ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

نىپاسدار ئايال قىرىق كۈننى تولۇقلىغاندىن كېيىنمۇ پاك بولمىغان بولسا، يۇيۇنۇپ نامازنى ئادا قىلىپ، روزا تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرامدۇ؟.

19-03-2024

سۇئال 37662

   رامزاندا يېڭىدىن تۇغۇتلۇق بولغان ئايال قىرىق كۈننى تولۇقلىغاندىن كېيىنمۇ پاك بولمىغان بولسا، بۇ ئايالنىڭ قانداق قىلىشى كېرەك بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    نىپاسنىڭ مۇددىتى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ قارىشى بىردەك ئەمەس، كۆپچىلىك ئالىملار: تۇغقاندىن باشلاپ قىرىق كۈن بولىدۇ دەيدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 10488- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

   شۇنىڭغا ئاساسەن: ئايال تۇغۇپ قىرىق كۈندىن كېيىنمۇ قان توختىماي داۋاملاشسا، ئەگەر قىرىق كۈندىن كېيىن كەلگەن قان ئۇ ئايالنىڭ ئادەت كۈنىگە توغرا كەلسە، بۇ قان ھەيز ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر ئۆزىنىڭ ئايلىق ئادىتىگە مۇۋاپىق كەلمىسە، بۇ (ئىستىھازە) ئاياللار كېسىلى ھېسابلىنىدۇ، قىرىق كۈندىن كېيىن يۇيۇنۇپ نامازنى ئادا قىلىدۇ، روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايال پاك بولغان بولۇپ، ئاياللاردىن پاك ئاياللارنىڭ ھۆكمى بويۇنچە مۇئامىلە قىلىنىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ھەيز ۋە نىپاس روزىنى بۇزىۋېتىدىغان ئامىللار
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش