ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

باھانى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن بىر كۈننى"قارا جۈمە" دەپ ئاتاپ تىجارەت قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

20-06-2024

سۇئال 326165

   بىر كۈننى قارا جۈمە كۈنى دەپ ئاتاشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ئىسىم بىلەن ئاتاش توغرىمۇ؟. بۇ كاپىرلارغا ئوخشاپ قالغانلىق دەپ ئېتىبارغا ئېلىنامدۇ؟، كۆپچىلىك ئىنسانلارغا ئىسراپچىلىق، بۇزۇپ چېچىشىغا سەۋەپ بولغانلىقى ئۈچۈن يەنى بۇزۇقچىلىققا ئېلىپ بارىدىغان ۋاسىتە بولغانلىقى ئۈچۈن ھارام بولامدۇ؟، بۇ شەكىلدە ئىلىم-سېتىم قىلسا ھارام بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ:

قارا جۈمە دەپ ئاتىلىدىغان كۈندە ئىلىم-سېتىم قىلسا بولىدۇ، ئۈ كۈندە باھاسى چۈشۈرۈلىدىغان ماللاردىن ئىلىپ پايدىلانسا بولىدۇ، گەرچە بۇ كۈن شۈكۈر بايرىمى ياكى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كىلىدىغان كۈن بولسۇن ياكى ئۇ كۈندە ھېيت-بايراملىق سوغاتلارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن بولسۇن، مادامىكى سېتىۋالغۇچى دۇرۇس نەرسىلەرنى سېتىۋالغان بولسا، يېڭى يىل بايرىمى دېگەندەك بايراملارغا ياردىمى بولىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالمىسا توغرا بولىدۇ. ئەمما كاپىرلار ھەر يىلى بۇ كۈننى كۈتىدىغان بولۇپ، بۇ كۈننى مالنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈشكە، تىجارەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا خاس قىلىپ ئاتىغان بولسا، بىزگە بۇ كۈندە كاپىرلارغا ئوخشاپ ئېلىم-سېتىم قىلىش توغرا بولمايدۇ، بىزنىڭمۇ بۈ كۈننى دۇكانلىرىمىزدىكى ماللارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈشكە خاس قىلىشىمىز توغرا بولمايدۇ، مال سېتىۋالغۇچىلارنىڭ قايسىسى شۇ كۈندە كەلسە ئۇ ماللاردىن ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغانلىرىنى سېتىۋالسا بولىدۇ.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: قارا جۈمە دەپ ئاتاشنىڭ سەۋەبى.

   قارا جۈمە كۈنى دېگەن ئون ئىككىنچى ئاينىڭ ئاخىرقى جۈمە كۈنىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇ توغرىدا توختىلىپ ئۆتەيلى: قارا جۈمە دېگەن ئىنگىلىسچىدە(بىلاك فىرىداي) دېگەن بولۇپ، بۇ ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئاق جۈمە كۈنى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئامېرىكىدا شۈكۈر بايرىمىدىن كېيىنلا كېلىدىغان كۆندۈر، ئادەتتە ھەر يىلى ئون ئىككىنچى ئاينىڭ ئاخىرىدا بولىدۇ، بۇ كۈن يېڭى يىل بايرىمى ئۈچۈن ھەدىيە، سوۋغا-سالام سېتىۋېلىش مەۋسۇمىنىڭ باشلىنىش كۈنى دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.

بۈ كۈندە كۆپلىگەن تىجارەت ئورۇنلىرى باھاسى چۈشۈرگەن ماللارنى بازارغا سالىدۇ، بەزى سودا مەركەزلىرىنىڭ ئىشىكلىرى ئەتتىگەن سائەت تۆتتە ئېچىلىدۇ، چۈنكى يېڭى يىل ئۈچۈن بايراملىق سوۋغاتلارنىڭ كۆپ قىسمى بۈ كۈندە سېتىۋېلىنىدۇ، نۇرغۇنلىغان مال سېتىۋالغۇچىلار جۈمە كۈنى ئەتتىگەندە تىجارەت مەركىزىنىڭ ئالدىغا توپلىشىپ تىجارەت مەركىزىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتىدۇ. تىجارەت مەركىزى ئېچىلغاندا كىشىلەر باھاسى چۈشۈرۈلگەن ماللاردىن كۆپلەپ سېتىۋېلىش ئۈچۈن بىر-بىرىنى ئىتتىرىشىپ يۈگۈرۈپ كىرىشىدۇ.

   بۈ كۈننى قارا جۈمە دەپ ئاتاشنىڭ تارىخىي سەۋەبى ئون توققۇزىنچى ئەسىرگە قايتىدۇ، بۇنىڭ 1869-يىلى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن ئىقتىسادى كىرزىسغا ئالاقىسى بولۇپ، بۇ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بولغان، بۇ ئىقتىسادى كرىزىس سەۋەبىدىن ئامېرىكىدا ئېلىم-سېتىم ئىشلىرى توختاپ قالغان، شۇ سەۋەبلىك ھۆكۈمەت چوڭ زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ماللارنىڭ باھاسىنى زور مىقداردا چۈشۈرۈپ سېتىش ئارقىلىق زىياننىڭ نىسبىتىنى ئازايتقان.

   شۇ كۈندىن باشلاپ ئامېرىكىدىكى چوڭ تىجارەت مەركەزلىرى ۋە دۇكانلار بۇنىڭغا ئەگىشىپ ھەر يىلى شو كۈندە مالنىڭ باھاسىنى ھەتتا 90%گە قەدەر چۈشۈرۈپ سېتىشقا باشلىغان، قارا جۈمە كۈنى ياكى مۇشۇ كۈنگە خاس بولغان ئاي ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مالنىڭ باھاسى ئەسلىگە قايتقان.

   بۇ كۈننى قارا جۈمە كۈنى دەپ ئاتىشى بۇ كۈننى ياقتۇرمىغانلىقتىن ياكى شۇم پال ئالغانلىقتىن ئەمەس بەلكى بۈ كۈننى 1960-يىلى پىلادىلپىيە شەھەرلىك ساقچىلار قارا جۈمە دەپ ئاتىغان، چۈنكى مال باھاسى ئەرزانلاشتۇرۇپ سېتىلىدىغان بۇ كۈنى كەچ كىرگىچە تىجارەت مەركەزلىرىنىڭ ئالدى ۋە ئەتراپى قىستاڭچىلىق، قاتناش توسۇلۇپ قىلىش ۋە ئىدارە قىلىش قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن پىلادىلپىيە شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ماشىنىلارنىڭ ۋە پىيادە يۈرگۈچىلەرنىڭ قىستاڭچىلىقتىن كېلىپ چىققان قالايمىقانچىلىقنى سۈپەتلەپ بۈ كۈننى قارا جۈمە كۈنى دەپ ئاتىغان.

    ئۇنىڭدىن سىرت، شۇ كۈندە سېتىلغان ۋە ئامباردا قىلىپ قالغان ماللار ۋە ئالغان پايدىلارغا بەلگە قويۇلىدىغان بولۇپ، پايدا ئالغان ماللارغا قارا رەڭ بىلەن، تارتقان زىيان ۋە سېتىلماي بېسىلىپ قالغان ماللارغا قىزىل رەڭ بىلەن بەلگە قىلىنغان.

يەنە بىر قاراشتا، ئامېرىكىدا كۈندىلىك پايدا-زىياننى ھېسابلاش دەپتىرىگە ئالغان پايدا قارا رەڭ بىلەن، تارتقان زىيان قىزىل رەڭ بىلەن يېزىلغان بولۇپ، شو كۈندە ئېلىنغان پايدىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە دەپتەرلەر قارا رەڭگە بويىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ كۈن قارا جۈمە كۈنى دەپ ئاتالغان.

    ئىككىنچى: قارا جۈمە كۈنى دەپ ئاتالغان كۈندىكى تاۋارلاردىن پايدىلىنىشنىڭ ھۆكمى.

    بۈ كۈندە باھاسى چۈشۈرۈلىدىغان ماللاردىن ئىلىپ پايدىلانسا بولىدۇ، گەرچە بۇ كۈن شۈكۈر بايرىمى ياكى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كىلىدىغان كۈن بولسۇن ياكى ئۇ كۈندە ھېيت-بايراملىق سوغاتلارنىڭ باھاسىدا چۈشۈش بولسۇن، مادامىكى سېتىۋالغۇچى دۇرۇس نەرسىلەرنى سېتىۋالغان بولسا، يېڭى يىل بايرىمى دېگەندەك بايراملارغا ياردىمى بولىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالمىسا توغرا بولىدۇ.

    بۇ ھەقتە 145676- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا كىرىسماس مەۋسۇمىدە باھاسى چۈشۈرۈلگەن ماللاردىن سېتىۋېلىپ پايدىلىنىشنىڭ دۇرۇسلىقى توغرىسىدىكى تەپسىلى مەلۇماتقا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

   ئۈچىنچى: دۇكاندارلارنىڭ بۇ كۈننى باھانى چۈشۈرۈشكە خاس قىلىشى.

بىزدە قارا جۈمە ياكى ئاق جۈمە دەيدىغان كۈن يوق، مۇسۇلمان كاپىرلارغا ئوخشاپ قىلىش ۋە ئۇلارغا ئەگىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك، ئىسراپچىلىق ۋە بۇزۇپ-چېچىشتىن ھەزەر قىلىشى لازىم. مالنىڭ باھاسى چۈشۈپتۇ دەپ ئېھتىياج بولمىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ پۇلنى زايە قىلماسلىق كېرەك.

   دۇنكاندارلارمۇ كاپىرلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارغا ئوخشاش بۇ كۈننى مالنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈشكە خاس قىلىۋالماسلىقى كېرەك، بەلكى بۈ كۈننىمۇ باشقا كۈنلەردەك ئۆتكۈزۈشى كېرەك. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كاپىر قەۋمگە ئوخشىۋالغانلار ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى4031- ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ سۈنەن ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئادەتتىكى ئىشلاردىمۇ كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىشتىن چەكلىگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئۈستۈمدە سېرىق بويالغان ئىككى كىيىمنى (بىر تو كىيىمنى) كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەن بۇ كاپىرلارنىڭ كىيىمى سەن بۇ كىيىملەرنى كەيمىگىن» [مۇسلىم رىۋايىتى2077-ھەدىس].

   ھۈزەيپە ئىبنى يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «يىپەك، قىلىن يىپەك كىيىملەرنى كىيمەڭلار، ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچىلاردا، تەخسىلەردە بىر نەرسە يەپ-ئىچمەڭلار، ھەقىقەتەن ئۇ نەرسىلەر دۇنيادا كاپىرلار ئۈچۈن، ئاخىرەتتە بىز ئۈچۈندۇر». [بۇخارى رىۋايىتى5426-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2967-ھەدىس].

    ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەنسارىيلاردىن بولغان بىر قىسىم ئاق ساقال كىشىلەرنىڭ يېنىغا چىقىپ ئۇلارغا: «ئەي ئەنسارلار جامائىتى! ساقاللىرىڭلارنى سېرىق ۋە قىزىل رەڭلەرگە بوياڭلار، ئەھلى كىتابقا ئوخشاش بولماڭلار دېدى»، راۋى دەيدۇ: بىز: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئەھلى كىتابلار ئىشتان كىيىدۇ بەلۋاغ باغلىمايدۇ دېسەك، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئىشتان كىيىپ ۋە بەلۋاغ باغلاڭلار، ئۇلارغا زىت ئىش قىلىڭلار دېدى»، راۋى دەيدۇ: بىز: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئەھلى كىتابلار ئۆتۈك-قونجۇلۇق ئاياغلارنى كىيىدۇ، پىتىنگە-قونچسىز ئاياغ كىيمەيدۇ دېسەك، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەر قونجۇلۇق ئۆتۈك ۋە قونچسىز ئاياغلارنى كىيىپ، ئۇلارغا زىت ئىش قىلىڭلار دېدى»، راۋى دەيدۇ: بىز: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئەھلى كىتابلار ساقاللىرىنى قىسقارتىپ بۇرۇتلىرىنى ئۇزۇن قويىدۇ دېسەك، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەر بۇرۇتلىرىڭلارنى قىسقارتىپ، ساقاللىرىڭلارنى تولۇق قويۇپ ئۇلارغا  زىت ئىش قىلىڭلار دېدى». [ئىمام ئەھمەد 22283-ھەدىس].

   ئەمىر ئىبنى شۈئەيىپ ئاتىسىدىن، ئاتىسى چوڭ ئاتىسىدىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ غەيرىمىزدىكى مىللەتكە ياكى قوۋمغا ئوخشىۋالغانلار بىزدىن ئەمەس، يەھۇدىلار ۋە خىرىستىئانلارغا ئوخشاپ قالماڭلار، ھەقىقەتەن يەھۇدىيلارنىڭ سالامى بارماقلىرى بىلەن ئىشارەت قىلىشتۇر، خىرىستىئانلارنىڭ سالامى بولسا ئالقانلىرى بىلەن ئىشارەت قىلىشتۇر». [تىرمىزى رىۋايىتى2659-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى ھەسەن دېگەن].

   كاپىرلار ھەر يىلى مۇشۇ كۈننى كۈتىدىغان بولسا، بۇ كۈن ماللارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ، ئەرزان قىلىشقا خاس قىلىنغان بولسا، بىزمۇ بۈ كۈندە دۇكانلىرىمىزدا مالنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ ئېلىم-سېتىم قىلىپ كاپىرلارغا ئوخشىۋىلىشىمىز توغرا بولمايدۇ، مال سېتىۋالغۇچىلارنىڭ قايسىسى شۇ كۈندە كەلسە ئۇ ماللاردىن ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغانلىرىنى سېتىۋالسا بولىدۇ بۇنىڭ بايانى يۇقىرىدا سۆزلەندى.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

يىقىن تۇتۇش ۋە ئادا -جۇدا بولۇش
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش