شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

يىغىندا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن روزا تۇتماستىن يېغىنغا قاتناشسا بولامدۇ؟

سۇئال

مەن جىددىدا تۇرىمەن، سەككىز كۈنلۈك لوندونغا سەپەر قىلىمەن، سەپەر قىلىشتىكى مەقسەت خەلقئارالىق ئىمتىھاندىن ئۆتۈش ئۈچۈن مەشىققە قاتنىشىش بولۇپ، مەشىققە قاتنىشىش ۋاقتى ئىپتار ۋاقتىدىن تۆت سائەت بۇرۇن باشلىنىپ، شام نامىزىغا ئەزان چىققانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ، بۇ مەشىققە دىققىتىنى بەك مەركەزلەشتۈرۈپ قاتنىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن روزا تۇتماي ئېغىز ئىچىۋەتسەم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: سىز يۇرتىڭىز دائىرىسىدىن ئايرىلغان كۈنى ۋە يۇرتىڭىزغا قايتىدىغان كۈنى روزا تۇتماستىن ئىپتار قىلسىڭىز توغرا بولىدۇ، ئەگەر سىز جىددىدىن پېشىندىن كېيىن سەپەر قىلماقچى بولسىڭىز، كېچىدىن باشلاپ روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىشىڭىز كېرەك، ھەتتا يۇرتىڭىز دائىرىسىدىن چىققانغا قەدەر روزىنى داۋاملاشتۇرىسىز، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىپتار قىلسىڭىز توغرا بولىدۇ.

    شۇنىڭدەك سىز سەپەردىن قايتقان كۈندىمۇ، شۇ يۇرتنىڭ دائىرىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىپتار قىلسىڭىز توغرا بولىدۇ.

    كۈندۈزى سەپەر قىلغان كىشىنىڭ ئىپتار قىلىشىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقى، ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىبىدۇر. شۇنىڭدەك بۇ شەئبى، ئىسھاق ۋە داۋۇت زاھىرى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قارىشى بولۇپ، بۇ كۈچلۈك قاراشتۇر.

    ئۆلىمالار يەنى كۆپچىلىك ئۆلىمالار: كۈندۈزدە سەپەر قىلغان كىشىنىڭ شۇ كۈندە ئىپتار قىلىشى توغرا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ كۈچلۈك قاراشنىڭ دەلىلىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى جۇبەيردىن رىۋايەت قىلىنغان ئەسەردە مۇنداق دەيدۇ: "مەن رامىزان ئېيىدا مىسىرنىڭ پۇستات دېگەن جايدىن ئەبۇ بەسرەتىل غىپارى بىلەن كېمىگە چىقتىم، كېمە يولغا چېقىپ سەپەر دۇئاسىنى ئوقۇپ، (شەھەر دائىرىسىدىن ئايرىلماستىنلا) تاماقنى ئالدىدا قويۇپ، ماڭا: يېقىن كەلگىن دېدى، مەن: شەھەردىن ئايرىلمىدۇققۇ؟ دېسەم، ئەبۇ بەسرەتە: سەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى تەرك قىلماقچىمۇ؟ دەپ، تاماقنى يېيىشكە باشلىدى". [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى].

    ئاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: "بۇ ئەسەر سەھىھ بولسىمۇ، شەھەر دائىرىسىدىن چېقىپ تۇرالغۇ ئۆيلەر يوقالمىغۇچە ئىپتار قىلىش توغرا بولمايدۇ.

   ھەسەن بەسەرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سەپەرگە چىقىدىغان كۈنىدە خالىسا ئۆيدىن چىقىشتىن بۇرۇن ئىپتار قىلسىمۇ بولىدۇ، ئەتا ئىبنى رەباھدىن بۇنىڭغا ئوخشاش قاراش رىۋايەت قىلىنغان.

    ئىبنى ئابدۇل بەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەسەن بەسەرىنىڭ سۆزى قائىدىنىڭ سىرتىدىكى قاراش بولۇپ، ئەقلى تەرەپتىن ۋە دەلىل تەرەپتىنمۇ مۇقىم تۇرغان كىشىنىڭ ئىپتار قىلىشى توغرا بولمايدۇ. ھەسەن بەسەرىدىن بۇنىڭ ئەكسىدە يەنە بىر قاراش رىۋايەت قىلىنغان". ["ئەلمۇغنى" 3-توم 117-بەت].

    ئىككىنچى: سەپەر قىلغان كىشى بىر شەھەردە تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشنى مەقسەت قىلسا، مالىكى، شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھىپىدىكى كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىغا كۆرە، مۇقىمنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، روزا تۇتۇش ۋە نامازنى قەسىر قىلماستىن تولۇق ئوقۇش قاتارلىق ئەمەللەرنى مۇقىم تۇرىۋاتقان كىشىلەرگە ئوخشاش ئادا قىلىدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سەپەر قىلغان كىشى بىر يۇرتتا تۆت كۈنلۈكتىن ئارتۇق پەرز نامازنى ئوقۇشنى مەقسەت قىلسا يەنى تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشنى مەقسەت قىلسا ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىدۇ. بۇ ئىمام ئەھمەدتىن بولغان مەشھۇر قاراشتۇر. ئەسرەم، مىرۋەزى ۋە باشقىلارنىڭ ئىمام ئەھمەدتىن قىلىنغان رىۋايىتىدىمۇ: بىر كىشى تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشنى مەقسەت قىلسا تولۇق ئوقۇيدۇ، ئۇنىڭدىن ئاز تۇرۇشنى مەقسەت قىلسا قەسىر ئوقۇيدۇ دېيىلگەن، بۇ ئىمام مالىك، شافىئىي ۋە ئەبۇ سۈر قاتارلىق ئالىملارنىڭمۇ قارىشىدۇر". ["ئەلمۇغنى" 2-توم 65-بەت].                                       

    دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 8-توم 99-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "نامازنى قەسىر ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنىدىغان سەپەر بولسا كىشىلەرنىڭ ئادىتىدە سەپەر دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ۋە سەكسەن كىلو مېتىر مۇساپىدىكى سەپەر بولىشى كېرەك، ھەر قانداق بىر كىشى مۇشۇ مۇساپىدە ياكى بۇنىڭدىن يىراقراق مۇساپىدە سەپەر قىلىشنى قىلىدىكەن ئۇ كىشىگە پۇتىغا كىيگەن ئۆتۈك، مەيسە، پايپاق قاتارلىق نەرسىلەرگە ئۈچ كېچە-كۈندۈز مەسھى قىلىش، ئىككى نامازنى بىرگە ئوقۇش، قەسىر ئوقۇش، رامىزاندا روزا تۇتماسلىق قاتارلىق سەپەرنىڭ رۇخسەتلىرى بېرىلىدۇ، ئەگەر بۇ كىشى بارغان يۇرتتا تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن ئۇنىڭغا سەپەرنىڭ رۇخسىتى بېرىلمەيدۇ، ئەمما تۆت كۈن ياكى ئۇنىڭدىن ئازراق تۇرۇشنى مەقسەت قىلسا، سەپەرنىڭ رۇخسىتى بېرىلىدۇ، سەپەر قىلغان كىشى بارغان يۇرتتا ئۆز ئىشىنىڭ قاچان تۈگەيدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن ۋە قانچىلىك تۇرۇشنىمۇ بىلمەيدىغان بولسا، گەرچە ئۇ كىشى بۇ يۇرتتا قانچىلىك تۇرۇپ قالسا شۇ مۇددەتتە سەپەرنىڭ رۇخسىتى بېرىلىدۇ، بۇ ھۆكۈمدە قۇرقلۇقتا ياكى دېڭىزدا سەپەر قىلسۇن ئوخشاش ۋە بۇنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق".

    ئەگەر ئۇ كىشى لوندوندا سەككىز كۈن تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ بۇ جەرياندا نامازنى قەسىر ئوقۇشى ۋە روزا تۇتماسلىقى توغرا بولمايدۇ.

  يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن قىيىنچىلىق ۋە يېغىنغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش قاتارلىق ئىشلار سىزنىڭ روزا تۇتماسلىقىڭىزغا سەۋەپ بولالمايدۇ. بۇ ھەتە 132438 - 141646 بۇ نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى