بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى ئەرەپات كۈنىدىكىدىنمۇ كۆپرەك دوزاختىن ئازات قىلىدىغان كۈن يوق، بۇ كۈندە ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە يېقىنلىشىدۇ، ئاندىن پەرىشتىلەرگە ماختىنىپ: ئۇلار نېمىنى مەقسەت قىلىدۇ؟، دەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى1348-ھەدىس].
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: دۇئانىڭ ئەڭ ياخشىسى ئەرەپات كۈنىدە قېلىنغان دۇئادۇر، مەن ۋە مەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ قىلغان ئەڭ ياخشى دۇئاسى: لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىكە لەھۇ، لەھۇل مۇلكۇ ۋەلەھۇل ھەمدۇ ۋەھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىر.[تىرمىزى رىۋايىتى3585-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ "سەھىھۇتتەرغىب" ناملىق ئەسىرى 1536 -ھەدىسدە كەلتۈرگەن].
تەلھەتە ئىبنى ئۇبەيد ئىبنى كۇرەيز رەھىمەھۇللاھدىن مۇرسەل بايان قىلىنغان ھەدىستە: دۇئالارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئەرەپات كۈنىدە قىلىنغان دۇئادۇر، دېيىلگەن. [ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇئەتتادا 500- نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" ناملىق ئەسەر1102- نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].
ئالىملار ئەرەپات كۈنىدە قىلىنغان دۇئانىڭ پەزىلىتى ھەج قىلىش ئۈچۈن ئەرەپاتقا چىققان ھاجىلارغا خاسمۇ ياكى دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئېچىگە ئالامدۇ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىشتى، كۈچلۈك قاراشتا بۇ كۈندە قىلىنغان دۇئا ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، چۈنكى پەزىلەت بۇ كۈن ئۈچۈندۇر، شۇنداقتىمۇ ئەرەپات مەيدانىغا چىققان ھاجىلار ئورۇن بىلەن ۋاقىتنىڭ پەزىلىتىنى تاپقانلىقى ئۈچۈن ئۇ يەردە قىلىنغان دۇئا ئەلبەتتە ئەۋزەل بولىدۇ.
ئەلباجى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: دۇئالارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئەرەپات كۈنىدە قىلىنغان دۇئادۇر دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى: بەرىكىتى كۆپ، ساۋابى كاتتا ۋە ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىن زىكىر دېمەكتۇر. بۇنىڭدىن پەقەت ھاجىلار مەقسەت قىلىنىشى مۇمكىن، چۈنكى ئەرەپات كۈنىدە قىلىنغان دۇئالارنىڭ ھاجىلارغا خاس ۋە ئۇلارنىڭ ھەققىدە بولىشى توغرىدۇر. بۇ كۈننىڭ ئەرەپات كۈنى دەپ سۈپەتلىنىشى بولسا، ھاجىلارنىڭ ئەرەپاتتا قىلىدىغان ئىبادەتلىرى بىلەن سۈپەتلىنىدۇ". ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر. ["ئەل مۇنتەقا شەرھۇل مۇئەتتا"ناملىق ئەسەر 1 -توم 358-بەت].
سەلەپ ئالىملىرىنىڭ بەزىسى بۇ كۈننىڭ پەزىلىتىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەرەپات كۈنىدە مەسچىتلەرگە توپلىشىپ دۇئا قىلىپ ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىشكە رۇخسەت قىلغان. ساھابىلاردىن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ شۇنداق قىلغان. ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ بۇنداق قىلىشقا رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ ئۆزى قىلمىغان.
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قازى ئىياز ياكى قازى ئەبۇ يەئلا مۇنداق دېگەن: ئەرەپات مەيدانىدىن باشقا جايلاردا ئەرەپات كۈنىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن توپلانسا دۇرۇس بولىدۇ. ئەسرەم مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەبۇ ئابدۇللاھ يەنى ئىمام ئەھمەدتىن: ئەرەپات كۈنىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن شەھەرلەردە مەسچىتلەرگە توپلاشسا بولامدۇ؟ دەپ سورىسام، ئىمام ئەھمەد: گۇناھ بولمايدۇ دەپ قارايمەن، چۈنكى بىر قانچە ئالىملار شۇنداق قىلغان دېگەن. ئەسرەمنىڭ ھەسەن ئەلبەسرىدىن قىلغان رىۋايىتىدە: تۇنجى قېتىم بەسرە شەھىرىدە ئەرەپات كۈنىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن كىشىلەرنى توپلىغان كىشى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېيىلگەن. ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھمۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئىشنى تۇنجى قېتىم ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئەمرۇ ئىبنى ھۇرەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىقلار قىلغان".
ئىمام ئەھمەد مۇنداق دەيدۇ: "ھەسەن ئەلبەسرى، بەكىر، سابىت ۋە مۇھەممەد ئىبنى ۋاسىئ قاتارلىق ئالىملار ئەرەپات كۈنىدە كىشىلەر بىلەن بىللە مەسچىتكە ھازىر بولاتتى. بۇنداق قىلسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىپ، دۇئا قىلىشتۇر". بىر كىشى ئىمام ئەھمەدتىن: بۇنى سىلىمۇ قىلاملا؟ دېگەندە، ئىمام ئەھمەد: مەن قىلمايمەن دېگەن.
بەزى رىۋايەتلەردە يەھيا ئىبنى مەئىين رەھىمەھۇللاھمۇ ئەرەپات كۈنىدە كىشىلەر بىلەن بىللە مەسچىتكە ھازىر بولاتتى، دېيىلگەن. ["ئەلمۇغنى" ناملىق ئەسەر 2-توم 129-بەت].
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەسەرلەر ئۇلارنىڭ قارىشىدا ئەرەپات كۈنىنىڭ ھاجىلارغىلا خاس ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئەرەپات كۈنىدە دۇئا قىلىش ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىش ئۈچۈن بىر جايغا توپلاشقانلىق توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزى قىلمىغان. ئەمما بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئەمرۇ ئىبنى ھۇرەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق ساھابىلاردىن ئەسەر بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىلارنى چەكلىمەستىنرۇخسەت قىلغان.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.