ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھەج قاچان پەرز قىلىنغان؟

14-08-2010

سۇئال 32662

سوئال: ھەج ئىبادىتى ھىجرىيىنىڭ قايسى يىلى پەرز قىلىنغان؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى


بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
ھەج ئىبادىتىنىڭ قايسى يىلى پەرز قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ قارىشى بىردەك ئەمەس، بەزىلەر ھىجرىيىنىڭ 5- يىلىدا، بەزىلەر 6- يىلىدا،بەزىلەر 9- يىلىدا يەنە بەزىلەر 10- يىلىدا پەرز قىلىنغان دەيدۇ. كېيىنكى ئىككى قاراش توغرا قاراشتۇر، ئۇ بولسىمۇ ھەجنىڭ ھىجرىيىنىڭ 9-يىلى ياكى 10- يىلدا پەرز قىلىنغانلىقىدۇر. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى دېگەن ئايىتى بولۇپ، بۇ ئايەت ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ ۋە شۇنداقلا بۇ ئايەت ھىجرىيىنىڭ 9-يىلىنىڭ ئاخىردا ئەلچىلەر يىلىدا (عام الوفود) چۈشكەن، شۇنىڭدىن ھەج ئىبادىتى ھىجرىيىنىڭ 9-يىلىنىڭ ئاخىردا پەرز بولغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. (زادۇل مەئاد 3- توم 595-بەتكە قارالسۇن)
توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.
ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋالار توپلىمى 11-توم 10-بەتكە قارالسۇن.

ھەج-ئۆمرەنىڭ ھۆكمى
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش