جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنى تەبرىكلەش توغرىسىدىكى ھەدىسنىڭ ئەسلى يوق

سۇئال

بەزى كىشىلەر رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيى كىرگەندە: كىمكى بۇ پەزىلەتلىك ئاي كىرگەندە كىشىلەرنى تەبرىكلىسە، ئۇنىڭغا دوزاخ ھارام قىلىنىدۇ، دېگەن سۆزنى ھەدىس دەپ بىر-بىرىگە يەتكۈزىدۇ، بۇ سەھىھ ھەدىسمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

يۇقىرىدا تىلغا ئىلىنغان سۆزنىڭ ھەدىس ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، بۇ سۆزنىڭ كۆرىنىشىدىنمۇ توقۇلما ئىكەنلىكى ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ. بۇنداق توقۇلما-يالغان سۆزلەرنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىش توغرا بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يالغاننى نىسبەت بېرىش بولسا چەكلەنگەن چوڭ گوناھلاردىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى ماڭا نىسبەت بېرىلگەن يالغاننى بىلىپ تۇرۇپ باشقىلارغا ھەدىس دەپ سۆزلەپ بەرسە ئۇ ئىككى يالغانچىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. [ئىمام مۇسلىم بۇ ھەدىسنى سەھىھ مۇسلىمنىڭ مۇقەددىمىسىدە كەلتۈرگەن.(1/7)].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىستە يالغانچىلىقتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭدىن يىراق بولۇشقا بۇيرۇلغان، رىۋايەت قىلىنغان سۆزنىڭ يالغان ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى باشقىلارغا نەقىل قىلغان كىشى ئەلۋەتتە يالغانچى ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ بىلىپ تۇرۇپ ھەدىس بولمىغان بىر سۆزنى باشقىلارغا ھەدىس دەپ رىۋايەت قىلغان تۇرسا، قانداقمۇ كاززاب بولمىسۇن؟!." [شەرھى سەھىھ مۇسلىم1-توم 65-بەت].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ كىرىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر ئادەمنى تەبرىكلەپ قويسا، ئۇ ئادەمگە دوزاخنىڭ ھارام بولىدىغانلىقى بۇ قارىسىغا سۆزلىگەنلىك بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ ھەدىس بولماستىن بەلكى توقۇلما-يالغان ئىكەنلىكى ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "توقۇلما ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى ئوچۇق ئەمەس، ئىپادىلىگەن سۆزلىرى روشەن ئەمەس. ئۆزى چاغلاپ سۆزلىگەن بولغانلىقتىن بۇنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نىسبەتەن توقۇلما-يالغان ئىكەنلىكى ھەدىسنىڭ سىرتىدىنلا بىلىنىدۇ. ["مەنارۇل مۇنىيپ" 50-بەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى