ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئاشۇرا كۈنى ئۈچۈن تەييارلانغان يېمەكلىكنى يېيىش ۋە بىر كىشىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ كۈندە كەڭرى خىراجەت قىلىش توغرىسىدا

14-09-2018

سۇئال 113993

ئاشۇرا كۈنىدە ئاشۇرا ئۈچۈن تەييارلانغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش بىدئەت ھېسابلىنامدۇ؟ ئاشۇرا كۈنىدىن بىر كۈن بۇرۇن ياكى بىر كۈن كېيىن يېسىمۇ بىدئەت بولامدۇ؟ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋېتى بىلەن ئۇ كۈندە زىياپەت قىلىش بىلەن بىرگە تۈرلۈك مېۋە ۋە تاتلىق تۈرۈملەرنى ھازىر قىلسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئەگەر بۇ يېمەكلەر ئاشۇرا كۈنىدە ئۆزلىرىنى كاچاتلاپ، مەيدىلىرىگە مۇشتلاپ پائالىيەت قىلىدىغان شىيئەلەرنىڭ تەييارلىغان يىمەكلىرى بولسا، مۇسۇلمان كىشى بۇنداق مۇنكەر-بىدئەت ئىشلاردىن يىراق بولىشى ۋە بۇنىڭغا ئېشتىراك قىلماسلىقى كېرەك بولىدۇ. بىز بۇ توغرىدا ئىلگىرى 102885- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋاسىنى نەقل قىلدۇق.

    ئەمما بۇ يېمەكلىكلەر يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بىدئەت ئىشلارغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، پەقەت بۇ كۈندە ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە كەڭرە خىراجەت قىلىش سەۋەبىدىن تەييارلانغان بولسا بۇنى يېسە بولىدۇ، بۇ بىدئەت دەپ قارالمايدۇ.

    كۆپچىلىك ئۆلىمالار ئاشۇرا كۈنىدە ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە كەڭرى خىراجەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى، بۇنىڭغا دەلىل كەلتۈرۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ئاجىز-زەئىپ، ھۆججەتلىككە يارىمايدىغان ھەدىسلەرنى بايان قىلدى.

    ئىككىنچى: تۇغۇلغان كۈن پائالىيتى ئېلىپ بېرىش بولسا چەكلەنگەن، بىدئەت ئىشلاردىن بولۇپ، بۇ توغرىدا ئىلگىرى 1027- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى بايان قىلدۇق.

     تۇغۇلغان كۈنى ئۇ كۈنگە توغرا كەلگەن تەقدىردە، ئۈ كۈند مۇناسىۋىتى بىلەن يىمەكلىكلەرنى كەڭرى قىلىش، بۇ كۈننى تەبرىكلەپ مېۋە ۋە تاتلىق تۈرۈملەرنى ھازىر قىلىش توغرا بولمايدۇ.

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

بىدئەتچىلىك
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش