پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

غۇسلىنى بىكار قېلىۋېتىدىغان ئامىللار قايسىلار؟

سۇئال

تىرنىقى ئۇزۇن بولۇپ، پاكىزە بولمىسا غۇسلى بىكار تولۇق ئادا بولمامدۇ؟، غۇسلى قىلىش جەريانىدا غۇسلىنى بىكار قېلىۋېتىدىغان ئىشلارنى بىلىشنى خالايمەن، غۇسلى قىلىش جەريانىدا يەرگە چۈشۈپ چاچرىغان سۇ غۇسلىنى بىكار قىلىۋېتەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    غۇسلىنىڭ توغرا بولۇش ئۈچۈن بەزى شەرتلەر تولۇق بولۇشى كېرەك، ئەگەر مەزكۇر شەرتلەر تولۇق بولمىسا غۇسلە ئادا تاپمايدۇ:

    بىرىنچى: نىيەت قىلىش، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق، ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى1-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1907-ھەدىس].

    غۇسلىنى باشلاشتىن بۇرۇن جۇنابەتتىن يۇيۇنۇشنى نىيەت قىلىشى كېرەك. شەيخ ئىززىددىن ئىبنى ئابدۇسسالام رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نىيەت قىلىشتىن بولغان مەقسەت ئىبادەتنى ئادەتتىن ئايرىشتۇر ياكى ئىبادەتنى ئادەتتىن ئايرىش ئارىسىدا ئىبادەتنى تەرتىپلىك ئايرىشتۇر، بۇنىڭ مىسالى: غۇسلى قىلىش دېگەن، ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش مەقسىدىدە جۇنابەتتىن پاكلىنىش نىيىتىدە غۇسلى قىلىش بىلەن سالقىنداش، پاكىزلىنىش، پاسكىنا، نىجاسەتلەرنى يوق ئېتىش ئۈچۈن غۇسلى قىلىشنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ.

     غۇسلى قىلىش مۇشۇ مەقسەدلەرنىڭ ئارىسىدا بولىدىكەن، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئۈچۈن قېلىنىدىغان ئەمەللەر بىلەن بەندىلەر ئۈچۈن قېلىنىدىغان ئەمەللەرنىڭ ئارىسىنى ئايرىش زۆرۈر بولىدۇ. [قەۋائىدۇل ئەھكام 1-توم 207-بەت].

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرىدىن: مەن پاكىز ھالەتتە يۇيۇندۇم، شۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ تەرەتسىزلىكنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلمىدىم، يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ يۇيۇنۇشتىن ئىلگىرى جۇنۇپ بولۇپ قالغانلىقىمنى ئىسىمگە ئالدىم، مەن قايتىدىن يۇيۇنىشىم كېرەكمۇ ياكى ئاشۇ يۇيۇنۇشۇم كۇپايە قىلامدۇ؟. دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "سىز ئەگەر سالقىنداش ۋە پاكىزلىنىش مەقسىدىدە يۇيۇنغان بولسىڭىز، چوڭ تەرەتسىزلىكنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ قايتىدىن يۇيۇنىشىڭىز كېرەك بولىدۇ، چۈنكى سىز دەسلەپتە جۇنابەتتىن يۇيۇنۇشنى مەقسەت قىلمىغان، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام :ھەقىقەتەن ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق دېگەن. ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا كومىتېتى. سالىھ پوۋزان، ئابدۇل ئەزىز ئالى شەيخ، ئابدۇللاھ بىن غەديان، ئابدۇرەززاق ئەپىپىي، ئابدۇل ئەزىز ئابدۇللاھ بىن باز قاتارلىقلار. [دائىمى كومىتېت پەتىۋالىرى ئىككىنچى مەجمۇئەسى 4-توم 133-بەت].

    ئىككىنچى شەرت: يۇيۇنىدىغان سۇ پاكىز بولۇش كېرەك.

   ئىبنى ئابدۇل بەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سۇنىڭ ئۆزگۈرىشى نىجاسەت بىلەن ياكى نىجاسەتتىن باشقا نەرسىلەر بىلەن بولىدۇ، ئەگەر سۇ نىجاسەت سەۋەبىدىن ئۆزگەرگەن بولسا، ئۆلىمالارنىڭ ئۇ سۇنىڭ پاكىز ئەمەسلىكى ۋە باشقا نەرسىلەرنىمۇ پاكىزلىيالمايدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلدى". [تەمھىيد 19-توم 16-بەت].

    ئەگەر يۇيۇنۇشنى باشلاپ بولغاندىن كېيىن سۇنىڭ پاكىزە ئەمەسلىكىنى بىلسە، ئۇ ۋاقىتتا پاكىزە سۇ بىلەن يېڭىدىن غۇسلە قىلىدۇ.

    ئەمما يۇيۇنغۇچىنىڭ بەدىنىدىن چاچرىغان سۇلار پاكىزدۇر. ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئالىملار: "ئۆزىنىڭ تاھارىتى بولمىغان، بەدىنىدە نىجاسەت بولمىغان كىشى يۈزى ۋە بىلەكلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن سۇ قۇيغاندا سۇ ئۇ كىيىملىرىگە ئاقسا ياكى چاچرىسا ھېچنېمە بولمايدۇ، بۇ پاكىزدۇر، چۈنكى ئۇ پاكىز بەدەندىن چۈشكەن پاكىز سۇ ھېسابلىنىدۇ" دېگەن قاراشقا بىرلىككە كەلدى.

    ئالىملار يەنە: تاھارەت ئالغۇچى ياكى يۇيۇنغۇچىنىڭ بەدىنىدە قالغان ياكى ئۇنىڭدىن كىيىمىگە تامچىغان سۇنى پاكىز دېگەن، بۇ ئىشلىتىلگەن سۇنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان دەلىلدۇر. [ئەلئەۋسەت 1-توم 288-بەت].

    مۇسۇلمان كىشى پاكىز سۇدا يۇيۇنغان بولسا، بۇ سۇ پاكىز يەرگە چۈشۈپ يەنە يۇيۇنغان كىشىنىڭ بەدىنىگە چاچرىغان بولسا، بۇ ئۇ كىشىنىڭ يۇيۇنىشىنىڭ توغرا بولغانلىقى ۋە بەدىنىنىڭ پاك بولغانلىقىغا تەسىر كۆرسۈتەلمەيدۇ.

     ھازىرقى دەۋرىدە ئاساسەن يۇيۇنىدىغان ئورۇن بىلەن تەرەت سۇندۇرىدىغان ئورۇن ئايرىم بولىدۇ، يۇيۇنىدىغان ئورۇن پاسكىنا بولۇپ كەتمەيدۇ، قۇرۇق شەك بىلەن يۇيۇنۇش ئورۇنلىرىنى پاكىزە ئەمەس دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى شەك بىلەن ھۆكۈم قىلغاندا، مەسىلىگە بەك چوڭقۇرلاش ۋە ۋەسۋەسە قىلىشنىڭ يولى ئېچىلىدۇ، يۇيۇنۇش ئورۇنلىرىغا چۈشكەن ياكى يۇيۇنۇش ئارىسىدا بەدەنگە چاچرىغان سۇنى پاكىزە ئەمەس دېگىلى بولمايدۇ، پەقەت يۇيۇنىدىغان ئورۇندا نىجاسائەت تىپىلغاندا ئاندىن ھۆكۈم ئۆزگىرىدۇ.  

    ئۈچىنچى شەرت: سۇ بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىگە يېتىشى كېرەك، بەدىنىدە سۇنىڭ يىتىشىنى چەكلەپ قويىدىغان نەرسىلەر بولماسلىقى كېرەك، چۈنكى جۇنابەت دېگەن بەدەننىڭ ھەممە يېرىگە ئالاقىدار بولىدۇ.

     ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار جۇنابەتنىڭ بەدەننىڭ ھەممە يېرىگە يېتىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلدى". [ئەلمەجمۇئ 1-توم 467-بەت].

    ئەگەر بەدىنىدە دورىلىق يەملەنگەن نەرسە ياكى بەدەنگە سۇنىڭ يېتىشىنى چەكلەپ قويىدىغان ماددىلار بولسا بۇ نەرسىلەرنى بەدىنىدىن ئېلىۋېتىپ يۇيىنمىسا قىلغان غۇسلىسى توغرا بولمايدۇ.

   تىرنىقى ئۇزۇن بولۇپ ئاستىدا كىر بولسا، بۇ ئاساسەن سۇنىڭ بەدەنگە يېتىشىنى چەكلەپ قويالمايدۇ، ئەگەر چەكلەپ قويغان تەقدىردىمۇ بۇ كىچىككىنە ئورۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئەپۇ قىلىنىدۇ، بۇنداق ئىشلار كىشىلەر ئارىسىدا كۆپ بولىدۇ، شەرىئەت غۇسلى قىلغاندا تىرناقنىڭ ئاستىغا سۇ يەتتىمۇ ياكى يەتمىدىمۇ بۇنى تەكشۈرۈشكە بۇيرىمىغان.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر تىرناقنىڭ ئاستىدا كىر بولسا، سۇنىڭ تىرناق ئاستىغا يېتىپ بېرىشىنى چەكلىمىسە ئۇ كىشىنىڭ ئالغان تاھارىتى توغرا بولىدۇ. ئەگەر سۇنىڭ تىرناق ئاستىغا يېتىشىنى چەكلەپ قويسا، ئۇ كىشىنىڭ ئالغان تاھارىتى توغرا بولمايدۇ، خۇددى بەدەننىڭ باشقا يېرىدە كىر بولۇپ سۇنىڭ يېتىشىنى چەكلەپ قويغانغا ئوخشاشتۇر.

    ئىمام غەززالى رەھىمەھۇللاھ "ئىھيائۇلۇمىددىن" ناملىق ئەسىرىدە تاھارەتنىڭ ۋە غۇسلىنىڭ توغرا بولىشىغا كۇپايە قىلىدىغانلىقىنى كەسكىن قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تىرناقنى ئېلىشقا بۇيرىغان، تىرناقنىڭ ئاستى كىر بولماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان، ئەمما نامازنى قايتا ئوقۇشقا بۇيرىمىغان". [ئەل مەجمۇئ 1-توم 287-بەت].

    ئىسلام پىشېۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تىرناقنىڭ ئاستىدىكى كىرغا ئوخشاش سۇنىڭ بەدەنگە يېتىشىنى چەكلەيدىغان ئۇششاق نەرسىلەردىن ئەپۇ قېلىنىدۇ، ئالغان تاھارىتى توغرا بولىدۇ. [پەتىۋا كۇبرا 5-توم 303-بەت].

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئۈچۈن 265777-27070- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    تۆتىنچى شەرت: بۇ ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار ئىش بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ يۇيىدىغان ئەزالارنى ئارقا-ئارقىدىن يۇيۇش، بىر ئەزانى يۇيۇپ بولۇپ يەنە بىر ئەزانى يۇيۇپ بولغىچە كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك دەيدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كۆپچىلىك ئۆلىمالار ئىككى ئەزانىڭ ئارىسىنى يۇيۇشتا بىرئاز ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە غۇسلە بۇزۇلمايدۇ دەيدۇ، لېكىن ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھنىڭ ئۇستازى رەبىئە: كىمكى قەستەن شۇنداق قىلسا، مېنىڭچە قايتىدىن يۇيىشى كېرەك دەيدۇ، لەيسمۇ شۇنداق دېگەن، ئىمام مالىكتىن بۇ توغرىدا ئىختىلاپ بار، شاپىئى مەزھىبىدىكى ئۆلىمالار ئۈچۈن باشقا يول بار.

    ئەمما كۆپچىلىك ئۆلىمالار: غۇسلىدا تەرتىپ ۋە ئارقا-ئارقىدىن يۇيۇش كېرەك ئەمەس دەيدۇ". [ئەل مۇغنى 1-توم 291-292-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "زادىل مۇستەنقىئنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ:" ئاپتۇرنىڭ ئوچۇق سۆزى، غۇسلى قىلىشتا ئارقىمۇ-ئارقا يۇيۇش شەرت ئەمەس، بەدىنىڭ بىر قىسمىنى يۇيۇپ قالغان بىر قىسمىنى مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن يۇسىمۇ قىلغان غۇسلىسى توغرا بولىدۇ، بۇمۇ بىر قاراشتۇر.

    ئىمام ئەھمەدتىن قىلىنغان بىر رىۋايەتتە، غۇسلىدە ئارقىمۇ-ئارقا يۇيۇشنى شەرت دېگەن.

    مېنىڭچە، ئارقىمۇ-ئارقا يۇيۇش شەرت بولسا توغرا بولىدۇ، چۈنكى يۇيۇنۇشمۇ ئايرىم بىر ئىبادەت بولۇپ، ئۇنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە ئۇلاپ ئادا قىلىش كېرەك. ئەگەر مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن يەنى سۇ ئۈزۈلۈپ قىلىش سەۋەبى بىلەن ئىككى ئەزانىڭ ئارىسىنى يۇيۇشتا ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە، سۇ كەلگەندىن كېيىن دەسلەپتە يۇيۇپ بولغان ئەزالارنى قايتىدىن يۇيۇش كېرەك بولمايدۇ بەلكى قالغان ئەزالىرىنى يۇسا بولىدۇ. [شەرھىل مۇمتىئ 1-توم 365-بەت].

    مۇسۇلمان كىشى غۇسلى قىلغاندا ئېھتىياتچان بولۇپ، ئىختىلاپتىن يىراق ۋە نامىزىنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن ئىككى ئەزانىڭ ئارىسىنى يۇيۇشتا كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزېۋەتمەسلىكى كېرەك بولىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى