پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ھىجىرىيە يېڭى يىلىنىڭ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

ھىجىرىيە يېڭى يىلى باشلانغانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن "يىل بويى ياخشىلىقتا بولۇڭلار" دەپ، ياكى بەرىكەت تىلەپ، ئەۋەتىلگۈچىگە يېڭى يىلىدا ياخشىلىق ۋە بەرىكەت تىلەپ خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن ھىجىرىيە يىلىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ تەبرىكلىگۈچىگە نېمە دەپ جاۋاپ بېرىلىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "بىر كىشى سىزنى تەبرىكلىسە ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇڭ، لېكىن سىز دەسلەپتە تەبرىكلىمەڭ، بۇ مەسىلىدە توغرىسى مۇشۇ. مەسىلەن: بىر كىشى سىزنى: "يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن" دەپ تەبرىكلىسە، سىز ئۇنىڭغا: ئاللاھ سىزگە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن، بۇ يېلىڭىزنى ياخشىلىق ۋە بەرىكەتلىك قىلسۇن دەڭ! لېكىن سىز كىشىلەرنى دەسلەپتە تەبرىكلىمەڭ! چۈنكى مەن ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ يېڭى يىلنى تەبرىكلىگەنلىكى توغرىسىدا كەلگەن بىرەر ئەسەرنى بىلمەيمەن، بىلىشىڭلار كېرەككى، ئىلگىرىكى ئالىملار مۇھەررەم ئېيىنى پەقەت ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خىلاپەت دەۋرىدە يىل بېشى قىلغان. [مەنبە: شەيخنىڭ ئايلىق ئۈچرىشىش توپلاملىرى: 835-نومۇرلۇق سۇئالنىڭ جاۋابى، ئۇنەيزە شەھىرىدىكى دەۋەت-كۆرسەتمە مەركىزى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئايلىق ئۇچرىشىش پىروگىراممىسى بىرىنچى نەشرى].

شەيخ ئابدۇلكەرىم خۇزەير ھىجىرىيە يىلى كىرگەنلىك مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەش توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: مۇسۇلمان ئۈچۈن ھېيت-بايرامغا ئوخشاش مۇناسىۋەتلەردە تېكىستى بىلەن بىرەر شەخىس ئىبادەت قىلمايدىغان مۇتلەق دۇئا بىلەن دۇئا قىلىسا، بولۇپمۇ بۇ تەبرىكلەشتىكى مەقسىدى دوس بولۇش، خۇشاللىقنى ئىزھار قىلىش ۋە مۇسۇلماننىڭ چىرايىدا خۇشاللىق پەيدا قىلىش بولسا، بۇنىڭ ھېچ زېيىنى يوق. ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "مەن باشتا تەبرىكلىمەيمەن، ئەمما بىرسى مېنى تەبرىكلىسە، مەن ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرىمەن، چۈنكى سالامغا جاۋاپ قايتۇرۇش زۆرۈر، ئەمما تەبرىكنى دەسلەپتە باشلاش بۇيرۇلغان سۈننەت ياكى چەكلەنگەن ئىشلاردىن ئەمەس.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى