ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

توڭلاتقۇدا توڭلاپ قالغان مېيىتنى شۇ پېتى يۇسا توغرا بولامدۇ؟

07-05-2023

سۇئال 105360

    بىر كىشى دوختۇرخانىدا ۋاپات بولدى، دەپنە قىلىش ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈپ بولغىچە ئۈچ كۈن توڭلاتقۇدا قويدى، توڭلاتقۇدىن چىقارغاندا مۇزلاپ قېتىپ كېتىپتۇ، يۇغۇچى ئۇنى شۇ ھالەتتە يۇماقچى بولدى، بۇنداق ھالەتتە مېيىتنى ئولتۇرغۇزۇپ ھەرىكەتلەندۈرۈپ قورسىقىدىكى نەرسىلەرنى سىرتقا چىقىرىش مۇمكىن بولمايدۇ، قانداق قىلىش كېرەك؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلانى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئەگەر ئىش سوئالدا بايان قىلىنغاندەك بولسا، مېيىتنى توڭلاتقۇدىن چىقىرىپ شۇ ھالەتتە يۇغان بولسا توغرا بولىدۇ.  ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن".  

   پەتىۋادا: شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن باز، شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپىي، شەيخ ئابدۇللاھ بىن غۇدەييان قاتارلىقلار.  ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"  8 -توم 358 -بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

دەپنە قىلىش ۋە قەبرىستانلىق ھەققىدىكى ئەھكاملار
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش