ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئادەت كۆرۈپ قالغاندا خىجىل بولۇپ روزا تۇتۇپ چوڭلار بىلەن بىرگە ئىپتار قىلغانلىق توغرىسىدا

29-03-2021

سۇئال 7426

مەن ئون ئۈچ ياش ۋاقتىمدىلا ئادەت كۆرۈپ قىلىپ، ھايا قىلىپ چوڭلارغا خەۋەر قىلالماي، شۇ ھالەتتە تۆت كۈن روزا تۇتتۇم، كەچتە ئىپتار قىلدىم، بۇنىڭغا سەككىز يىل بولدى، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە ئېنىقلىما بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    سىز سەككىز يىلدىن بىرى بۇ روزىنىڭ قازاسىنى تۇتماي خاتا قىپسىز، ئادەت كۆرۈپ قىلىش دېگەن ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىيامەتكىچە كىلىدىغان قىز ئەۋلادلىرىنىڭ تەبىئىتىگە پۈتۈۋەتكەن بىر ئىش، دىنى ئىشلاردا ھايا قىلىش كېرەك بولمايدۇ، سىز تىزدىن ئادەت كۆرۈپ قالغان كۈنلەردىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە كاپارەت بىرىڭ، بىر كۈنلۈك روزىنىڭ كاپارىتى، شۇ شەھەردە بىر كەمبەغەل كىشىنىڭ ئەتتىگەن-كەچتە قورسىقى تويغۇدەك يېمەكلىك بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.

كاپارەت
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش