سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

زۇلھەججە ئېيىنىڭ كۆرۈنىشى مەككىدىن باشقا يەردە ياشايدىغان كىشىلەر ئەرەپات كۈنىدە قانداق دۇئا قىلىدۇ؟

سۇئال

مەن قۇربان ھېيت توغرىسىدىكى قاراشلاردىن ھەيران قالىمەن، مەن سىلەرنىڭ تور سەھىپەڭلەردىكى پەتىۋالارنى ئوقۇدۇم، ئەرەپات كۈنى توغرىسىدىكى پەتىۋادا: ھەجگە ئېھرام كىيمىگەن كىشىلەر ئۈچۈن زۇلھەججىنىڭ توققۇزىنچى كۈنى روزا تۇتۇشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان بولسىمۇ لېكىن ھەممە يەردە ئاينىڭ كۆرۈنىشى ئوخشاش بولمايدۇ، مەسىلەن: ئەنگىلىيىدە زۇلھەججىنىڭ توققۇزىنچى كۈنى دەپ روزا تۇتسا، بەلكى بۇ كۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندا زۇلھەججىنىڭ ئونىنچى كۈنى ھېيت كۈنى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، مەن تۆۋەندىكى ئىشلاردا ئىككىلىنىپ قالىمەن: مەن بەزى كىتابلاردا: سەن ئەرەپات كۈنىدە ھاجىلارغا ئوخشاش دۇئا قىلساڭ، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا سەن ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرغاندەك بولىسەن دېگەن ئىبارىلەرنى ئوقۇدۇم، توغرا دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلار بىر كۈندە ھېيت-بايرام قىلسا بۇ ئىش ئاسان ۋە بۇنى قىلىش مۇمكىن بولىدۇ، ئەمما يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ھەر قايسى جايلاردىكى مۇسۇلمانلار ئۆز دائىرىسىگە ئەگەشكەندە، دائىم ئەرەپات كۈنى توغرىسىدا ئىختىلاپ يۈز بېرىدۇ، ئۆز رايونىدا ئەرەپات كۈنىدە دۇئا قىلسا بۇ كۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەرەپات كۈنىدىن پەرقلىق بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھاجىلار بىلەن بىرگە بىر ۋاقىتتا دۇئا قىلىش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ، بىز ئەرەبىستاندا ئەرەپات كۈنى دەپ دۇئا قىلساق بۇ كۈن ئەنگىلىيىدە زۇلھەججىنىڭ سەككىزىنچى كۈنىگە توغرا كېلىدۇ، ئۇنداق بولغاندا ھاجىلارغا مۇۋاپىق بولۇش ئۈچۈن سەككىزىنچى كۈنى بولسىمۇ دۇئا قىلساق بولامدۇ؟، كۆپ ۋاقىتلاردا بىزنىڭ ئاي كۆرىشىمىز ھىجىرىيە ئايلىرىغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ئەنگىلىيىدە زۇلھەججىنىڭ توققىزىنچى كۈنى بولغاندا، ئەرەبىستاندا زۇلھەججىنىڭ ئونىنچى كۈنى بولىدۇ، سوئالىمنى چۈشەنگەن بولساڭلار جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىمەن؟. ئاللاھ تائالا سىلەرگە چەكسىز مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     بىرىنچى: ئەرەپات كۈنى ۋە ئۇ كۈندە روزا تۇتۇش بولسا زۇلھەججە ئېيىنىڭ توققۇزىنچى كۈنىدە بولۇپ، بۇ كۈننى ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايۇنلاردىكى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئاينى كۆرگەنلىك ئەھۋالى بويىچە بېكىتىدۇ، مەسىلەن: مەككە ئەھلى پەيشەنبە كۈنى ئاينى كۆرگەن بولسا، باشقا رايۇنلاردىكى مۇسۇلمانلار چارشەنبە ياكى شەنبە كۈنلۈكتە ئاينى كۆرگەن بولسا، ئۇلارنىڭ ئاي كۆرۈش ئەھۋالىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن ھەممە مۇسۇلمانلارنىڭ مەككە ئەھلىنىڭ ئاي كۆرگەن كۈنىنى ئاساس قىلىۋالماسلىقى كېرەك بولىدۇ، ئۆلىمالارنىڭ كۈچلۈك قارىشى بويىچە، ئاينىڭ كۆرۈنىشى ئوخشىمايدىغان ئەھۋالدا، ھەر دۆلەت-رايوندىكى كىشىلەر ئۆز دائىرىسىدىكى ئاينىڭ كۆرۈنىشى بويىچە ھېسابلايدۇ.

    ئەنگىلىيىدە ياشايدىغان مۇسۇلمانلار ئاي كۆرۈش ئۈچۈن تىرىشقان بولسا، ئاينىڭ باشلىنىشى ئۇلارنىڭ ئاي كۆرگەنلىك ھېسابى بويىچە بىكىتىلىنىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇلارغا يېقىن بولغان شەھەر خەلقىنىڭ ئاي كۆرگەنلىكىگە ئەگىشىپ ھېسابلايدۇ. بۇ ھەقتە 40720 - نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

     ئىككىنچى: ئەرەپات كۈنىدە دۇئا قىلىشنىڭ پەزىلىتى كاتتا بولۇپ، بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: دۇئانىڭ ئەڭ ياخشىسى ئەرەپات كۈنىدە قىلىنغان دۇئادۇر، مەن ۋە مەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ قىلغان ئەڭ ياخشى دۇئاسى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد يوق، ئاللاھ يەككىدۇر، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، بارلىق ھوقۇق ۋە مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە قادىردۇر. [تىرمىزى رىۋايىتى 3585-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ: "تەرغىب"نىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 1536-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    بۇ پەزىلەت ئەرەپات مەيدانىدا بولغان كىشىلەرگە خاس بولامدۇ ياكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ھەممە مۇسۇلمانلارغا ئومۇم بولامدۇ؟.

بۇ مەسىلە توغىرسىدا ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بولۇپ، بۇ ئىلگىرى 70282 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان.

    بۇ پەزىلەت دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئومۇم بولىدۇ دېگەن قاراشقا ئاساسلانغاندا، ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزى تۇرىۋاتقان دۆلەت-رايۇنلاردىكى ئاينىڭ كۆرۈلۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆز يۇرتىدا زۇلھەججىنىڭ توققۇزىنچى كۈنى بولغاندا دۇئا قىلىدۇ،  شۇنداقلا ھاجىلار بىلەن ئەراپات كۈنىنىڭ كېچە ياكى كۈندۈزىنىڭ بىر قىسمىغا مۇۋاپىق كىلىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى