بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنجى:
بىر قوي قۇربانلىقى بىر كىشىنىڭ ئۆزى، ئائىلىسى ۋە مۇسۇلمانلاردىن خالىغان كىشىدىن كۇپايە قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۇتى، تىزى، كۆزى قارا، مۈڭگۈزلۈك قوي ئەكىلىشنى بۇيرىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ قوينى بوغۇزلايدىغان يەرگە ئېلىپ كېلىپ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: ئى ئائىشە! پىچاقنى ئېلىپ كىلىڭ!- دېدى، پىچاقنى ئېلىپ كەلگەندە، پىچاقنى ئېلىپ، قوينى تۇتۇپ ياتقۇزدى، بوغۇزلاشقا تەييار قىلغاندىن كىيىن: بىسمىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئى ئاللاھ مۇھەممەدتىن، مۇھەممەدنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ۋە مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتىدىن قوبۇل قىلغىن،- دەپ قوينى قۇربانلىق قىلدى». [مۇسلىم رىۋايىتى].
ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارى - ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن - مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە بىر كىشى بىر قوينى ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلاتتى، ئۇلار قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن يەيتتى ۋە باشقىلارغا بېرەتتى. [ئىبنى ماجە ۋە تىرمىزى سەھىھ دەپ رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 1216- نومۇرلۇق ھەدىستە سەھىھ دەپ باھا بەرگەن].
بىر كىشى بىر قوي ياكى بىر ئۆچكىنى ئۆزى ۋە ئەھلى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلسا، بۇ قۇربانلىق ئائىلىسىدىن ئۇ كىشى نىيەت قىلغان ھايات ۋە ۋاپات بولغان ھەممە كىشىگە كۇپايە قىلىدۇ، ئەگەر ئومۇمى ياكى خۇسۇسىي بىرسىنى مەقسەت قىلمىسا، ئۇنىڭ ئەھلى ئىچىگە ئۆرپدە ۋە لۇغەتتە "ئەھلى" دېگەن سۆز ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھەممە كىشى كىرىدۇ، "ئەھلى" ئۆرپدە: ئۇ كىشى تەمىنات بېرىدىغان ئايالى، بالىلىرى ۋە يېقىن تۇغقانلىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، لۇغەتتە: ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى، دادىسىنىڭ ئەۋلادلىرى، چوڭ دادىسىنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە چوڭ دادىسىنىڭ دادىسىنىڭ ئەۋلاتلىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.
بىر تۆگە ياكى بىر كالىنىڭ يەتتىدىن بىرى بىر قوينىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ، بىر كىشى تۆگىنىڭ ياكى كالىنىڭ يەتتىدىن بىرىنى ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلسا ئۇ ئۇلارغا كۇپايە قىلىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆگىنىڭ ياكى كالىنىڭ يەتتىدىن بىرىنى ھەجدىكى ھەدىيىدە بىر قوينىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان قىلىپ بەلگىلىگەن، ھەدىيە بىلەن قۇربانلىقنىڭ ئارىسىدا پەرق بولمىغانلىقى ئۈچۈن قۇربانلىقتىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
ئىككىنچى:
بىر قوينى ئىككى ياكى كۆپرەك كىشىلەر سېتىۋېلىپ قۇربانلىق قىلغان بولسا، بۇ بىر قوي ئىككى كىشىگە كۇپايە قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ قۇرئان-ھەدىستە بايان قىلىنمىدى، شۇنىڭدەك تۆگە ياكى كالىدا سەككىز ياكى كۆپرەك كىشىلەر شېرىك بولسا توغرا بولمايدۇ، (تۆگە ياكى كالىدا يەتتە كىشى شېرىك بولسا كۇپايە قىلىدۇ)، چۈنكى ئىبادەت دېگەن شەرىئەتنى بەلگىلىگۈچى تەرىپىدىن توختىتىلغان بولىدۇ، ئۇنىڭ سان-سۈپىتىدە بەلگىلىگەندىن ئۆتۈپ كېتىش توغرا بولمايدۇ. ساۋاپتا شېرىك بولۇشقا بولىدىغان بۇنىڭدىن باشقا ئەمەللەردە كۆپ كىشىلەر شېرىك بولسا بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.