ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
سىزنىڭ ماشىنا بازىرىنىڭ باھالىغۇچىسى باھالاپ بەرگەن مىقداردىكى پۇلنى ئېلىشىڭىزدا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق ئەھۋالدا تەجىربىلىك كىشىلەرنىڭ قارىشى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
ئەسلىدە، ھەرقانداق بىر كىشى باشقىلارنىڭ ماشىنىسىنى بۇزىۋېتىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ بۇزىۋەتكەن ماشىنىنىڭ بۇزۇلغان يېرىنى ياسىتىپ بېرىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋەقە سەۋەبىدىن ماشىنىنىڭ بازار باھاسىدىن چۈشۈپ كەتكەن قىممىتىنىمۇ قېتىپ تۆلەپ بېرىشى كېرەك بولىدۇ. "پىقھى ئېنىسكلۇپىېدىيسى" 1-توم 226-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "بىز بۇزىۋېتىلگەن نەرسىنىڭ ئوخشىشى بولسا ئۇنىڭ ئوخشىشىنى تۆلەپ بېرىدىغانلىقى، ئەگەر باھالانسا ئۇنىڭ قىممىتىنى تۆلەپ بېرىدىغانلىقى شۇنىڭدەك ئۇ نەرسىنىڭ قىممىتىنى بېكىتىشتە بۇزىۋېتىلگەن ئورۇننىمۇ ئېتىبارغا ئېلىشتا ئۆلىمالارنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ بارلىقىنى بىلمەيمىز".
يەنە 28-توم 233-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "پىقھى ئۆلىمالىرى بۇلىغانلىق ياكى زېيان سالغانلىق ياكى بۇزىۋەتكەنلىك ياكى باشقا سەۋەپلەردىن كەمىيىپ كەتكەن ماللارنى، قەستەن كەمەيتكەن بولسۇن ياكى خاتالىقتىن كەمەيتكەن بولسۇن ياكى سەھۋەنلىكتىن كەمەيتكەن بولسۇن ئۇنى تۆلىتىشتە ھېچ بىر ئورۇندا ئىختىلاپ قىلىشمىغان".
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ يەردىكى مەسىلە، ماشىنا سايمانلىرى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ماشىنا سايمانلىرى بىلەن بىرگە ماشىنىنىڭ سوقۇۋېتىش سەۋەبىدىن بازار باھاسىدىن چۈشۈپ كەتكەن قىممىتىنى تۆلەش مەسىلىسى، بۇ بەزى ۋاقىتتا كۆپچىلىك كىشىلەر بىلمەيدۇ، ھەر قانداق بىر كىشى سوقۇلۇپ كېتىپ ياساتقان ماشىنا بىلەن سوقالمىغان ماشىنانىڭ ئارىسىدىكى باھا پەرقىنى ياخشى بىلىدۇ. "نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى".
ئۇ كىشىگە بېرىدىغان جاۋابىمىز: سىزنىڭ مۇشۇ مىقداردىكى مەبلەغنى ئېلىشىڭىزدا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، ھەتتا ماشىنىڭىزنى ئۇنىڭدىن ئازراق مەبلەغ بىلەن رىمىنۇت قىلدۇرغان بولسىڭىزمۇ، بىز يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەندەك، ھادىسە سەۋەبىدىن ماشىنىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن باھاسىنىمۇ ئېتىبارغا ئېلىش زۆرۈر بولىدۇ.
سىز ئۈچۈن تۆلەم پۇلىنى ئېلىش بىلەن بىرگە، ماشىنىڭىزنى رىمىنۇت قىلدۇرۇپ ھەيدىسىڭىزمۇ ياكى ھەيدىگىلى بولمايدىغان ماشىنىلارنى سېتىش ئورنىغا ئاپىرىپ ساتسىڭىزمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.