ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

نامازدىن كېيىن ئۆزىدىن سۇيۇق بىر نەرسىنىڭ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلسا، ئۇ نامازنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

04-07-2024

سۇئال 217861

مەن ئىلگىرى كېچىك تەرەت يولىدىن سۇيۇقلۇق كىلىدىغان (سۆزنەك) كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ئېدىم، بولۇپمۇ كېچىك تەرەت قىلىش يېقىنلاشقاندا شۇنداق بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئىككى ناماز ئۈچۈن بىر قېتىم تاھارەت ئالىمەن، ئىچ كىيىمىمنى تەكشۈرىمەن، قۇرۇپ قالغان ئاق سۇيۇقلۇقنىڭ ئىزىنى كۆرۈمەن، بۇ مەن تۇيماستىن بۇرۇنلا سۇيۇقلۇق چىققانلىقنىڭ ئىسپاتى بولىدۇ، بۇنداق ھالەتتە مەن ئېچ كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇپ، شۇ ھالەتنى ئاساس قىلىپ نامىزىمنى قايتىدىن ئادا قىلىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: سىزدىن كېلىدىغان سۇيۇقلۇق نەرسە ئۈزۈلمەي كېلىدىغان بولسا، سىز ئۇنى كونتۇرۇل قىلىشقا قادىر بولالمىسىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ ھۆكمىڭىز كېچىك تەرەت توختىمايدىغان كىشىنىڭ ھۆكۈمىدە بولىدۇ، ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن تاھارەت ئىلىپ ئەۋرەتكە قەغەز ياكى باشقا بىر نەرسە قويىسىز، ئۇنىڭدىن كېيىن چىققان نەرسىنىڭ تەسىرى بولمايدۇ.

    شۇنىڭغا كۆرە، سىزگە كىيىمىڭىز ۋە بەدىنىڭىزنى نىجاسەتنىڭ قالدۇقلىرىدىن پاكىزلىغاندىن كېيىن قايتىدىن تاھارەت ئىلىپ ئىككىنچى نامازنى قايتىدىن ئادا قىلىسىز، چۈنكى سىزگە ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن يېڭىدىن تاھارەت ئىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.

    چىقىدىغان سۇيۇقلۇق مەلۇم ۋاقىتتا چىقىدىغان بولسا ياكى دائىم چىقماي بەزى ۋاقىتتا چىقىدىغان بولسا، بۇ تاھارەتنى بۇزىدۇ، ناماز ئادا قىلىۋاتقاندا چىقسا كىيىمى ۋە بەدىنىدىن سۇيۇقلۇق يەتكەن ئورۇننى يۇيۇپ تاھارەتنى قايتىدىن ئىلىپ نامازنى باشقىدىن ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ.

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتىدىكى ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: "ئەھۋال سوئالدا زىكىر قىلىنغاندەك بولسا، ئۇ كىشىدىن يەل-سۇيۇقلۇق داۋاملىشىپ چىقماي، بەزى ۋاقىتتا ئىختىيارسىز چىقىدىغان بولسا، نامازدا ياكى نامازنىڭ سىرتىدا چىقسا ئۇ ۋاقىتتا تاھارەتنى قايتىدىن ئىلىش ۋاجىپ بولىدۇ". [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئىككىنچى بۆلۈم 4-توم 256-بەت].

    ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ئىنساندىن كېچىك تەرەتتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن ھېچ سەۋەبسىز، شەھۋەتسىز، بىر نەرسىنى ئويلىماستىن ۋە بىر نەرسىگە قارىماستىن ئاق سۇيۇق نەرسە كەلسە، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "سوئالنىڭ ئاخىرىدا بايان قىلىنغاندەك، مەسىلىگە قارىغاندا بۇ شەھۋەت ياكى بىر ئىشنى ئويلاشتىن كەلگەن ئەمەس، شۇنىڭغا كۆرە، بۇ مەزىي ياكى مەنىي دەپ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، بۇ پەقەت سۈيدۈك يوللىرىدىن كېچىك تەرەتتىن ئىلگىرى ياكى بەزى ۋاقىتتا كېچىك تەرەتتىن كېيىن كېلىدۇ، بۇنىڭ ھۆكمى سۈيدۇكنىڭ ھۆكۈمىدە بولىدۇ، بۇنى ۋە بۇنى يۇقۇپ قالغان ئورۇننى كىيىمىدىن بەدەندىن پاكىزلاش ۋاجىپ بولىدۇ تاھارەت ئالىدۇ. بۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسە كېرەك بولمايدۇ". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 11-توم 223-بەت].

    ئىككىنچى: سىز نامازنى ئادا قىلىپ نامازدىن كېيىن سۇيۇقلۇق چىققانلىقىنى تەكشۈرگەن بولسىڭىز، بۇنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق بولىدۇ:

   -ئەگەر ئۇنىڭ ناماز ئادا قىلىش جەريانىدا چىققانلىقىغا ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى تاھارەت ئىلىپ بولغاندىن كېيىن چىققانلىقىغا ئىشەنچ قىلسىڭىز، نامازىڭىز بىكار بولىدۇ، سىز ئىستىنجا قىلىپ كىيىمىڭىزدىن ۋە بەدىنىڭىزدىن بۇ سۇيۇقلۇق يەتكەن ئورۇننى پاكىزلاپ، قايتىدىن تاھارەت ئىلىپ نامازنى قايتىدىن ئادا قىلىسىز، ئەگەر سىز بۇ سۇيۇقلۇقنىڭ ناماز جەريانىدا چىقتىمۇ ياكى ئۇنىڭ بۇرۇنمۇ ياكى كېيىنمۇ بۇنىڭدا شەكلىنىپ، ناماز جەريانىدا ياكى نامازدىن كېيىن چىققانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىسىڭىز، سىزنىڭ نامازنى قايتىدىن ئادا قىلىشىڭىز كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى ئەسلىدە سىز تاھارەت بىلەن نامازنى باشلىدىڭىز، شەك قىلىش بىلەن ناماز باتىل بولدى دەپ ھۆكۈم قىلىنمايدۇ.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسان نامازنى ئادا قىلىپ نامازدىن كېيىن سۈيدۇك ياكى مەزىي چىققانلىقى بىلىنسە بۇنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق بولىدۇ: ئەگەر بۇنىڭ نامازدا چىققانلىقىغا ئىشەنچ قىلسا، ئىستىنجا قىلىپ كىيىمىدىن ۋە بەدىنىدىن بۇ سۇيۇقلۇق يەتكەن ئورۇننى پاكىزلاپ، قايتىدىن تاھارەت ئىلىپ نامازنى قايتىدىن ئادا قىلىدۇ، ئەمما قاچان چىققانلىقىنى بىلمەيدىكەن، نامازدىمۇ ياكى نامازدىن كېيىنمۇ، بۇنداق ئەھۋالدا نامازنى قايتىدىن ئادا قىلىش كېرەك بولمايدۇ، يەنى بۇنىڭدا ناماز جەريانىدا چىقتىمۇ ياكى نامازدىن كىيىن چىقتىمۇ  دەپ شەكلىنىپ قالسا، نامازنى قايتىدىن ئادا قىلىش كېرەك بولمايدۇ". ["شەيخ ئىبنى بازنىڭ نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرىدىن"].

    شەيخ سالىھ ئەلپەۋزاندىن: ئەسىر نامىزىنى ئادا قىلىپ، نامازدىن كىيىن ئىچ كىيىمدە نىجاسەتنى تاپسا، نامازنى قايتىدىن ئادا قىلامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " ئۇ كىشى نامازدا تۇرغاندا ئۆزىدە نىجاسەتنىڭ بارلىقىنى بىلمىسە، بۇ نىجاسەتنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقىنىمۇ بىلمىسە، ئوقۇغان نامىزى توغرا بولىدۇ. چۈنكى ئەسلىدە توغرا بولغان".

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگبچىدۇر.

تاھارەت تەرەتنى بۇزىدىغان ئامىللار
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش