدىنىدە ناھايىتى چوڭقۇر ھېكمەت يوشۇرۇنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ، كۆز كۆرىدۇ، قۇلاق ئاڭلايدۇ...ئەجىبا مۇشۇنداق مۇكەممەل بەدەن ۋە ئەزالار بىكارغا يارىتىلغانمۇ؟ ۋە ياكى ياراتقۇچىسى ئۇنىڭغا مۇشۇلارنىڭ يارىتىلىش ھېكمىتىنى ئېيتىپ بەرگەندە ئۇ ئاڭلاشتىن ئۆزىنى قاچۇردىمۇ؟!.
ئۈچىنچى:ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئاسمان ۋە زېمىنلارنى ياراتقانلىقىنى، ئىنسانلارنى، قايتا تىرىلىش كۈنىنى، ئاخىرەتتىكى سوئال-سوراقنى، ئاللاھقا بويسۇنغانلارنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلاشنى، ئاللاھقا ئاسىي بولغانلارنى دوزاخ بىلەن جازالاشنى ئىرادە قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «اﷲ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. (ئاسمان ـ زېمىننى يارتىشتىن ئىلگىرى) اﷲ نىڭ ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى. سىلەرنىڭ قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن اﷲ (ئۇلارنى ياراتتى). (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر سەن(مەككە كۇففارلىرىغا): «سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلىسىلەر!» دېسەڭ، كاپىرلار چوقۇم ئېيتىدۇ: «بۇ(سۆزنى ئىچىگە ئالغان قۇرئان) پەقەت روشەن سېھىردۇر». سۈرە ھۇد 7-ئايەت
«سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، اﷲ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى، اﷲ غالىبتۇر، (تەۋبە قىلغۇچىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر». مۈلك سۈرىسى 2-ئايەت
مۇشۇ سىناقلارنىڭ نەتىجىسىدىن ئاللاھنىڭ «ئەررەھمان» (ئەڭ شەپقەتلىك)، «ئەلغەفۇر»(مەغفىرەت قىلغۇچى)،« ئەلھەكىم» (ناھايىتى ھېكمەتلىك)، «ئەتتەۋۋاب» ( تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچى)، «ئەررەھىم» (ناھايىتى مېھرىبان) دېگەندەك ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى نامايەندىلىنىپ تۇرىدۇ.
ئاللاھنىڭ بەندىلەرنى يارىتىشكى ئەڭ چوڭ سەۋەبى، شۇنداقلا بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سىنىقى بولسا بەندىنى ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى (تەۋھىدنى) ئىقرار قىلىشقا، شۇنداقلا ئۆز ئىقرارىغا مۇۋاپىق رەۋىشتە ھېچبىر شېرىكسىز ھالدا بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇشتۇر. ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنىڭ يارىتىشكى سەۋەبىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم». سۈرە زارىيات56-ئايەت
بۇ ئايەتنى ئىبنى كەسىر(ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق تەپسىرلەيدۇ: ( يەنى مەن ئۇلارنى ئۇلارغا موھتاج بولغانلىقىم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇش ئۈچۈن ياراتتىم. ئەلى ئىبنى ئەبۇ تەلھە، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ «پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم» دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسىنى: ئىنسانلار ۋە جىنلارنى پەقەت ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى يوسۇندا ماڭا ئىبادەت قىلىشلىرى ئۈچۈن ياراتتىم، دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.) تەفسىرى ئىبن كەسىر، ئۇيغۇرچە نەشىرى 6- توم 18-بەت
شەيخ ئابدۇراھمان ئەس-سەئدى ( ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ:« ئاللاھ بەندىنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ياراتتى، بۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدۇر. ئەمەل قىلغانلار سائادەتكە ئېرىشىدۇ؛ خىلاپلىق قىلغانلار جازالىنىدۇ. قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش ئۈچۈن يىغىدۇ. ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتنى ئىنكار قىلغانلىقلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«ئەگەر سەن(مەككە كۇففارلىرىغا): «سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلىسىلەر!» دېسەڭ، كاپىرلار چوقۇم ئېيتىدۇ: بۇ(سۆزنى ئىچىگە ئالغان قۇرئان) پەقەت روشەن سېھىردۇر»سۈرە ھۇد سۈرىسى7-ئايەت
ئابدۇراھمان سەئدى بۇ ئايەتنى تۆۋەندىكىدەك شەرھلەيدۇ: « ئەگەر سەن ئۇلارغا ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئېيتساڭ ئۇلار ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ، قوپاللىق بىلەن سۆزۈڭنى رەت قىلىشىدۇ ۋە سەن يەتكۈزگەن خەۋەرنى ئىنكار قىلىشىدۇ. ئاندىن ساڭا بۇ روشەن سىھىردۇر، دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ روشەن ھەقىقەتتۇر.»تەفسىرى سەئدى، ئەرەبچە نەشىرى، 333-بەت
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچىدۇر.

www.islamqa.com