ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

بالىياتقۇنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەۋرىشكە ئالسا ئايالنىڭ روزىسى بۇزۇلامدۇ؟.

09-04-2023

سۇئال 13982

    روزىدار ئايال ھامىلدارلىق تەكشۈرتسە توغرا بولامدۇ؟ سېسترا بالىياتقۇنىڭ ئۇستىدىن ئەۋرىشكە ئالسا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ھامىلدارلىق تەكشۈرۈش ۋە بالىياتقۇنىڭ ئۈستىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا  مەنى چېقىشقا ئىلىپ بارسا ئايالنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا شەھۋەت بولىدۇ، ئەمما شەھۋەتسىز پەقەتلا ئەۋرىشكە ئېلىش بولسا بۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ، لېكىن ئۇنى كەچتە ئىپتاردىن كېيىنگە كېچىكتۈرسە ياخشى بولىدۇ.

ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

روزىنى بۇزىۋېتىدىغان ئامىللار
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش