پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

رامزاندا ئۆزرىسىز روزا تۇتمىغان ياكى ئېغىز ئاچقان كىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

بالاغەتكە يەتكەن، روزا تۇتالايدىغان بىر ئادەم رامزاندا روزا تۇتمىسا قانداق بولىدۇ؟، دۇنيادا ئۇ كىشىگە قانداق جازا كېلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

رامزاندا روزىسى ئىسلام ئاساسلىرىنىڭ بىرىدۇر. بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى-ھۇشى جايىدا بىر ئادەمنىڭ رامىزاندا سەۋەبسىز روزا تۇتماسلىقى توغرا بولمايدۇ، سەپەردە بولسا ياكى كېسەل بولسا ياكى شەرىئەت ئېتىبارغا ئالىدىغان سەۋەپلەر تۈپەيلى روزا تۇتمىسا ھېچ گەپ يوق. كىمكى رامىزاندا قەستەن بىر كۈن بولسىمۇ روزا تۇتمىسا چوڭ گۇناھدىن بىرنى سادىر قىلغان بولىدۇ. ئۆزىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئازابى ۋە غەزىپىگە دۇچار قىلىشقا تەييارلانغان بولىدۇ. ئۇ كىشى تىزدىن ئاللاھ تائالاغا چىن تەۋبە قىلىپ، شۇ كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك. بۇ كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ سۆزىدۇر. بەزىلەر بۇ سۆزنى ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشى دەپ بايان قىلغان. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 234125- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئەمما كىمكى رامىزاندا قەستەن روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن بولسا (يەنى ئىنكار قىلىش تۈپەيلى بۇزغان بولسا) كاپىر بولىدۇ. تەۋبە قىلىشقا بۇيرىسا تەۋبە قىلسا مەيلى بولمىسا ھاكىمىيەت تەرەپتىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.

رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە ئاشكارا بىر نەرسە يېسە ھاكىمىيەت تەرەپتىن جازا بىكىتىلىنىدۇ. ئۇ كىشىنى جازالاش ئارقىلىق شۇنداق قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىرى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا بايان قىلغان سۆزلىرىدۇر.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلماننىڭ رامزاندا قەستەن روزىنى بۇزۇۋېتىشى مۇمكىن بولمايدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىشنىڭ قاتتىق چەكلەنگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن روزىنى بۇزۇۋەتسە، ئۇنداق ئادەمنى ئۆلتۈرۈش كېرەك بولىدۇ.

ئەگەر ئۇ پاسىق ئادەم بولسا ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۇنىڭغا مۇۋاپىق جازا بېكىتىدۇ. ئەگەر جاھىل-ھۆكۈمنى بىلمەيدىغان ئادەم بولسا، ئۇنىڭغا شەرىئەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆكمى بىلدۈرۈلىدۇ." ["پەتىۋالار توپلىمى" 2-توم 473-بەت].

ئىبنى ھەجەر ھەيتەمىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " 140- ۋە 141- چوڭ گۇناھلار: رامزاننىڭ مەلۇم كۈنلىرىدە قەستەن روزا تۇتماسلىق، رامزاندا كېسەللىك ياكى مۇساپىرلىق سەۋەبىدىن ئەمەس بەلكى ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ياكى ئۇنىڭدىن باشقا شەرىئەت ئېتىبارغا ئالمايدىغان سەۋەپلەر بىلەن روزىنى بۇزۇشتىن ئىبارەتتۇر. ["ئەززەۋاجىر"1 -توم 323-بەت].

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: "ئىبادەتكە مۇكەللەپ بولغان كىشىنىڭ شەرئى ئۈزۈرسىز رامزاندا روزىنى بۇزۇۋېتىشى چوڭ گۇناھلاردىن ھېسابلىنىدۇ." ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋالار توپلىمى" 10-توم 357-بەت].

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "رامزاندا شەرئى سەۋەبسىز بىر كۈن روزا تۇتمىغان كىشى چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان بولىدۇ، ئەگەر تەۋبە قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق كىشى سەمىمىيەت بىلەن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ، قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ، بۇنداق ئىشنى ئىككىنچى سادىر قىلماسلىق ئىرادىسىگە كېلىشى، ئاللاھ تائالادىن كۆپ كەچۈرۈم سورىشى، ئىستىغپار ئېيتىشى، بۇزۇۋەتكەن مەزكۇر كۈننىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا ئالدىرىشى كېرەك".

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن بىرسى: شەرئى ئۆزرىسىز رامىزاننىڭ كۈندۈزدە روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن ئادەمنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "رامزاننىڭ كۈندۈزدە شەرئى سەۋەبسىز روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن كىشى چوڭ گۇناھتىن بىرنى قىلغان بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇئىنسان پاسىق ھېسابلىنىدۇ. تىزدىن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشى كېرەك، روزىنى بۇزۇۋەتكەن شۇ كۈننىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك". [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 19-توم 89-بەت].

ئىمام نەسائىي رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ: "سۈنەنۇل كۇبرا" ناملىق ئەسىرى 3273-نومۇرلۇق ھەدىستە، ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقل قىلىپ، ئۇ كىشى: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: مەن ئۇخلاپ قالغان ۋاقتىمدا تۇيۇقسىز ئىككى كىشى يېنىمغا كېلىپ مېنىڭ بىلىكىمدىن تۇتۇپ تىك تاغنىڭ يېنىغا ئىلىپ كەلدى... دېگەن ھەدىسنى بايان قىلىپ،ھەدىستە: مەن تۇيۇقسىزجاۋغايلىرى ئىلمەك بىلەن ئىككى تەرەپكە تارتىلىپ قان ئېقىۋاتقانبىر بۆلۈم كىشىلەرنىڭ يېنىغا كېلىپ قالدىم، مەن ئۇلار كىم؟ دەپ سورىسام، ئۇلار: بۇ كىشىلەر رامىزاندا ئىپتارۋاقتىدىن بۇرۇن ئىپتار قىلغان كىشىلەر دېدى. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دېگەن 3951-ھەدىس.

ئاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: "ھەدىستە بايان قىلىنغان جازا روزا تۇتۇپ مۇددەتتىن بۇرۇن ئىپتار قىلغان كىشىلەرنىڭ جازاسى بولسا، پەقەت روزا تۇتمىغان كىشىلەرنىڭ جازاسى قانداق بولار؟!". ئاللاھ تائالادىن دۇنيا-ئاخىرەتتە خاتىرجەملىك-سالامەتلىك ئاتا قىلىشىنى سورايمىز.

سوئالغا مۇناسىۋەتلىك يەنىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 38747 نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى