ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

چەكلەنگەن ئىشلار يۈز بېرىدىغان ئاممىۋىي ئورۇنلارغا بېرىش توغرىسىدا

03-10-2021

سۇئال 8901

مەن يولدىشىم ۋە پەرزەنتلىرىم بىلەن خەلق باغچىسى، موزىيخانا، يەرمەنكە قاتارلىق ئورۇنلارغا ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ يۈرمىگەن ۋە نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتمىگەن ئاساستا، بۇ يەرلەردە يۈزۈمنى ئىچىۋېتىپ يۈرسەم بولامدۇ؟. پەرزەنتلىرىمىزنى ھەمراھ قىلىپ دېڭىز بويلىرىغا بارساقچۇ؟، بۇ ئورۇنلاردا تۈرلۈك مۇنكەر ئىشلار، بۇزۇقچىلىقلار، يىرىم-يالىڭاچ ئاياللار ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئاللاھ تائالا ياراتقان نەرسىلەردىن ھۇزۇرلىنىشتىن چەكلىنىمىزمۇ؟ دەيدىغان كىشىلەرگە قانداق جاۋاپ بېرىمىز، بۇنداق جايلاردا مۇنكەر ئىشلار كۆپ تارقالغانلىقتىن چەكلەنگەن ئىشلاردىن كۆز يۇمۇشقا قادىر بولالمايدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن چەكلەنگەن مۇنكەر ئىشلار كەڭ تارقالغان ئورۇنلارغا بېرىش توغرا بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا بىزگە ھالال قىلىپ بەرگەن نەرسىلەر بىلەن ھۇزۇرلىنىش، بىزنى ھارام ۋە چەكلەنگەن نەرسىلەردىن ھۇزۇرلىنىشتىن بىھاجەت قىلىدۇ.

ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن چەكلەش ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن چەكلەشنىڭ ھۆكۈملىرى
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش