جۈمە 24 رەبىئۇل ئەۋۋەل 1446 - 27 سىنتەبىر 2024
Uygur

مۆمىن ئۈمىد ۋە قورقۇنچ ئىچىدە ياشايدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇددىسىيدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن بەندەمنىڭ ماڭا قارىتا گۇمانىدا بولىمەن، بەندەم ماڭا خالىغانچە گۇماندا بولسۇن». بۇ يەردە ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق سۆزى بار: “ئەگەر ئىككى پۇتۇمنىڭ بىرى جەننەتتە بولۇپ يەنە بىرى جەننەت سىرتىدا بولىدىكەن، مەن ئاللاھنىڭ چارىسىدىن خاتىرجەم بولالمايمەن”، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جەننەت بىلەن بىشارەت بېرىلگەن ئۇلۇغ ساھابە، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كېيىنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككىنچى كاتتا ساھابىسى تۇرۇغلۇق ئاللاھقا  بولغان قارىشىنى ياخشى قىلالمىدىمۇ؟، بەندىنىڭ دىلى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇشتىن خاتىرجەم بولالامدۇ؟، بۇ سۆزنىڭ ھەدىسكە بولغان ئالاقىسىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەرگەن بولساڭلار.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇددىسىيدا: «مەن بەندەمنىڭ ماڭا بولغان گۇمانىدا بولىمەن دەيدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 7405 -ھەدىس. مۇسلىم  رىۋايىتى2675-ھەدىس].

سوئالدا بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ لەۋزىنى ئىمام ئەھمەد مۇسنەدتە 16016 -بايان قىلغان.

باشقا ئالىملار:  سۇلايمان ئىبنى ئەبى سائىبتىن بايان قىلىدۇ، ئۇ كىشى:  ماڭا ھەييان ئەبۇ نەزىر مۇنداق دېگەن:  مەن ۋاسىلە ئىبنى ئەسقەئى بىلەن ئەبۇل ئەسۋەد جۇرەشىينىڭ ۋاپاتىدىن ئىلگىرى كېسىلىنى يوقلاپ كىردۇق، ئۇنىڭغا سالام بېرىپ ئولتۇردۇق، ئەبۇلئەسۋەد ۋاسىلەنىڭ ئوڭ قولىنى تۇتۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ كۆزى ۋە يۈزلىرىگە سۈركىدى، چۈنكى بۇ ۋاسىلەنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان قولى ئېدى، ۋاسىلە ئەبۇل ئەسۋەدكە:  سەندىن بىر ئىشنى سورايمەن؟دېدى، ئەبۇل ئەسۋەد:  قايسى سوئال ئۇ؟ سورىغىن دېدى، ۋاسىلە: رەببىڭگە قانداق قاراشتا بولۇۋاتىسەن؟ دېدى، ئەبۇل ئەسۋەد:  بېشى بىلەن ئىشارەت قىلىپ ياخشى قاراشتا دېدى، ۋاسىلە مۇنداق دېدى:  ساڭا خۇشخەۋەر!  مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇددىسىيدا :مەن بەندەمنىڭ ماڭا بولغان گۇمانى بىلەن بولىمەن، بەندەم ماڭا خالىغانچە گۇماندا بولسۇن دېگەن. [مۇسنەد ئەھمەدنى تەتقىق قىلغۇچىلار بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى سەھىھ دېگەن، ئەلبانى سەھىھ دەپ”سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا” كەلتۈرگەن].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالاغا ياخشى قاراشتا بولۇش دېگەننىڭ مەنىسى:  ئاللاھ تائالانى رەھمەت قىلىدۇ، مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە كەچۈرۈم قىلىدۇ دەپ ئىشەنچ قىلىشتۇر، ئۇلار مۇنداق دەيدۇ:  ساق ھالىتىدە ياكى كېسەللىك ھالىتىدە بولسۇن ئاللاھدىن قورقۇشى بىلەن رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىشى ئوخشاش بولىشى كېرەك، بەزىلەر:  قورقۇش كۈچلۈك بولۇش كېرەك دەيدۇ، بەزىلەر: ئۆلۈم ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ئۈمۈدى ياكى پەقەت ئۈمىد كۈچلۈك بولۇش كېرەك، چۈنكى قورقۇشتىن بولغان مەقسەت:  گۇناھ، مەسىيەت، ناچار ئىشلاردىن قول يېغىپ تائەت-ئىبادەت ۋە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشقا ھېرىس بولۇشتۇر، سەكرات ھالىتىدە بۇنداق بولىشى قېيىن بولىدۇ، بۇنداق ھالەتتە ئاللاھقا يالۋۇرۇش ۋە ئاللاھقا بويسۇنۇشنى ئۆز ئېچىگە ئالغان ياخشى قاراشتا بولۇش مۇستەھەپ بولىدۇ”. [“نەۋەۋىينىڭ مۇسلىمغا يازغان شەرھىسى” 17 -توم 210 -بەت.]

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇددىسىيدا : مەن بەندەمنىڭ ماڭا بولغان گۇمانى بىلەن بولىمەن، ئەگەر بەندەم ماڭا ياخشى گۇماندا بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ماڭا يامان گۇماندا بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن يامان بولىدۇ دەيدۇ».  [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 9076 -ھەدىس. مۇسنەدنى تەتقىق قىلغۇچىلار سەھىھ دېگەن].

مەناۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئەگەر ماڭا ياخشى گۇماندا بولسا ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىمەن، ئەگەر ماڭا يامان گۇماندا بولسا، ئۇنىڭغا يامانلىق قىلىمەن”.  [“پەيزۇل قەدىير”  2 -توم 312 -بەت].

شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، ئاللاھنىڭ تەرىپىگە يۈزلىنىش بىلەن رەببىگە ياخشى گۇماندا بولىشى كېرەك، ئەگەر ئاللاھ تائالاغا يامان گۇماندا بولۇپ قالغان بولسا، دەرھال تەۋبە قىلىپ قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ، ئاللاھ تائالادىن خاتالىقىنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىشى كېرەك.

ئىككىنچى:  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَفَأَمِنُوا مَكْرَ اللَّهِ فَلَا يَأْمَنُ مَكْرَ اللَّهِ إِلَّا الْقَوْمُ الْخَاسِرُونَ﴾‏  تەرجىمىسى: «ئۇلار ئاللاھنىڭ مەكرىدىن يەنى ئۇلار تۇيۇقسىز تۇرغاندا ئاللاھنىڭ ئازاب نازىل قىلىشىدىن) قورقمامدۇ؟ پەقەت زىيان تارتقۇچى قەۋملا ئاللاھنىڭ مەكرىدىن قورقمايدۇ» [سۈرە ئەراپ 99 -ئايەت. ]

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت:  بەندىلەرنى گۇناھ، مەسىيەت قىلىۋېتىپ، ئاللاھنىڭ ھۆرمىتىنى تۆۋەن كۆرۈپ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن خاتىرجەم بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا چارە قىلىشىدىن بولغان مەقسەت: ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا مۆھلەت بېرىپ، نېمەتلىرىنى، ياخشىلىقلىرىنى زىيادە قىلىپ بېرىشى، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلىپ گۇناھ-مەسىيەتلەرگە چۆمۈپ كېتىشى، ئۇلار گۇناھ-مەسىيەتنى داۋام قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئازابى ۋە غەزىبىدىن خاتىرجەم تۇرغانلىقى ئۈچۈن غاپىل ھالىتىدە تۇتۇپ، مەغرۇر ھالىتىدە ئازابلىنىشقا بەك لايىقتۇر”. [“ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى”  24 -توم 232 -بەت].

يەنە مۇنداق دەيدۇ: “مۇسۇلمان كىشى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىكى كېرەك، قورقۇش بىلەن ئۈمىدنىڭ ئارىسىدا بولىشى لازىم، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن خاتىرجەم بولغان ۋە رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن كىشىلەرنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن: أَفَأَمِنُوا مَكْرَ اللَّهِ فَلَا يَأْمَنُ مَكْرَ اللَّهِ إِلَّا الْقَوْمُ الْخَاسِرُونَ تەرجىمىسى: «ئۇلار ئاللاھنىڭ مەكرىدىن يەنى ئۇلار تۇيۇقسىز تۇرغاندا ئاللاھنىڭ ئازاب نازىل قىلىشىدىن) قورقمامدۇ؟ پەقەت زىيان تارتقۇچى قەۋملا ئاللاھنىڭ مەكرىدىن قورقمايدۇ» [سۈرە ئەراپ 99 -ئايەت. ]

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَا تَقْنَطُوا مِنْ رَحْمَةِ اللَّهِ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار».

مۇسۇلمان ئەر-ئاياللارغا ۋاجىپ بولغىنى ئۈمىدسىزلەنمەسلىك، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد ئۈزۈپ، ئىش-ئەمەلنى تەرك قىلماسلىق، بەلكى قورقۇش بىلەن ئۈمىدنىڭ ئارىسىدا بولۇش، ئاللاھدىن ۋە ئۇنىڭ ئازابىدىن قورقۇش، ئاسىيلىق قىلىشتىن ھەزەر قىلىش، تەۋبە قىلىشقا ئالدىراش، ئاللاھدىن ئەپۇ قىلىشنى ۋە مەغپىرەت قىلىشنى تىلەش، گۇناھ-مەسىيەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا سەل قاراپ تۇرۇپ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن خاتىرجەم ھالەتتە ياشىماسلىق لازىم. [“شەيخ ئىبنى بازنىڭ نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى”  4 -توم 38 -بەت. ]

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “شۇنىڭ ئۈچۈن ھەسەن بەسەرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: “مۆمىن ئىبادەتنى ئاللاھتىن قورقۇپ، ھايا قىلغان ھالەتتە قىلىدۇ، پاسىق-پاجىر گۇناھ-مەسىيەتلەرنى خاتىرجەم ھالەتتە قىلىدۇ”.  [“تەپسىر ئىبنى كەسىر”  3 -توم 451 -بەت].

ئۈچىنچى:  بەزى كىشىلەر ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن زىكىر قىلغان ، يەنە بەزى كىشىلەر ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان سۆزدە: “ئەگەر ئىككى پۇتۇمنىڭ بىرى جەننەتتە بولۇپ يەنە بىرى جەننەت سىرتىدا بولىدىكەن، مەن ئاللاھنىڭ چارىسىدىن خاتىرجەم بولالمايمەن”، دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئەسلىنى ھېچ بىر ھەدىس كىتابىدا ياكى بىرەر ئالىمنىڭ دېگەنلىكىنى بىلمەيمىز. بۇنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھدىن سورىغاندا:  بىلمەيمەن دېگەن” .

بۇ سۆزنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكى بىلىنمىگەن تەقدىردىمۇ بۇنىڭغا قاراش كېرەك:  مۆمىن دېگەن جەننەتكە كىرمىگەن مۇددەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن خاتىرجەم بولالمايدۇ، جەننەتكە قەدەم باسقاندىن كېيىن ئاندىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن خاتىرجەم بولىدۇ، ھېچ قانداق بىر كىشىنىڭ بىر پۇتى جەننەتكە كېرىپ بولغاندا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى جەننەتتىن چىقىرىپ دوزاخقا كىرگۈزىدىغانلى بىلىنمەيدۇ.

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھدىن:  بەندە قاچان راھەتنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ؟ دەپ سورالغاندا،  “قەدىمىنى تۇنجى قېتىم جەننەتكە باسقاندا” دېگەن. [ “تەبەقاتىل ھەنابىلە ”  1 -توم 293 -بەت].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى