ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

رامزاننىڭ قازا روزىسىنى ئايرىم-ئايرىم تۇتسىمۇ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

04-03-2023

سۇئال 106477

   رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدىغان كىشى، روزىنى ئايرىم-ئايرىم كۈنلەردە تۇتسىمۇ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    شۇنداق، رامزاننىڭ قازا روزىسىنى ئايرىم-ئايرىم كۈنلەردە تۇتسىمۇ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:  وَمَنْ كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِنْ أَيَّامٍ أُخَرَ  تەرجىمىسى: « كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن» ] سۈرە بەقەرە 185-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا قازا روزىدا ئارقىمۇ-ئارقا، ئۈزۈلدۈرمەي تۇتۇشنى شەرت قىلمىدى. ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى.  پەتىۋادا: شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇرەھمان ئەپىپىي، شەيخ ئابدۇللاھ غۇدەييان، شەيخ ئابدۇللاھ قەئۇد.

   " سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى" 10-توم 346-بەت.

روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش