جۈمە 21 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 22 نويابىر 2024
Uygur

ئىستىنجا قىلغان سۇنىڭ ئەۋرەتكە كېرىپ ئاندىن چىققاندىن كېيىنكى ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

ئىسلام تور سەھىپىسىدە ئىستىنجا قىلغان سۇ ئەرلىك ئەزاسىنىڭ ئۇچىدىن كېرىپ ئاندىن چىقسا، بۇ نىجىس ھېسابلىنىدۇ، بۇ سۇ تاھارەتنى بۇزىدۇ،  دېگەن مەنادىكى پەتىۋالارنى ئوقۇدۇم، بۇ سۆز مېنى قاتتىق بىئارام قىلدى، چۈنكى مەن شۇنى مۇلاھىزە قىلدىمكى، ئىستىنجا قىلغاندا سۇنىڭ بەزىسى زەكەرنىڭ ئۇچىدىن كېرىپ ئۇنىڭ ئىچىدە قالىدىكەن، ئاندىن چىقىدىكەن، بۇ شەك بىلەن بولغان ئىش ئەمەس بەلكى يۈزدە نەچچە مىڭ ئىشەنچىلىك، بەزى دوختۇرلاردىن سورىسام ئۇلار: بۇ سۇ سۈيدۈك يولىغا كىرمەيدۇ، پەقەت زەكەرنىڭ ئېچىگە كىرىدۇ دەيدۇ، لېكىن سۇيدۇك يولىغا كىرمەيدىكەن، شۇنىڭدەك ئىستىنجا قىلمىغان ۋە يۇيۇنمىغان ۋاقىتلاردىمۇ زەكەرنىڭ ئىچىدە دائىم نەملىك بولىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلدىم، ئۇزۇن ۋاقىت تەتقىق قىلىپ ۋە دوختۇرلاردىن سورىغاندىن كېيىن شۇنى بىلدىمكى، زەكەرنىڭ تۆشۈكى ئىچكى تەرەپتىن بۇ ئورۇننى ھىمايە قىلىدىغان نەملىكنى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان شىلىمشىق پەردە بىلەن ئورالغان، بۇنىڭ ئىشى ئېغىزنىڭ ئىچىدە مەۋجۇت بولىدىغان نەملىككە ئوخشايدۇ، بۇ نەملىك مېنى مۇتلەق بىئارام قىلمىدى، چۈنكى ئۇ زەكەرنىڭ تۆشۈكىدىن چىقمايدۇ، لېكىن بۇ يەردە يوشۇرۇلغان مەسىلە، بۇ نەملىك سۇيدۇك يولىدىمۇ تېپىلىدۇ، يەنى نىجاسەتنىڭ ئورنىدا، يۇيۇنغاندا ياكى ئىستىنجا قىلغاندا بەزى سۇلار زەكەرنىڭ تۆشۈكىگە كېرىدۇ، ئۇ جايدا بۇ نەملىك بىلەن ئۇچرىشىدۇ، مېنىڭ سوئالىم ئىككى ئىشتىن قۇرۇلغان:  بىرىنچى:  يۇيۇنغاندا ياكى ئىستىنجا قىلغاندا زەكەرنىڭ تۆشۈكىگە كىرگەن سۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟.

ئىككىنچى:  زەكەرنىڭ تۆشۈكىنىڭ ئېچىگە كېرىپ ئاندىن چىققان سۇ سۇيدۇك يولىغا كىرمىگەندىن كېيىن  ئۇ پەقەت زەكەرنىڭ تۆشۈكىگە كىرگەنلىكى ئۈچۈن تاھارەتنى بۇزمايدۇ دېسەك بولامدۇ؟، بۇنىڭدا ئېتىبارغا ئېلىنىدىغىنى سۈيدۈك يولىمۇ ياكى زەكەرنىڭ تۆشۈكىمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: كىمكى سۇيدۇك يولىغا سۇ ياكى ماي ياكى باشقا نەرسىنى كىرگۈزۈپ ئاندىن چىقارسا، ئۇ نىجىس بولۇپ تاھارەتنى بۇزىدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئەگەر سۇيدۇك يولىغا ماي تېمىتسا ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ماي چىقسا بۇنىڭ بىلەن تاھارەت بۇزۇلىدۇ، چۈنكى ئۇ سۇيدۇك يولىدىن چىققان بولدى، ئۇنىڭ نىجاسەت بىلەن ئۇچرىشىپ نىجىس بولغانلىقىدىن خاتىرجەم بولغىلى بولمايدۇ، بۇ چىقسا بۇنىڭ بىلەن تاھارەت بۇزۇلىدۇ، گەرچە ماينىڭ ئۆزىلا چىقسىمۇ شۇنداق بولىدۇ”. [ “ئەلمۇغنى”  1 -توم 125 -بەت.]

سۇ ئىنساننىڭ ئىچكىرى تەرىپىگە كىرگۈزۈلسە، ئاندىن چىقسا بۇ تاھارەتنى بۇزىدىغان ئىككى يولنىڭ بىرىدىن چىققان بولىدۇ.

ئەمما زەكەرنىڭ تۆشۈكىگە پاكىز سۇ كىرگەن بولسا، ئىچكىرى تەرەپكە ئۆتمىگەن بولسا، بۇنىڭ ھېچ تەسىرى بولمايدۇ.

سىز زىكىر قىلغان ئىش ۋەسۋەسە ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى سۇنىڭ زەكەرنىڭ ئىچكىرى تەرىپىگە كىرىشى قىيىن بولىدۇ، لېكىن ئىنسان ئۆزى كىرگۈزىمەن دەپ تېرىشىپ باقسا بۇ بەك قىيىن ئىش، ئەگەر شۇنداق بولدى دېسەكمۇ، سىز يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن ھاجىتىڭىزنى ئادا قىلىپ، سۇ بىلەن ئىستىنجا قىلىسىز زەكەرنىڭ ئۇچىنى يۇيىسىز، ئۇنىڭ ئىچىنى تەكشۈرۈپ باقمايسىز، ئۇنىڭدىن باشقا ئىشقىمۇ بۇيرۇلمايسىز، ئۇنداق بولمىغاندا ئۆزىڭىزگە ۋەسۋەسىنىڭ ئېشىكىنى ئاچقان بولىسىز.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ  “پەتىۋالار مەجمۇئەسى” 21 -توم 106 – بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ” بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشىغا كۆرە، زەكەرنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئىچىنى سۈرۈشتۈرۈش، ۋاجىپمۇ بولمىغان ۋە سۈننەتمۇ بولمىغان بىدئەت ئىشلاردىندۇر، بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنمىغان بىدئەت ئىشلارنى سۆزلىمەيمىز.

شۇنىڭدەك، سۈيدۈكنى سىلكىشمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنمىغان بىدئەت ئىشتۇر.  بۇ توغرىدا بايان قىلىنغىنى ئەسلى بولمىغان زەئىپ ھەدىستۇر. سۇيدۇك دېگەن ئۆزىنىڭ تەبىئىتى بىلەن چىقىدۇ، چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئۆز تەبىئىتى بىلەن ئۈزۈلىدۇ، بۇ خۇددى ئىنەكنىڭ ئەمچىكى توغرىسىدا دېيىلگەندەك:  قويۇپ بەرسەڭ قورۇلىدۇ، سىغساڭ سۈت چىقىدۇ.

ئىنسان ھەر ۋاقىت زەكەرنىڭ ئۇچىنى ئاچسا ئۇنىڭدىن نەملىك بىر نەرسە چىقىدۇ، ئۆز ھالىغا قويسا ھېچ نەرسە چىقمايدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئۇ كىشىگە بىر نەرسە چىققاندەك خىيال قىلىنىدۇ بۇ ۋەسۋەسىدىن ئىبارەتتۇر.

بەزى ۋاقىتتا زەكەرنىڭ ئۇچىغا سوغۇق بىر نەرسە تەككەندەك ۋە ئۇنىڭدىن بىر نەرسە چىقمىسىمۇ بىر نەرسە چىققاندەك ھېس قىلىدۇ.

سۇيدۇك بولسا سۇيدۇك يولىدا توختايدۇ تامچىلىمايدۇ، زەكەرنى ياكى ئەۋرەتنى ياكى تۆشۈكنى تاش بىلەن ياكى بارماق بىلەن ياكى باشقا نەرسە بىلەن سىقسا ئۇنىڭدىن نەملىك چىقىدۇ، بۇنداق قىلىشمۇ توغرا ئەمەس، بارلىق ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن توختاپ قالغان سۈيدۈكنى تاش ياكى بارماق ياكى باشقا نەرسە بىلەن چىقىرىشنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ، بەلكى ھەر قېتىم ئۇنى چىقارسا ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە كېلىدۇ، ئۇ دائىم تېمىپ تۇرىدۇ، تاش بىلەن ئىستىنجا قىلىش كۇپايە قىلىدۇ، زەكەرنى سۇ بىلەن يۇيۇشقا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ، سۇ بىلەن ئىستىنجا قىلغان كىشى ئۈچۈن ئەۋرىتىگە سۇ چېچىۋېتىش ياخشى بولىدۇ، ئەگەر نەملىكنى ھېس قىلسا، بۇ ئاشۇ چاچقان سۇنىڭ نەملىكى دەيدۇ”.

ئىككىنچى: زەكەرنى يۇيۇپ پاكىزلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭدا قالغان سۇغا پاك دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ، چۈنكى نىجاسەتنى پاكىزلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئايرىلغان سۇ پاكتۇر.

ئۈچىنچى:  سىز ئىستىنجا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىچ كىيىمىڭىزگە سۈ سىپىۋېتىشىڭىز كېرەك بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن نەملىكنى ھېس قىلسىڭىز بۇنى ئاشۇ چېچىۋەتكەن سۇغا قارىتىسىز.

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاھارەت ئىلىپ بولۇپ ئەۋرىتىگە سۇ سىپىۋەتتى». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى464-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.]

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئۆزىدىكى ۋەسۋەسىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئەۋرىتى ۋە ئىچ كىيىمىگە سۇ سىپىۋېتىش مۇستەھەپ بولىدۇ.

ھەنبەل مۇنداق دەيدۇ:  مەن ئەھمەدتىن سوراپ:  تاھارەت ئىلىپ پاك بولغاندىن كېيىن كۆڭلۈمدە تەرىتىم سۇنۇپ كەتتىمىكىن دەيدىغان بىر ھېس بار دېسەم، ئۇ:  تاھارەت ئىلىپ پاك بولۇپ بىر ئۇۋۇچ سۇنى ئېلىپ ئەۋرىتىڭگە چېچىۋېتىپ باشقا ئىشقا پەرۋا قىلما، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇ ۋەسۋەسىنى كەتكۈزۈۋېتىدۇ”. [ “ئەلمۇغنى”  1 -توم 115 -بەت. ]

“پىقھى توپلاملىرى”  4 -توم 125 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: “ھەنەپى، شاپىئى ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرى:  ئىنسان سۇ بىلەن ئىستىنجا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ۋەسۋەسىنى يوق قىلىش، شەكلىنىپ قالسا كەسكىن ئىشەنچ قىلالمىسا، شەكنى چېچىۋەتكەن ئاشۇ سۇغا قارىتىش ئۈچۈن ئەۋرىتىگە ياكى ئىچ كىيىمىگە ئازراق سۇ چېچىۋېتىشى مۇستەھەپ بولىدۇ دېگەننى زىكىر قىلدى.

سىزنىڭ سوئالىڭىزدىن سىزنىڭ ۋەسۋەسە كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلىقىڭىز بىلىندى، ئاللاھ تائالا ئۆز پەزلى-كەرەمى بىلەن سىزگە ئاپىيەت ئاتا قىلسۇن، مۇمكىن بولغان ھالەتتە بۇ ۋەسۋەسىدىن يىراق بولۇڭ، ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ ئۇنىڭدىن پاناھلىق تىلەڭ، سىزگە بۇ توغرىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، ۋەسۋەسىمۇ باشقا كېسەللەرگە ئوخشاش كېسەللىكتۇر، ئەگەر بۇنىڭ ئىلاجىنى تىببى داۋالاش بىلەن بىرگە پاناھلىق تىلەش دۇئاسى ۋە رۇقىيە شەرئى ۋە بىلىدىغان كىشىلەر بولسا سۈلۈك چاقتۇرۇپ داۋالاش بىلەن بىرلەشتۇرسىڭىز ئۇ سىز ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ، ئاللاھ خالىسا ئۇنىڭ بىلەن شىپا تېپىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز .

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى