سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ھاراقكەش ئەر بىلەن بىرگە ياشاشنىڭ ھۆكمى

47335

تارقاتقان ۋاقىت : 16-02-2013

كۆرگۈچىلەر : 4012

سۇئال

سىڭلىم توي قىلغان بولۇپ، يولدىشى ھاراققا بېرىلىپ كەتتى، كېچىلىرى دائىم مەس ھالەتتە كېلىدۇ، ئۇنىڭغا كۆپ نەسىھەت قىلىپ چارچاپ كەتتىم، بۇ قىلمىشىدىن قول ئۈزۈشىنى تەلەپ قىلدىم، لېكىن ئۇ بۇنىڭغا كۆنمىدى، سىڭلىمنىڭ بۇنداق ئەر بىلەن بىرگە ياشىشى توغرا بولامدۇ؟ ئۇ بۇ ئەردىن ئىككى پەرزەنتى بار، ئۇنىڭدىن سىرت ئۇلار باشقا دۆلەتتە ياشايدۇ، ئۇ يەردە يالغۇزلۇق ۋە مۇساپىرلىقنىڭ دەردىنى تارتىدۇ، سىڭلىمغا قانداق نەسىھەت قىلىش كېرەك؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: ئاللاھ تائالادىن سىڭلىڭىزغا يەتكەن بۇ مۇسىبەتكە ۋە بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشىغا، يولدىشىنىڭ توغرا يولغا قايتىپ ھىدايەت تېپىشىغا، شۇنىڭدەك بۇ گۇناھكار ئائىلىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم سورايمىز. ئەمما سىڭلىڭىزنىڭ ئۇ ھاراقكەش ئەر بىلەن بىرگە تۇرۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئەگەر سىڭلىڭىز ئۆزى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئىشەنچ قىلالىسا ئۇ ئەر بىلە بىرگە قالسا بولىدۇ. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مېنىڭچە، ئايالى كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلىپمۇ نەسىھەتنىڭ ئۈنۈمى بولمىغان بولسا، ئۇ ئەردىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ، ئەمما بەزى ئىشلار ئۇلارنىڭ ئايرىلىشىنى چەكلەپ قويۇشى مۇمكىن، ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ پەرزەنتى، بالىلارنى ئاتا-ئانىنىڭ مېھرىدىن ئايرىپ، تالىقىنى ئىلىش قېيىن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئاسىيلىقى كاپىرلىق دەرىجىسىگە يەتمىگەن بولسا، كىيىنكى بۇزۇقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن سىڭلىڭىز يولدىشى بىلەن بىرگە قالسا بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئاسىيلىقى ھاراقكەشلىك بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇماسلىقتەك كاپىرلىق دەرىجىسىگە يەتكەن بولسا، ئۇنداق ئەر بىلەن كۆز يۇمۇپ ئاچقىچىلىك ۋاقىتمۇ بىرگە تۇرماسلىقى لازىم. (يەنى ئايرىلىپ كېتىشى كېرەك)". [ئوچۇق ئۇچرىشىش 518-بەت].

ئىككىنچى: سىڭلىڭىزغا قىلىدىغان نەسىھىتىم: ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە باشقا تەرەپلىرىگە قاراپ، يولدىشىنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى بىلەن مەسلىھەت قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇلار ئۇ ئەرنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدۇ، ئاندىن بۇ ئىشتا ئاللاھ تائالاغا ئىستىخار قىلىشى لازىم يەنى ئاللاھقا سىغىنىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ، ئىشىنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىشى لازىم. ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئىلتىجا قىلغان بەندىسىنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيدۇ. بەزى ئەسەرلەردە: ئاللاھقا ئىستىخارە قىلغان كىشى خار بولمايدۇ، مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلغان كىشى پۇشايمان قىلمايدۇ دېيىلگەن.

سىڭلىم! سىز ئۇ ئەر بىلەن ئايرىلىشنى ياكى بىرگە ياشاشنى تاللاڭ، يەنىلا ئاللاھنىڭئورۇنلاشتۇرۇشىغا رازى بولۇپ، سەبىر قىلىپ، ئاللاھتىن بۇنىڭغا ساۋاپ ئۈمىد قىلىڭ.ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَتەرجىمىسى: بىشىغا كەلگەن مۇسىبەت، زىيان زەخمەتلەرگە سەبىر قىلغۇچىلارغا ياخشى ئاقىۋەت بىلەن (يەنى جەننەت بىلەن) خوش-خەۋەر بەرگەن. [بەقەرە سۈرىسى 155-ئايەت].

توغرىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى