ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھەقىقەتەن رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە شەرىئەت ئېتىراپ قىلغان ئۆزۈرلەردىن باشقا ئىشلار ئۈچۈن ئېغىز ئىچىش چوڭ گۇناھ ۋە ئالاھىدە چەكلەنگەن ئىشلاردىندۇر. ئەمما پىيادە ياكى ئۇلاغلىق 80 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايغا سەپەر قىلغان بولسا، ئۇ سەپەرئۆزۈر ھېسابلىنىپ ئۇ كىشىنىڭ ئېغىز ئىچىشى دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيى ياكى شەھەر ئەتراپىغا چىققان بولسا بۇ سەپەر ھېسابلانمايدۇ. بۇنداق ھالەتتە ئېغىز ئىچىشچوڭ گۇناھلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ،مەزكۇر كىشىنىڭ روزا تۇتماسلىقىغا ياردەم بەرگەن كىشىمۇ گۇناھقا تەڭ شېرىك بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كىرىمدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ۘوَتَعَاوَنُواْ عَلَى ٱلۡبِرِّ وَٱلتَّقۡوَىٰۖ وَلَا تَعَاوَنُواْ عَلَى ٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِۚتەرجىمىسى: ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار [سۈرە مائىدە 2-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].
رامىزاندا شەرئى رۇخسەتسىز ئېغىز ئاچقۇچىغاتاماق تەييارلاپ بېرىش، چاي ياكى قەھۋە قاتارلىق يېمەك-ئىچمەكلەرنى ھازىرلاپ بېرىشتەك ئىشلار بىلەن ياردەم بەرگەن كىشى قەستەن روزىسىنى بۇزغان كىشىگە ئوخشاش گۇناھكار بولىدۇ.
گەرچە توغرا بولمىغان ئىشقا ياردەملەشكەن بولسىمۇ ئەمما ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى دۇرۇس بولىدۇ، قىلغان گۇناھى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا يېلىنىپ تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىشى كېرەك.
ئەمدى سۇئال سورىغۇچىنىڭ مەسىلىسىگەكەلسەك: قېرىندىشىم! سىز قىزىڭىز ۋە كېلىنىڭىزگە ئاچچىقلىنىپ تاماق تەييارلاتقۇزغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىڭ. سىز كېلىنىڭىزنى قىزىڭىزنىڭ يولدىشىغا تاماق تەييارلاشقا بۇيرۇپ خاتا ئىش قىلدىڭىز، ئەمما قىزىڭىزبۇ ئىشتا يولدىشىنىڭ سۆزىگە كىرمەي ناھايىتى ياخشى قىلدى. چۈنكى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولىدىغان ئىشلاردا مەخلۇققا ئىتائەت قىلىش توغرا بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئېتائەت قىلىش-بويسۇنۇش ياخشى ئىشلاردا بولىدۇ. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
قىزىڭىزنى يولدىشى رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە كېسەللىك ياكى سەپەردىن ئىبارەت شەرئى رۇخسەتسىزلا تاماق تەييارلاشقا بۇيرىسا، قىزىڭىزنىڭ ئاللاھ تائالا چەكلىگەن-ھارام قىلغان ئىشتا يولدىشىغا ياردەم بەرمىگەنلىكى توغرا بولۇپ، گەرچە يولدىشى ئۇنىڭغا ئاچچىقلانسۇن ياكى تالاق قىلىۋېتىمەن دەپ تەھدىت سالسۇن بۇنىڭ ھېچنېمىگە زىيىنى يوق، چۈنكى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش دېگەن يولدىشىغا، دادىسىغا، پادىشاھقا ۋە باشقىلارغا ئىتائەت قىلىشتىن ئۈستۈن ۋە ئىلگىرى تۇرىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولىدىغان ئىشلاردا مەخلۇققا ئىتائەت قىلىش توغرا ئەمەس. [شەيخ ئالبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا سەھىھ دېگەن].
ئۇ كىشى سەپەر قىلغۇچى ئەمەس، چۈنكى ئۇ قىيىن ئانىسىنىڭ ئۆيىدە بىر قانچە كۈن تۇرغان. ھەقىقەتتە ئۇ ئۆيدە تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشنى كەسكىنلەشتۈرگەن. شۇنىڭغا ئاساسەن ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا ئۇ كىشىگە روزا تۇتۇش بېكىتىلگەن. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى. ئۇلار قىيىن ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئۇ ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە روزا تۇتۇشى لازىم بولىدۇ. (بۇ يەردىكى تۆت كۈندىن ئارتۇق دېگەن ھۆكۈم ھەنبەلى مەزھەب قارىشى، ئەمما ھەنەپى مەزھىپىدە مۇساپىرنىڭ روزىدا ئېغىز ئېچىشىغا رۇخسەت قىلىنىشى ياكى نامازنى قەسرى ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنىشى 15 كۈن دەپ قارىلىدۇ) ئەمما تۆت كۈن ياكى تۆت كۈندىن ئازراق تۇرىدىكەن، ئۇلار سەپەر قىلغۇچىنىڭ ھۆكمىدە بولۇپ روزا تۇتۇش بېكىتىلمەيدۇ، ئەمما قىيىنچىلىق بولمىغان ئاساستا روزا تۇتسا بولىدۇ.
ئەمما مۇساپىر تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن، بۇنداق ھالەتتە ئالىملار ئارىسىدىكى ئىختىلاپتىن چېقىش ۋە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۆزقارىشىغا ئەگەشكەن ئاساستا روزا تۇتۇش تەلەپ قېلىنىدۇ. ئەسلىدە رامىزاندا روزا تۇتۇش كېرەك، يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا ئېغىز ئېچىشقا رۇخسەت قىلىنغانلىقىغاشەك قىلىنىدۇ.