پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ۋەخپە سېتىش ۋە سېتىۋېلىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

ئىككى كىشى ئۆز ئىقتىسادىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاللاھ يولىدا ۋەخپە قىلدى، لېكىن قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ۋەخپە قىلغان نەرسىلەرنىڭ بىر قسمىنى ساتتى، ئۇ ئىككەيلەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى ۋەخپىنىڭ قالغان قىسمىنى ساتتى، دادام ئۇ ئىككى كىشىنىڭ بىرىنىڭ بالىسىدىن بىر كىشى سېتىۋالغان نەرسىلەرنى سېتىۋالدى، بۇنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى قانداق؟، دادام بۇ نەرسىلەرنى سېتىش ياكى سېتىۋالغان نەرسىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق خاتالاشقان بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ خورمىسىنى سەدىقە قىلىشنى خالىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا مەسلىھەت سالغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ۋەخپە قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ ئەسلىنى سەدىقە قىلغىن، ئۇنىڭ ئەسلى سېتىلمايدۇ، ھەدىيە-سوغات قىلىنمايدۇ، مىراس قالدۇرۇلمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ كېرىمى نەپىقە قېلىنىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 2764-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1632-ھەدىس].

     مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: ئۇنىڭ ئەسلى سېتىلمايدۇ ۋە سېتىۋىلىنمايدۇ دېيىلگەن.

    ھاپىز ئبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "دارى قۇتنىي رەھىمەھۇللاھ ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ ناپىئدىن رىۋايەت قىلغان ئىسنادىدا: ئاسمان –زېمىن رېتىمىنى بۇزمىغان ھالەتتە، ۋەخپە ئەسلى ھالەتتە قالىدۇ دېگەن سۆزنى زىيادە قىلدى. ["پەتھۇل بارى"5-توم 401-بەت].

    شەيخ ئابدۇللاھ بەسسام رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ھەدىستىكى "ئۇنىڭ ئەسلى سېتىلمايدۇ، ھەدىيە-سوغات قىلىنمايدۇ، مىراس قالدۇرۇلمايدۇ" دېگەن سۆزدىن ۋەخپە تەسەررۇپ قىلىشنىڭ ھۆكمى بايان قىلىنىدۇ، ۋەخپىنىڭ مۇلكىيەت ھوقۇقىنى يۆتكەش ۋە ئۇنى يۆتكەشكە سەۋەپ بولىدىغان تەسەررۇپلارنى قىلىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ھۆكمى مەڭگۈ ئايرىلمايدۇ، ۋەخپە قىلغۇچىنىڭ بېكىتكەن شەرتى بويىچە ئاشۇرۋەتمەستىن ۋە كېمەيتىۋەتمەستىن ئەمەل قېلىنىدۇ. ["تەيسىرىل ئەللام"535-بەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: ئۇنىڭ ئەسلى سېتىلمايدۇ، ھەدىيە-سوغات قىلىنمايدۇ، مىراس قالدۇرۇلمايدۇ دېگەن سۆزى، ۋەخپە سېتىش ۋە سېتىۋىلىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    ئەبۇلھەسەن ماۋەردى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكى بىلەن ۋەخپە جاينى شەخشى مۈلك ئۈچۈن سېتىۋىلىش باتىل-توغرا بولمايدۇ. ["ئەلھاۋىي" 3-توم 332-بەت].

    ئىككىنچى: ئىنسان بىر نەرسىنى ۋەخپە قىلغان بولسا، ئۇنىڭدا ۋەخپىنىڭ ھۆكمى ئىجرا قېلىنىدۇ، ۋەخپە قېلىنغان نەرسىدە ۋەخپە قىلغۇچىنىڭ بارلىق تەسەررۇپ قىلىش ھوقۇقى ئۈزۈلىدۇ، ئۇ سېتىلمايدۇ، ھەدىيە-سوغات قىلىنمايدۇ، مىراس قالدۇرۇلمايدۇ.

    ۋەخپە قىلغۇچى ئۆزى ۋەخپە قىلغان نەرسىگە بەك ئېھتىياجلىق بولسىمۇ ئۇنىڭدىن يېنىۋالالمايدۇ.

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرىدىن: بىر كىشى بىر زېمىننى قەبرىستانلىق قىلىش ئۈچۈن ۋەخپە قىلغان بولۇپ، بىر قانچە يىلغىچە بۇ جايغا ھېچ كىشىنى دەپنە قىلمىغان، ئۇ كىشى خىزمەتتىن دەم ئىلىشقا چىققان بولۇپ، ھاجەت بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ۋەخپىنىڭ ھەممىسىدىن ياكى بەزىسىدىن يېنىۋىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇ توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "زېمىندىن ۋەخپە قىلغان نەرسنىڭ ھەممىسىدىن ياكى بەزىسىدىن يېنىۋىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ نەرسە ۋەخپە قىلىش بىلەن ئۇ كىشىنىڭ ئىگىدارچلىقىدىن چىقىپ كېتىدۇ، ۋەخپە قىلىنغان شەرت بويىچە مەنپەئەتلىنىدۇ، ئەگەر ئۇ زېمىنغا بىرەر كىشىنى دەپنە قىلىش كېرەك بولسا دەپنە قىلىدۇ، ئۇنداق بولمىسا ئۇ جاينى سېتىپ باشقا بىر جايدىن قەبرىستانلىق قىلىدۇ، بۇ ئىشلار ۋەخپە قىلىنغان شۇ زېمىننى ئىدارە قىلىۋاتقان قازىنىڭ خەۋىرى بولغان ھالەتتە تەسەررۇپ قېلىنىدۇ.

    سىزنىڭ دەم ئىلىشقا چىققاندىن كېيىن ئەھۋالىڭىزنىڭ ناچارلىشىپ قىلىشى، ئىلگىرى قىلغان ۋەخپىدىن يېنىۋىلىشىڭىزنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالا سىزگە ئۇنىڭدىن ياخشىراق بىر نەرسىنى ئىز باسار قىلىپ بېرىدۇ. ["دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى 16-توم 96-بەت].

    ئۈچىنچى: ۋەخپىگە ئىگە بولۇپ ئۇنى ساتقان كىشى بۇلاڭچى ھېسابلىنىدۇ، ھەتتا ئۇ كىشى بۇ ۋەخپىنىڭ ئىلگىرىكى ئىگىسى بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئۇ كىشىدىن ساتقان ۋەخپىنى قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئۆزىنى قايتۇرۇۋېلىش مۇمكىن بولمىسا، ئۇنىڭ پۇلىنى قايتۇرىدۇ، بۇ ھۆكۈم سېتىش، ئىجارە قىلىش، ھەدىيە-سوغات قىلىش ياكى مىراس قالدۇرۇش قاتارلىق يوللار بىلەن ۋەخپە يۆتكەلگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىجرا قىلىنىدۇ.

    10323- نۇمۇرلۇق سۇئالدا، بۇلاڭچىلىق يولى ئارقىلىق بۇلانغان نەرسىگە ئىگە بولغانلارنىڭ قولىدا بۇلانغان نەرسىلەر بۇزىلىدىكەن، ئۇ كىشى سېتىۋالغۇچى بولسۇن ياكى ئىجارىگە ئالغۇچى بولسۇن بۇزۇلغان نەرسىنى تۆلەيدۇ دەپ بايان قىلىنغان.

    ھەرقانداق ھالەتتە، ئىككىنچى شەخس ھەقىقى ئەھۋالنى بىلسە، ئۇنىڭغا ئۇ نەرسىنى بۇلاڭچى بەرگەن بولسا، ئۇنىڭ قىممىتىنى تۆلەش ئىككىنچى شەخسنىڭ ئۈستىگە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ باشقىلارنىڭ مۈلكىگە قەستەن دۈشمەنلىك قىلغان بولدى، ئەگەر ئىككىنچى شەخس ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمەي ئالغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تۆلەش دەسلەپكى بۇلاڭچىنىڭ ئۈستىگە بولىدۇ.

    ئىبنى تەيمىيەنىڭ "چوڭ پەتىۋالار توپلىمى" 5-توم 418-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "مۇھەررەر"دە مۇنداق دەيدۇ: كىمكى بۇلاڭچىدىن بۇلانغان نەرسىنى بىلمەستىن ئالغان بولسا، ئۇ كىشى بۇلانغان نەرسىنىڭ ئۆزىنى ياكى ئۇنىڭدىن كىلىدىغان مەنپەئەتنى تۆلىشى توغرا بولىدىغان كىشىنىڭ ئورنىدا بولىدۇ، لېكىن ئۇ كىشى جەرىمانە قويۇلغاندا بۇلاڭچىغا مۇراجىئەت قىلىدۇ، ئۇ كىشى ئايرىم تۆلەش كېرەك بولمايدۇ.

     ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ "ئەلقاۋائىد" 210-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "كىمكى بۇلاڭچىدىن بۇلانغان نەرسىنى بىلمەستىن ئالغان بولسا، بىزنىڭ مەشھۇر قارىشىمىزدا، ئۇ كىشى بۇلاڭچىنىڭ ئورنىدا بولىدۇ، بۇلاڭچى ئۇ نەرسىنىڭ ئەسلىنى ياكى ئۇنىڭدىن كىلىدىغان مەنپەئەتنى تۆلەش كېرەك بولىدىغان بولسا ئۇنى بۇلاڭچىدىن ئالغان كىشىنىڭ تۆلىشى توغرا بولىدۇ".

     سۆزنىڭ خۇلاسىسى: دادىڭىزنىڭ ۋەخپىنى سېتىۋىلىشى توغرا بولماپتۇ، دادىڭىزنىڭ ئۇنىڭغا ئىگە بولىشى ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىشىمۇ توغرا ئەمەس، دادىڭىز ئۇنى ساتقان كىشىگە مۇراجىئەت قىلىپ، پۇلىسىنى ئىلىپ ۋەخپە ئەسلىدىكى ھالىتىدە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ شەرئى ھۆكۈمدۇر.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى