جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئاشۇرا كۈنىدە زىننەتلىرىنى ئاشكارا قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مەن قىزلار پاكۇلتىتېنىڭ ئوقۇغۇچىسى، بىزنىڭ ئارىمىزدا شىئە ئوقۇغۇچىلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ، ئۇلار ھازىر ئاشۇرا مۇناسىۋىتى بىلەن قارا رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىدۇ، بىز ئۇلارنىڭ قارشىسىدا ئۇلارنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىش ئۈچۈن رەڭگارەڭ كىيىملەرنى كېيىپ، تۈرلۈك زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقىساق توغرا بولامدۇ؟، بىز ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلساق ۋە ئۇلار ھەققىدە بەد دۇئا قىلساق توغرا بولامدۇ؟ مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۇلار بىزگە بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئاشكارا قىلىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئۈستىگە شىپىرلار يېزىلغان ماتەم كىيىمى كېيىپ، قولىدا ھاسا تۇتۇپ، ھاسىسى بىلەن قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرىگە ئىشارەت قىلىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولدۇم، مەن تاكى ھازىرغىچە ئۇنىڭدىن زىيانغا ئۇچراۋاتىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    قىزلارنىڭ ئاشۇرا كۈنىدە رەڭگارەڭ كىيىملەرنى كېيىپ، تۈرلۈك زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى نادان-جاھىللار ئەھلى سۈننەت كىشىلىرى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن خۇرسەن بولۇپتۇ دەپ خاتا چۈشەنچىدە بولىدۇ، ئاللاھ ساقلىسۇن، ئەھلى سۈننەت كىشىلىرى بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ رازى بولمايدۇ.

    ئەمما ئۇلارغا غەيۋەت قىلىش، بەد دۇئا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان شەكىلدە مۇئامىلە قىلماسلىق كېرەك، بىزگە مۇھىم بولغىنى ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىش، ياخشى تەسىر بېرىشكە ئۇرۇنۇش ۋە ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەتتۇر، ئەگەر ئىنساننىڭ بۇنىڭغا تاقىتى يەتمىسە، ئۇلار بىلەن قارشىلىشىشتىن ۋاز كېچىپ، ئۇلارنى قانائەت قىلدۇرۇشقا تاقىتى يېتىدىغان كىشىلەرگە ئورۇن بوشىتىشى كېرەك بولىدۇ، دەۋەت يولىدا قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدىغان شەكىلدىكى ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەك. [شەيخ: سەئىد ھۈمەيد].

     شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەبىدىن شەيتان كىشىلەر ئارىسىدا ئىككى تۈرلۈك بىدئەت پەيدا قىلدى: بىرى: ئاشۇرا كۈنىدە ئۆزىنى كاچاتلاپ، ۋارقىراپ-جارقىراپ، تەزىيە نامى ئوقۇپ ھازا ئېچىپ قايغۇرۇش بىدئىتى، يەنە بىرى: ئاشۇرا كۈنىدە خۇرسەنلىك ۋە خوشاللىق بىدئىتىدىن ئىبارەت، بىر تۈرلۈك كىشىلەر غەم-قايغۇلىرىنى پەيدا قىلسا، يەنە بىر تۈرلۈك كىشىلەر خۇرسەنلىكنى ئىزھار قىلدى، ئۇلار ئاشۇرا كۈنىدە يۇيۇنۇپ، سۈرمە تارتىپ، ئائىلىلىرىگە كەڭرى خىراجەت قىلىپ، ئادەتتىن تاشقىرى يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولدى، ھەر قانداق بىدئەت ئىش ئازغۇنلۇقتۇر. تۆت ئىمام ۋە ئۇلاردىن باشقا مۇسۇلمان يول باشچىلارنىڭ ھېچ بىرى بۇلارنىڭ قىلغىنىنىمۇ ۋە ئۇلارنىڭ قىلغىنىنىمۇ ياقتۇرمىدى. ["سۈننەت يولى" ناملىق ئەسەر 4-توم 554-556-بەتلەر].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد