ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

مۇساپىر كىشى سەپەر قىلغان ئورۇندا تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشنى مەقسەت قىلسا نامازنى تولۇق ئادا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا

07-12-2023

سۇئال 21091

   مەن ئەسلى ئالجىرىيەلىك بولۇپ ئۈچ يىلدىن بىرى ئەنگىلىيىدە تۇرۇۋاتىمەن، مەن شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ «نامازنى قەسىر قىلىشنىڭ ۋاقىتتىن بىر بەلگىلىمىسى يوق» دېگەن پەتىۋاسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن نامازنى قەسىر ئوقۇۋاتىمەن، مەن ئۆزۈمنى قاچان يۇرتۇمنىڭ ئەھۋالى تىنچ-خاتىرجەم بولسا شۇ ۋاقىتتا قايتىپ كېتىمەن دەپ شۇنى كۈتۈۋاتىمەن، سىلەردىن مېنىڭ مۇشۇ ئەھۋالىمغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوچۇق بىر پەتىۋا بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟. ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ: «مۇساپىردا سەپەر دېگەن سۈپەت داۋاملاشقان مۇددەتتە ئۇنىڭ رامىزاندا روزا تۇتماسلىقى، نامازنى قەسىر قىلىپ ۋە جۇغلاپ ئوقۇشى توغرا بولىدۇ» دېگەن پەتىۋاسى بولسا بۇ توغرىدىكى دەلىللەرنىڭ مۇتلەق بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ شۇنداق دېگەن. لېكىن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، ئەگەر مۇساپىر بىر ئورۇندا تۆت كۈن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك تۇرۇشنى مەقسەت قىلمىغاندا سەپەرنىڭ رۇخسەتلىرىدىن پايدىلانسا بولىدۇ. شەيخ ئابدۇلئەزىز بىن باز رەھىمەھۇللاھمۇ مۇشۇنداق پەتىۋا بەرگەن.

   ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مۇساپىرنىڭ نامىزى
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش