ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولۇپ، يولۇچىلار ئازراق ساقلاپ قالسا، بۇ خىزمەت تۈزۈمىدە قوبۇل قىلىنىدىغان ئىش بولۇپ بۇنىڭ سىزگە زېيىنى يوق بولسا، نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشىڭىز كېرەك. ئەمما ناماز ئوقۇپ چىقىش بىلەن خىزمەتكە كىچىكىشىڭىز قوبۇل قىلىنمىسا ياكى بۇنىڭ سىزگە زېيىنى بولسا، بۇنداق ھالەتتە قىيىنچىلىق ۋە مۇشەققەتنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئىمكانىيەت بولسا پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇشىڭىز كېرەك.
بۇنداق قىلىشقىمۇ ئىمكانىيەت بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش ئەڭ مۇھىم ئەمەللەرنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيالىق ئىش-ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىدىن بۇرۇن ئادا قېلىنىدۇ، سىز بۇ خىزمەتنى تاشلاپ، نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولغان باشقا بىر خىزمەت تېپىشىڭىز كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تائالا ناماز توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: فَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ ۚ إِنَّ الصَّلَاةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَّوْقُوتًا تەرجىمىسى: نامازنى (پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن) مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى. [سۈرە نىسا 103-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَوَيْلٌ لِّلْمُصَلِّينَ . الَّذِينَ هُمْ عَن صَلَاتِهِمْ سَاهُونَ تەرجىمىسى: «شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ، (4) شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ .» [سۈرە مائۇن 4-5-ئايەت].
يەنىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 36784- ۋە151034 -نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.
ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.