شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

پەرزەنت تەربىيىسىدە ئاتا-ئانا بىلەن كۆز-قاراشنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى توغرىسىدا

سۇئال

ئاتا-ئانىغا ئىتائەت قىلىشتىكى بەلگىلىمە قايسى؟، شەكسىزكى ئىسلام دىنى ئاتا-ئانىغا ئىتائەت قىلىشنى تەكىتلىدى، ئاللاھ تائالا ئاتا-ئانىغا ئىتائەت قىلىشنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلىش بىلەن بىرگە كەلتۈرگەن، لېكىن ئاتا-ئانا بالىسىنىڭ پەرزەنت تەربىيلەش ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالسا قانداق بولىدۇ؟، مەسىلەن: مەن ئوغلۇمدىن بۇرۇن ئۇخلىماسلىقنى تەلەپ قىلىمەن، چۈنكى ئۇ بۇرۇن ئۇخلىسا يېرىم كېچىدە ئويغۇنۇپ كېتىپ مېنىڭ ئۇيقۇمنى بۇزىدۇ، لېكىن ئاتا-ئانام مېنى ئوغلۇمنى ئۆز ھالىغا قويىۋېتىشكە بۇيرىدۇ، بۇ ئىشنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟، مەن ئوغلۇمنى قارىشىمدا شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولغان يول بىلەن تەربىيلىسەم بولامدۇ؟، چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئاتا-ئانىغا ئىتائەت قىلىش ئۇلار تۆۋەندىكى ئىشلارغا بۇيرىمىغاندا پەرز بولىدۇ ئەگەر بۇنىڭغا بۇيرىسا ئۇ ۋاقىتتا ئىتائەت قىلىش پەرىز بولمايدۇ:

   1-ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش: بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالاغا ئاسىي بولىدىغان ئىشلاردا بەندىگە ئىتائەت قىلىش يوق، ھەقىقەتەن ئىتائەت قىلىش ياخشى ئىشلاردا بولىدۇ [بۇخارى رىۋايىتى 7257-نومۇرلۇق سوئال].

     2-پەرزەنتىگە ياكى ئۇنىڭ ئايال-بالىلىرىغا زىيانلىق بولغان ئىشلاردا: بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىگىمۇ زىيان يەتكۈزۈش يوق [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 2340-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دېگەن].

   3-ئادەتتىن تاشقىرى قېيىن ئىشلاردا: چۈنكى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇشمۇ كۈچىنىڭ يېتىشچە دەپ بايان قىلىنغان. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  لَا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا لَهَا  تەرجىمىسى: ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. [سۈرە بەقەرە 286-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

     بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 214117-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئەمما سىزنىڭ پەرزەنتلىرىڭىزنى تەربىلەشتە ئاتا-ئانىڭىز بىلەن ئىخىتىلاپ قىلىشقانلىقىڭىزغا كەلسەك، سىز ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىڭىزنىڭ پىكرىگە قاراپ بىقىڭ، ئۇلار سىزنى ئاسىيلىق ئىشلارغا بۇيرىدىمۇ ياكى ئۇ ئىشتا سىزگە ياكى ئۇلارغا زىيانلىق ئىشقا بۇيرىدىمۇ ياكى سىز ياكى ئۇلارغا قىيىن بولغان ئىشقا بۇيرىدىمۇ شۇنىڭغا قاراڭ، ئەگەر بۇنداق ھالەتلەر بولۇپ قالسا ئىتائەت قىلىش پەرىز بولمايدۇ.

    بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ بۇيرۇق-پىكىرلىرىنى ۋارقىراپ-جارقىراپ، قوپاللىق بىلەن رەت قىلىۋېتىڭ دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ، لېكىن ئۇلارغا مۇلايىملىق بىلەن، چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىش بىلەن سۆز قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارا قىلماسلىق كېرەك.

    ئەگەر ئاتا-ئانىنىڭ بۇيرۇق-پىكىرلىرى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلاردىن خالى بولىدىكەن ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش پەرىز بولىدۇ،

     سىز پەرزەنتىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزگە ئىتائەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىز؟، ئۇنداقتا پەرزەنتىڭىزنىمۇ ئاتا-ئانىڭىزغا ئىتائەت قىلىشقا كۆندۈرۈڭ، ھەقىقەتەن ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشمۇ دىندۇر، ئۇلارنى قاقشىتىشمۇ دىندۇر.

    ئاتا-ئانىڭىزغا مېھرىبانلىق قىلىشقا تېرىشىڭ، ئۇلارغا كۆيۈنۈڭ، ئۇلارنى ئىززەت-ئىكرام قىلىڭ، ئۇلارغا كۈچىڭىزنىڭ يېتىشچە قىلىدىغان ياخشىلىقىڭىزنى ئاشكارا قىلىڭ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى