پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ھەجنىڭ پەرىز، ۋاجىپ، سۈننەتلىرى توغرىسىدا

سۇئال

ھەجنىڭ پەرىز، ۋاجىپ، سۈننەتلىرى قايسى؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھەجنىڭ پەرزى تۆت، ۋاجىپلىرى يەتتە، بۇنىڭدىن باشقا ئەمەللىرى بولسا سۈننەت بولۇپ، ئۇنىڭ بايانى تۆۋەندىكىدىن ئىبارەتتۇر:

ئىمام بەھۇتى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ "ئەررەۋزۇل مۇربىئ" ناملىق ئەسىرى 1-توم 285-بېتىدە مۇنداق دەيدۇ: ھەجنىڭ پەرزى تۆت: ھەج پائالىيىتىگە كېرىش نىيىتى بىلەن ئېھرامغا كېرىش. بۇنىڭ دەلىلى: شۈبھىسىزكى ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

ئەرەپاتتا تۇرۇش. بۇنىڭ دەلىلى: ھەج ئەرەپاتتا تۇرۇش بىلەن بولىدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى].

پەرىز تاۋاپنى قىلىش. بۇنىڭ دەلىلى: ئاللاھ تائالانىڭ:وَلْيَطَّوَّفُوا بِالْبَيْتِ الْعَتِيقِ تەرجىمىسى: قەدىمىي بەيت (يەنى بەيتۇللاھنى) تاۋاپ قىلسۇن. دېگەن ئايىتىدۇر. [سۈرە ھەج 29-ئايەت].

ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش. بۇنىڭ دەلىلى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: سەئيى قىلىڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرگە سەئيى قىلىشنى پەرز قىلدى دېگەن ھەدىسىدۇر. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].

ھەجنىڭ ۋاجىپلىرى: شەرىئەتتە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ئورۇنلاردىن ئېھرامغا كېرىش. يەنى بەلگىلەنگەن مىيقاتتىن ئېھرامغا كېرىش. (ھەج ئۈچۈن ئېھرام كېيىشنىڭ ئۆزى پەرز، ئەمما مىيقاتتىن ئېھرامغا كېرىش ۋاجىپ) كۈندۈزدە ئەرەپاتتا تۇرغان كىشى كۈن پاتقۇچە ئەرەپاتتا تۇرۇش. ھاجىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغانغا ئوخشاش كىشىلەردىن باشقىلار تەشرىق كۈنلىرىدە مىنادا قونۇش، ھاجىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغانغا ئوخشاش كىشىلەردىن باشقىلار مۇزتەلىپىگە بۇرۇن يىتىپ كەلگەنلەر مۇزتەلىپىدە يىرىم كېچىگىچە تۇرۇش، (بەزى ئالىملار مۇزتەلىپىدە قونۇشنى ھەجنىڭ پەرىزلىرىدىن بىرى دەپ قاراپ مۇزتەلىپىدە قونمىسا ھەج دۇرۇس بولمايدۇ دەيدۇ. ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھمۇ ئۆزىنىڭ "زادىل مىئاد" ناملىق ئەسىرىنىڭ 2-توم233-بېتىدە مۇشۇ قاراشنى تەكىتلەيدۇ) تاشنى تەرتىپلىك ئىتىش، چاچنى تولۇق ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىش، خوشلىشىش تاۋىپىنى قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

تەمەتتۇئ ياكى قىران ھەج قىلغۇچىلار ئۈچۈن ھەدىيە(قۇربانلىق) مال بوغۇزلاش ۋاجىپ بولىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: فَمَن تَمَتَّعَ بِالْعُمْرَةِ إِلَى الْحَجِّ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِفَمَن لَّمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ فِي الْحَجِّ وَسَبْعَةٍ إِذَا رَجَعْتُمْ تِلْكَ عَشَرَةٌ كَامِلَةٌ ذَٰلِكَ لِمَن لَّمْ يَكُنْ أَهْلُهُ حَاضِرِي الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ تەرجىمىسى: ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم (يەنى ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرە قىلىپ تاماملىغان ئادەم) نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قۇربانلىق قىلسۇن، (پۇلى يوقلۇقتىن ياكى قۇربانلىق مال يوقلۇقىدىن قۇربانلىق مال) تاپالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، (ھەجدىن) قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسى ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ (يەنى ئۆمرە قىلغان ئادەمگە قۇربانلىق قىلىش لازىملىقى ياكى روزا تۇتۇش ھەققىدىكى ھۆكۈم) مەسجىدى ھەرەم دائىرىسىدە (يەنى ھەرەمدە) ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. [سۈرە بەقەرە 196-ئايەت].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندىن باشقا سۆز-ھەرىكەتلەر ھەجنىڭ سۈننىتى ھېسابلىنىدۇ. يەنى ھەرەمگە تۈنجى كەلگەندە قىلىنىدىغان تاۋاپ، ئەرەپات كېچىسىدە مىنادا قونۇش، دەسلەپكى ئۈچ تاۋاپتا ئېھرامدا ئوڭ دولىسىنى ئېچىپ سوكۇلداپ مېڭىش، ھەجەرۇل ئەسۋەد تىشىنى سۆيۈش، دۇئا ۋە زىكىر بىلەن بولۇش، ساپا-مەرۋە ئۈستىگە چېقىش قاتارلىقلار ئىشلار ھەجنىڭ سۈننىتى ھېسابلىنىدۇ.

ئۆمرىنىڭ پەرزى ئۈچتۇر: ئېھرام، تاۋاپ ۋە سەئيى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ۋاجىپلىرى: مىيقاتتىن ئېھرامغا كېرىش، چاچنى تولۇق ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىشتىن ئىبارەتتۇر.

پەرىز، ۋاجىپ ۋە سۈننەتلەرنىڭ ئارىسىدىكى پەرق: پەرزنى تولۇق ئادا قىلمىسا ھەج ئادا بولمايدۇ. ۋاجىپ ئەمەللەر تەرك قىلىنسا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا جازا كىلىدۇ. يەنى بىر قوي قان قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ. سۈننەت ئەمەللەر تەرك قىلىنسا بىر نەرسە بولمايدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان پەرز، ۋاجىپ ۋە سۈننەت ئەمەللەرنىڭ ۋە باشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ دەلىلىنى بىلىش ئۈچۈن "شەرھىل مۇمتىئ"ناملىق ئەسەرنىڭ7 -تومى 380-410-بەتلىرىگە قارالسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى